205. باب ۋىتىر نامىزىغا رىغبەتلەندۈرۈش، ئۇنىڭ سۈننەتى مۇئەككەدە ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ۋاقتى توغرىسىدا
1132. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ۋىتىر نامىزى پەرز نامازدەك پەرز قىلىنغان ئەمەس، لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى سۈننەت قىلىپ بېكىتىپ مۇنداق دېگەن: « إنَّ اللَّه وِترٌ يُحِبُّ الْوتْرَ، فأَوْتِرُوا، يَا أَهْلَ الْقُرْآنِ » « ئاللاھ تائالا تاقتۇر، تاقنى ياخشى كۆرىدۇ، ئى قۇرئان ئەھلى! ۋىتىر ئوقۇڭلار » .
― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ۋىتىر نامىزىنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكى. ۋىتىر نامىزىنى دائىم ئوقۇشنىڭ نىجات تېپىش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىشكە سەۋەب بولىدىغانلىقى.
1133. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىتىر نامىزىنى ھەر كېچىسى كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە ياكى ئوتتۇرىلىرىدا ۋەياكى ئاخىرىدا ئوقۇيتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋىتىر نامىزى تاڭ سۈزۈلۈشتىن بۇرۇن ئاخىرلىشىپ بولاتتى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ۋىتىر نامىزىنىڭ ۋاقتى خۇپتەن نامىزىنىڭ پەرزىدىن كېيىن تاكى تاڭ يورۇغۇچىلىك ئىكەنلىكى.
1134. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « اجْعلوا آخِرَ صلاتِكُمْ بِاللَّيْلِ وِتْراً » « كېچىسى ئوقۇلىدىغان ئاخىرقى نامىزىڭلار ۋىتىر نامىزى بولسۇن » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: تەراۋىھ نامىزى، تەھەججۇد ۋە نەفلى نامازلاردىن ئىبارەت كېچىدە ئوقۇلىدىغان نامازلاردىن كېيىن ئەقەللىيسى بىر رەكئەت ياكى تولۇقى ئون بىر رەكئەت ۋىتىر ئوقۇشنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكى، بۇنىڭدىكى ھېكمەت: ۋىتىر نامىزىنىڭ كېچىدە ئوقۇلىدىغان بارلىق نامازلاردىن ياخشى ئىكەنلىكى ۋە بىر كۈنلۈك ئەمەللەرنى ئەڭ ياخشى ئەمەل بىلەن ئاياغلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىش ئىكەنلىكى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كېچىنىڭ باش تەرىپىدە ناماز ئوقۇغانلىقى، بۇ ۋاقىتتا ناماز ئوقۇشقا بولىدىغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلىدۇ.
1135. ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « أَوْتِرُوا قبْلَ أَنْ تُصْبِحُوا » « تاڭ سۈزۈلۈشتىن ئىلگىرى ۋىتىر نامىزى ئوقۇڭلار » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1136. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىلىك نامىزىنى ئوقۇيتتى. ئائىشە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدا توغرىسىغا يېتىپ ئۇخلايتتى. ۋىتىر نامىزى قالغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشەنى ئويغىتاتتى. ئائىشەمۇ ۋىتىر نامىزىنى ئوقۇيتتى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
يەنە بىر رىۋايەتتە: ۋىتىر نامىزى قالغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « ئى ئائىشە! تۇرغىن، ۋىتىر ئوقۇغىن » ، دەيتتى، دېيىلگەن.
1137. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « بَادِروا الصُّبْحَ بالوِتْرِ » « تاڭ سۈزۈلۈشتىن ئىلگىرى ۋىتىر نامىزى ئوقۇشقا ئالدىراڭلار » . ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئويغىنالىشىغا ئىشەنچىسى بار كىشى ۋىتىر نامىزىنى تاڭ سۈزۈلۈشنىڭ ئالدىدىكى ۋاقىتقا قەدەر كېچىكتۈرۈپ ئوقۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى. ئەگەر كېچە ئاخىرىدا ئويغىنالىشىغا ئىشەنچىسى بولمىسا ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئوقۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.
1138. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « منْ خَاف أَنْ لا يَقُوم مِنْ آخرِ اللَّيْلِ، فَليُوتِرْ أَوَّلَهُ، ومنْ طمِع أَنْ يقُومَ آخِرَهُ، فَليوتِرْ آخِر اللَّيْل، فإِنَّ صلاة آخِرِ اللَّيْلِ مشْهُودةٌ، وذلكَ أَفضَلُ » « كىمكى كېچىنىڭ ئاخىرىسىدا تۇرالماسلىقتىن ئەنسىرىسە، كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدىلا ۋىتىر نامىزى ئوقۇۋالسۇن. كىمكى كېچىدە ئويغىنىشقا ئىشەنچىسى بولسا ۋىتىرنى كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇسۇن. ھەقىقەتەن كېچىنىڭ ئاخىرىدىكى ناماز پەرىشتىلەر ھازىر بولىدىغان نامازدۇر. شۇڭا، بۇ ۋاقىتتىكى ناماز ئەۋزەلدۇر » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن ئويغىنىشقا ئىشەنچىسى بار ئادەمنىڭ ۋىتىر نامىزىنى كېچىكتۈرۈپ ئوقۇشنىڭ ئەۋزەللىكى. چۈنكى، بۇ ۋاقىتتا خاتىرجەملىك ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى چۈشىدىغانلىقى.