204. باب مەيــلى تەكىــتلەنگەن بولـــسۇن ياكــى تەكىتــلەنــمىــگەن بولسۇن، نەفلى نامازنىڭ ئۆيدە ئوقۇلۇشىنىڭ ياخشىلىقى، نەفلى ئوقۇش ئۈچۈن پەرز ئوقۇغان جايدىن يۆتكىلىپ باشقا يەردە نەفلى ئوقۇش ياكى پەرز بىلەن نەفلىنىڭ ئارىسىدا سۆز قىلىۋېتىپ، ئاندىن نەفلى ئوقۇشقا بۇيرۇش توغرىسىدا
1128. زەيد ئىبن سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « صلُّوا أَيُّها النَّاسُ في بُيُوتِكُمْ، فَإنَّ أفضلَ الصَّلاةِ صلاةُ المَرْءِ في بَيْتِهِ إِلاَّ المكْتُوبَةَ » « ئى ئىنسانلار! سىلەر ئۆيلىرىڭلاردىمۇ ناماز ئوقۇڭلار، پەرزدىن قالسىلا كىشىنىڭ ئۆيىدە ئوقۇغان نامىزى ئەڭ ئەۋزەل نامازدۇر » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: نەفلى نامازلارنى ئۆيدە ئوقۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى. بۇنداق قىلىشنىڭ رىيادىن يىراق بولىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۆي ۋە ئۆي ئەھلىگە بەرىكەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى.
1129. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « اجْعَلُوا مِنْ صلاتِكُمْ في بُيُوتِكُمْ، ولا تَتَّخِذُوهِا قُبُوراً » « بەزى نامازلىرىڭلارنى ئۆيۈڭلاردا ئوقۇڭلار، ئۆيۈڭلارنى قەبرىستانلىقتەك (نامازدىن خالىي) قىلىپ قويماڭلار » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئۆينى ناماز ئارقىلىق ئاۋات قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، ئۆينى ياخشىلىق ۋە ياخشى ئەمەللەردىن خالىيلىقتا قەبرىگە ئوخشاش بولۇپ قېلىشتىن ساقلاش.
1130. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إذا قَضَى أَحَدُكُمْ صلاتَهُ في مسْجِدِهِ، فَلَيجْعَلْ لِبَيْتهِ نَصِيباً مِنْ صَلاتِهِ، فَإنَّ اللَّه جَاعِلٌ في بيْتِهِ مِنْ صلاتِهِ خَيْراً » « سىلەرنىڭ بىرەرسىڭلار مەسجىدتىكى نامىزىنى ئوقۇپ بولسا، ئۆز نامىزىدىن ئۆيگىمۇ نېسىۋە قالدۇرسۇن، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ ئۆيىدە ئوقۇغان نامىزىغا خەيرلىك ئاتا قىلغۇچىدۇر » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: نەفلى نامازلار ئارقىلىق ئۆيلەرنى ئاۋات قىلىپ تۇرۇش ئۆيلەرنىڭ ياخشىلىق ۋە بەرىكەتكە تولىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقى.
1131. ئەمر ئىبن ئەتائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، نافىئ ئىبن جۇبەير ئەمرىنىڭ ھەمشىرىسىنىڭ ئوغلى سائىبنىڭ قېشىغا مۇئاۋىيەنىڭ سائىبنىڭ ئوقۇغان نامىزىدىن كۆرۈپ قالغان بىر ئىش توغرۇلۇق سائىبدىن سوراپ كېلىشكە ئەۋەتتى. سائىب مۇنداق دېدى: « شۇنداق، مەن مۇئاۋىيە بىلەن مەسجىدنىڭ ئايرىم خانىسىدا جۈمە ئوقۇدۇم. ئىمام سالام بەرگەندە ئورنۇمدىن تۇرۇپ پەرز ئوقۇغان جايدا سۈننەت ئوقۇشقا باشلىدىم. مۇئاۋىيە ئۆيىگە بېرىپ ئادەم ئەۋەتىپ: ‹بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق قىلما، ئەگەر جۈمەنى ئوقۇپ بولساڭ، بىرەر سۆز قىلمىغۇچە ياكى ئۇ جايدىن يۆتكىلىپ كەتمىگۈچە ناماز ئوقۇما، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇشۇنداق قىلىشقا بۇيرۇغان›، دېدى » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەرز ناماز بىلەن سۈننەت ناماز ئارىلىقىنى سۆز ياكى مەسجىدتىن ئۆيگە چىقىش ۋەياكى ناماز ئوقۇغان ئورۇندىن يۆتكىلىش ئارقىلىق ئايرىشنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكى.