203. باب جۈمە نامىزىنىڭ سۈننىتى توغرىسىدا
يۇقىرىدا ئىبن ئۇمەردىن رىۋايەت قىلىنغان 1098- ھەدىستە ئىبن ئۇمەرنىڭ جۈمەدىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان.
1126. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إذا صَلَّى أَحدُكُمُ الجُمُعَةَ، فَلْيُصَلِّ بعْدَهَا أَرْبعاً » « سىلەردىن بىرسىڭلار جۈمەنىڭ پەرزىنى ئوقۇپ بولسا، جۈمەدىن كېيىن تۆت رەكئەت ناماز ئوقۇسۇن » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: جۈمە نامىزىدىن كېيىن تۆت رەكئەت ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇش بەش ۋاخ پەرز نامازدىن ئارتۇق پەرز نامازنىڭ بولمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئوچۇق ھەدىسلەرگە ئاساسەن ۋاجىپلىقنى بىلدۈرىدىغان بۇيرۇق ئەمەس.
1127. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۈمەنىڭ پەرزىدىن كېيىن باشقا ناماز ئوقۇماستىن ئۆيىگە قايتىپ ئۆيىدە ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئىككى رەكئەت ياكى تۆت رەكئەت نامازنى ئۆيدە ئوقۇيدىغانلىقى. مانا بۇ سۈننەتتۇر.