27. باب مۇسۇلمانلارغا چېقىلماسلىق، ئۇلارغا مېھىر- شەپقەت قىلىش، كۆيۈنۈش ۋە ئۇلارنىڭ ھەقلىرىگە رىئايە قىلىش توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَن يُعَظِّمْ حُرُمَاتِ اللَّهِ فَهُوَ خَيْرٌ لَّهُ عِندَ رَبِّهِ﴾ كىمكى ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنىڭ ئەھكاملىرىنى ئۇلۇغلىسا، (يەنى ھەج جەريانىدا ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، مەنئى قىلغان ئىشلىرىدىن چەكلەنسە) بۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ (دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكى) ئۈچۈن ياخشىدۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ھەج 30- ئايەت)
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَن يُعَظِّمْ شَعَائِرَ اللَّهِ فَإِنَّهَا مِن تَقْوَى الْقُلُوبِ﴾ كىمكى دىنىي ئىشلارنى ئۇلۇغلايدىكەن، (جۈملىدىن ھەجنىڭ ئەمەللىرىنى، قۇربانلىقلارنى) بۇ دىللارنىڭ تەقۋالىقىدىندۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ھەج 32- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَاخْفِضْ جَنَاحَكَ لِلْمُؤْمِنِينَ﴾ مۇئمىنلەرگە كەمتەر بولغىن . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ھىجىر 88- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿مَن قَتَلَ نَفْسًا بِغَيْرِ نَفْسٍ أَوْ فَسَادٍ فِي الأَرْضِ فَكَأَنَّمَا قَتَلَ النَّاسَ جَمِيعًا وَمَنْ أَحْيَاهَا فَكَأَنَّمَا أَحْيَا النَّاسَ جَمِيعًا﴾ كىمكى ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمىگەن، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرسە، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندەك بولىدۇ. كىمكى بىر ئادەمنى تىرىلدۈرسە (يەنى قۇتقۇزسا ياكى ھايات قېلىشىغا سەۋەبچى بولسا) ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى تىرىلدۈرگەندەك بولىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە مائىدە 32- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
222. ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « الْمُؤْمنُ للْمُؤْمِن كَالْبُنْيَانِ يَشدُّ بعْضُهُ بَعْضاً » « مۇئمىن مۇئمىن ئۈچۈن بۆلەكلىرى بىر-بىرىنى چىڭىتىپ تۇرغان بىناغا ئوخشايدۇ » ، دەپ بارماقلىرىنى بىر-بىرىگە كىرىشتۈرۈپ كۆرسەتتى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ھەدىستە خۇددى بىنانىڭ بۆلەكلىرى بىر-بىرىنى چىڭىتىپ تۇرمىسا، ئۆرۈلۈپ چۈشكەندەك، مۇئمىن بىلەن مۇئمىننىڭ بارلىق ئىشلاردا ئۆزئارا ھەمكارلىشىشى، ئىتتىپاقلىشىشى كېرەكلىكى بايان قىلىنغان.
2) مۇئمىن ئادەم جامائەتتىن ئايرىلغان ھالدا، دىنىي ۋە دۇنياۋى ئىشلىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدىغانلىقى، ئۇ چوقۇم ئۆزىنىڭ مۇئمىن بۇرادىرى بىلەن ھەمكارلىشىشى، ئىتتىپاقلىشىشى زۆرۈر ئىكەنلىكى، ئۇنداق قىلالمايدىكەن، ئۇ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا ئاجىزلىق قىلىدىغانلىقى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلىرى قالايمىقانلىشىپ كېتىدىغانلىقى، ئاخىرىدا ھالاك بولغۇچىلاردىن بولۇپ قالىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
223. ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَن مَرَّ فِي شَيْءٍ مِنْ مَسَاجِدِنَا، أَوْ أَسْوَاقِنَا، ومَعَه نَبْلٌ فَلْيُمْسِكْ، أَوْ لِيَقْبِضْ عَلَى نِصالِهَا بِكفِّهِ أَنْ يُصِيب أَحَداً مِنَ الْمُسْلِمِينَ مِنْهَا بِشَيْءٍ » « كىمكى بىزنىڭ مەسجىدلىرىمىزدىن ياكى بازارلىرىمىزدىن ئۆتسە ئۇنىڭ يېنىدا ئوق بولسا، ئۇنى ئېھتىيات بىلەن تۇتسۇن ياكى ئوق ئۇچىدىكى تۆمۈرنى سىقىمدىۋالسۇن، ھەتتاكى بىرەرسىگە زىيان يەتكۈزۈپ قويمىغاي » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ئۈممىتىگە ناھايىتى رەھىمدىل ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ سالامەت بولۇشىغا ھېرىس ئىكەنلىكى.
2) ئىسلام دىنىدا قورال كۆتۈرۈشتىكى رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئەدەپ-قائىدىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى.
3) باشقىلارغا ھۇجۇم قىلىش، تەھدىت سېلىپ قورقۇتۇش ۋە ياكى ھېچقانداق مەقسەتسىز ھالدا قورال كۆتۈرۈپ يۈرۈشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكى.
224. نوئمان ئىبن بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مثَلُ الْمُؤْمِنِينَ فِي تَوَادِّهِمْ وتَرَاحُمِهِمْ وتَعاطُفِهِمْ، مَثَلُ الْجَسَدِ إِذَا اشْتَكَى مِنْهُ عُضْوٌ تَداعَى لهُ سائِرُ الْجسدِ بالسهَرِ والْحُمَّى » « مۇئمىننىڭ مىسالى ئۆزئارا دوستلىشىش، كۆيۈنۈش ۋە يار يۆلەك بولۇشتا بىر پۈتۈن بەدەنگە ئوخشايدۇ. بەدەندىن بىرەر ئەزا ئاغرىسا، پۈتۈن بەدەندىن ئۇيقۇ قېچىپ ۋە قىزىپ ئارامسىزلىنىدۇ » .
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: جەمئىيەتتە مېھىر-مۇھەببەت، كۆيۈنۈش ۋە ھەمكارلىق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىكەن، بۇنداق جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ خۇشاللىقى ۋە قايغۇ-ھەسرىتى ئورتاق بولىدۇ. «سەھىھۇل مۇسلىم»دا نوئمان رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « اَلْمُؤْمِنُ كَرَجُلٍ وَاحِدٍ إِذَا اِشْتَكَى عَيْنُهُ اِشْتَكَى كُلُّهُ وَإِذَا اِشْتَكَى رَأْسُهُ إِشْتَكَى كُلُّهُ » «مۇئمىنلەر گويا بىر ئادەمگە ئوخشايدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ كۆزى ئاغرىسا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭدىن بىئارام بولىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ بېشى ئاغرىسا، ئۇلار ھەممىسى بۇنىڭدىن ئارامسىزلىنىدۇ».
225. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى سۆيۈپ قويدى. ئۇلارنىڭ قېشىدا ئەقرەب ئىبن ھارىس بار ئىدى. ئۇ: « ھەقىقەتەن مېنىڭ ئون ئوغلۇم بار، مەن ئۇلارنىڭ بىرەرىنىمۇ سۆيۈپ قويغىنىم يوق » ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا قاراپ قويۇپ: « مَن لا يَرْحمْ لا يُرْحَمْ » « رەھىم قىلمىغان كىشىگە ئاللاھ تائالا رەھىم قىلمايدۇ » ، دېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) باشقىلارغا رەھىم قىلمىغان، ياخشىلىق قىلمىغان ئادەمنىڭ ساۋاب-ئەجىرگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقى.
2) دادىنىڭ بالىلىرىنى ئەركىلىتىپ، مېھىر بىلەن سۆيۈشى ياخشى ئىش ئىكەنلىكى.
226. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئەئرابىلاردىن بىر توپ ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كەلدى. ئۇلار: « سىلەر بالىلىرىڭلارنى سۆيەمسىلەر؟»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « نَعَمْ » « ھەئە » ، دېۋىدى، ئۇلار: « ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، بىز ئۇلارنى سۆيمەيمىز » ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « أَوَ أَمْلِكُ إِنْ كَانَ اللَّه نَزعَ مِنْ قُلُوبِكُمْ الرَّحمَةَ » « ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ دىلىڭلاردىن رەھىمدىللىكنى كۆتۈرۈۋەتسە، مەن ئۇنى سىلەرنىڭ دىلىڭلارغا سالالامتىم؟»، دېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
227. جەرىر ئىبن ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ لا يرْحَم النَّاس لا يرْحمْهُ اللَّه » « كىشىلەرگە رەھىم قىلمايدىغان ئادەمگە ئاللاھ تائالامۇ رەھىم قىلمايدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئاللاھ تائالانىڭ جىمىي مەخلۇقاتلىرىغا، ھەتتا ھايۋاناتلارغىمۇ رەھىمدىل بولۇش مۇسۇلماندا بولۇشقا تېگىشلىك خىسلەت ئىكەنلىكى، ئىنسانغا بولغان رەھىمدىللىكنى تەكىتلەش يۈزىسىدىن ھەدىستە ئىنسان تىلغا ئېلىنغانلىقى.
2) مەخلۇقاتلار تەرىپىدىن بولىدىغان رەھىمدىللىك، مېھىر-شەپقەت مەنىسىدە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بولىدىغان رەھىمدىللىك ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلىرىغا نېئمەت ئاتا قىلىشى مەنىسىدە بولىدىغانلىقى.
228. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِذا صلى أَحدُكُمْ للنَّاسِ فلْيُخَفِّفْ، فَإِنَّ فِيهِمْ الضَّعِيفَ وَالسقيمَ والْكَبِيرَ. وإِذَا صَلَّى أَحَدُكُمْ لِنَفْسِهِ فَلْيطَوِّل ما شَاءَ » وفي رواية «وذا الحاجة» « سىلەردىن بىر كىشى كىشىلەرگە ئىمام بولغاندا، نامازنى يەڭگىل ئوقۇسۇن، چۈنكى جامائەت ئىچىدە ئاجىز، كېسەل، ياشانغان ۋە ئىش-كۈشى بار ئادەملەر بولىدۇ. ئۆزۈڭلار نامازنى يالغۇز ئوقۇغاندا، خالىغىنىڭلارچە ئۇزۇن ئوقۇساڭلار بولىۋېرىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئىمام جامائەتكە ئىمامەتچىلىك قىلغاندا، قىسقا سۈرىلەرنى ئوقۇشى، رۇكۇ ۋە سەجدەلەردە تەسبىھنى ئۈچ قېتىم ئوقۇشى بىلەن نامازنى يەڭگىل ئوقۇشى، ئەمما مۇئەييەن ئادەمگە ئىمامەتچىلىك قىلغاندا، بۇ كىشىلەر نامازنى ئۇزۇنراق ئوقۇشقا رازى بولغان ئەھۋالدا نامازنى ئۇزۇنراق، ئالدىرىماي ئوقۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، ئەمما ھەدىستە ئېيتىلغاندەك ناماز ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ئۆزرىلىك ئادەملەر بولغاندا نامازنى ئوزۇن ئوقۇشنىڭ مەكرۇھ ئىكەنلىكى.
2) ئىسلام دىنىنىڭ كىشىلەرگە ئاسانلىقنى كۆزدە تۇتىدىغان دىن ئىكەنلىكى، ناماز ئوقۇغۇچىلارغا قىيىنچىلىق بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن، ئۇلاردىن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدىغانلىقى.
229. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئەمەللەرنىمۇ كىشىلەر ئۇنى قىلىۋېرىپ، پەرز قىلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ قىلمايتتى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىي ئىشلاردا ئۆز ئۈممىتىگە ئېغىر كېلىپ قالماسلىقى، ئورۇنداشقا ئاجىزلىق قىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇلارغا ئاسانلاشتۇرۇش، يەڭگىللەشتۈرۈشكە ھېرىسمەن ئىكەنلىكى.
230. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرگە كۆيۈنۈش يۈزىسىدىن، ئۇلارنى روزا تۇتقاندا ئۇزۇن مۇددەت ئېغىز ئاچماستىن ئىككىنچى كۈنى ئۇلاپ روزا تۇتۇشتىن چەكلىگەندە، ساھابىلەر: « سەن ئۇلاپ روزا تۇتىسەنغۇ؟»، دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « إِنِّي لَسْتُ كَهَيئَتِكُمْ إِنِّي أَبِيتُ يُطْعِمُني رَبِّي ويَسْقِيني » « مەن سىلەرگە ئوخشىمايمەن، مەن يېمىسەممۇ، ئىچمىسەممۇ ماڭا ئاللاھ تائالا يېگەننىڭ، ئىچكەننىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىنى بېرىپ تۇرىدۇ » ، دېدى.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ھەدىستىكى چەكلەشنىڭ مەنىسى ئۇزۇن ۋاقىت ئارقىمۇئارقا ئۇلاپ روزا تۇتۇشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىكى ھېكمەت بەندىنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىشى، زېرىكىپ قېلىشى ۋە باشقا ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشىغا قۇربى يەتمەي قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىكەنلىكى، ھالبۇكى ئۇدا ئۇلاپ روزا تۇتۇش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خاس ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى.
231. ھارىس ئىبن رەبىئى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِنِّي لأَقُومُ إِلَى الصَّلاةِ، وَأُرِيدُ أَنْ أُطَوِّل فِيها، فَأَسْمعُ بُكَاءَ الصَّبِيِّ، فَأَتَجوَّزَ فِي صلاتِي كَرَاهِيَةَ أَنْ أَشُقَّ عَلَى أُمِّهِ » « مەن نامازنى ئۇزۇن ئوقۇماقچى بولىمەن، نامازدا تۇرۇپ بالىنىڭ يىغلىغانلىقىنى ئاڭلىسام، ئانىسىنى بىئارام قىلىپ قويماي دەپ نامازنى قىسقىراق ئوقۇيمەن » . ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىگە ناھايىتى رەھىمدىل ئىكەنلىكى، ھەر دائىم چوڭ-كىچىك ھەممەيلەننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى نەزەرگە ئالىدىغانلىقى.
232. جۇندۇپ ئىبن ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « منْ صَلَّى صَلاةَ الصُّبحِ فَهُوَ فِي ذِمةِ اللَّه فَلا يطْلُبنَّكُمْ اللَّهُ مِنْ ذِمَّتِهِ بِشَيْءٍ، فَإِنَّهُ منْ يَطْلُبْهُ مِنْ ذِمَّتِهِ بِشَيْءٍ يُدرِكْه، ثُمَّ يكُبُّهُ عَلَى وجْهِهِ في نَارِ جَهَنَّم » « كىمكى بامداتنى ئوقۇسا، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ كېپىللىكىدە بولغان بولىدۇ. ئاللاھ تائالا سىلەردىن ئۆز كېپىللىكىدىكى كىشى توغرۇلۇق ھىساب ئېلىپ قالمىسۇن. ئاللاھ تائالا ئۆز كېپىللىكىدىكى كىشى توغرۇلۇق ھىساب ئېلىپ قالسا، ئۇنى تۇتۇپ يۈزى بىلەن دوزاخقا تاشلايدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ھەدىستىكى ئەۋزەللىك بامدات نامىزىغا خاس قىلىنغان، چۈنكى بۇ بىر كۈننىڭ باشلىنىشى، كىشىلەرنىڭ ئۆز ھاجەتلىرى ئۈچۈن زېمىنغا تارىلىدىغان ۋاقتى ئىكەنلىكى.
2) ناماز بامداتنى تەرك ئېتىش ئاللاھ تائالا بىلەن مۇئمىن ئوتتۇرىسىدىكى ئەھدىگە خىلاپ ئىكەنلىكى.
233. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « المُسْلِمُ أَخُو المُسْلِمِ، لا يظْلِمُه، ولا يُسْلِمهُ، منْ كَانَ فِي حَاجَةِ أَخِيهِ كَانَ اللَّهُ فِي حاجتِهِ، ومَنْ فَرَّج عنْ مُسْلِمٍ كُرْبةً فَرَّجَ اللَّهُ عنْهُ بِهَا كُرْبَةً مِنْ كُرَبِ يوْمَ الْقِيامَةِ، ومَنْ ستر مُسْلِماً سَتَرهُ اللَّهُ يَوْم الْقِيَامَةِ » « مۇسۇلمانلار ئۆزئارا قېرىنداش، (ئۇنى زىيان-زەخمەتكە ئۇچراشتىن قوغدايدۇ ياكى ئۇنىڭ بېشىغا بىرەر مۇسىبەت كەلسە، تەسەللىي بېرىدۇ ۋە ياردەمدە بولىدۇ، دېگەن مەنىدە. ― ت) بىر-بىرىگە زۇلۇم قىلمايدۇ ۋە بىر-بىرىنى تاشلىۋەتمەيدۇ. كىمكى مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ ھاجىتىدىن چىقسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدۇ. كىمكى مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقلىرىنى كۆتۈرۈۋەتسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن قىيامەت كۈنىنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپسا، قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ » .
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
234. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « المُسْلِمُ أَخُو الْمُسْلِم لا يخُونُه ولا يكْذِبُهُ ولا يخْذُلُهُ، كُلُّ الْمُسْلِمِ عَلَى الْمُسْلِمِ حرامٌ عِرْضُهُ ومالُه ودمُهُ التَّقْوَى هَاهُنا، بِحسْبِ امْرِىءٍ مِنَ الشَّرِّ أَنْ يَحْقِرَ أَخاهُ المسلم » « مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر. ئۇ قېرىندىشىغا خىيانەت قىلمايدۇ، يالغانچىلىق قىلمايدۇ. ئۇنى ياردەمسىز قالدۇرمايدۇ. ھەر قانداق بىر مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلماننىڭ ئابرۇيىغا، مېلىغا چېقىلىشى، قېنىنى تۆكۈشى مەنئى قىلىنغان. تەقۋالىق مانا بۇ يەردە (يەنى دىلدا). ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنى ھاقارەتلىگەنلىكى كىشىنىڭ يامان ئىكەنلىكىگە يېتەرلىكتۇر » .
― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
235. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « لا تَحاسدُوا ولا تناجشُوا ولا تَباغَضُوا ولا تَدابرُوا ولا يبِعْ بعْضُكُمْ عَلَى بيْعِ بعْضٍ، وكُونُوا عِبادَ اللَّه إِخْواناً. المُسْلِمُ أَخُو الْمُسْلِم لا يَظلِمُه ولا يَحْقِرُهُ ولا يَخْذُلُهُ، التَّقْوَى هَاهُنا » « ھەسەت قىلىشماڭلار ۋە باھانى يۇقىرى قويۇپ خېرىدارنى ئالدىماڭلار (يەنى يالغاندىن بىر ئادەمنى خېرىدار قىلىپ كۆرسىتىپ، مال باھاسىنى ئۆستۈرمەكچى بولغانلىقنى كۆرستىدۇ. ― ت)، دۈشمەنلەشمەڭلار، ئۆزئارا ئارازلاشماڭلار، بىر-بىرىڭلارنىڭ سودىسىنى بۇزماڭلار. ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! ئۆزئارا قېرىنداش بولۇپ ياشاڭلار، مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر. مۇسۇلمان قېرىندىشىغا زۇلۇم قىلمايدۇ ۋە ئۇنى كەمسىتمەيدۇ. بېشىغا كۈن چۈشكەندە ياردەمسىز قالدۇرمايدۇ. تەقۋالىق مانا بۇ يەردە » ، دەپ كۆكرىكىگە ئۈچ قېتىم ئىشارەت قىلدى. ئاندىن « بِحسْبِ امْرِيءٍ مِنَ الشَّرِّ أَنْ يَحْقِر أَخاهُ المسلم. كُلَّ الْمُسْلِمِ عَلَى الْمُسْلِمِ حرامٌ دمُهُ ومالُهُ وعِرْضُهُ » « مۇسۇلماننىڭ قېرىنىدىشىنى ھاقارەتلىگەنلىكى شۇ كىشىنىڭ يامان ئىكەنلىكىگە يېتەرلىكتۇر. مۇسۇلماننىڭ قېنى ۋە مېلى ۋە ئابرۇيىغا چېقىلىش ھارامدۇر » ، دېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ھەسەتخورلۇقنىڭ ئاللاھ تائالاغا بويۇنتاۋلىق قىلىش، قارشىلىق قىلىش بولۇپ، ھارام ئىكەنلىكى.
2) يالغاندىن بىر ئادەمنى خېرىدار قىلىپ كۆرسىتىپ، مالنى يۇقىرى باھادا ساتماقچى بولۇش ئالدامچىلىق بولۇپ، ھارام ئىكەنلىكى.
3) شەرىئەتكە ئۇيغۇن ئۆزرىسى بولغاندىن باشقا خىل ئەھۋالدا مۇسۇلمان قېرىندىشىغا ئۈچ كۈندىن ئارتۇق گەپ قىلماسلىقنىڭ ھارام ئىكەنلىكى.
4) خېرىدارغا ئوخشاش مالنى ئۇنىڭدىن ئەرزان بېرىدىغانلىقى بىلەن بىر ئادەمنىڭ سودىسىنى بۇزۇشتىن چەكلەش، چۈنكى بۇنداق قىلىش كىشىلەر ئارىسىغا ئۆچ-ئاداۋەت ئۇرۇقلىرىنى چاچىدىغانلىقى.
236. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا يُؤْمِنُ أَحدُكُمْ حتَّى يُحِبَّ لأَخِيهِ مَا يُحِبُّ لِنَفْسِهِ » « سىلەردىن ھەر قانداق بىر كىشى ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىنى قېرىندىشىغىمۇ ياخشى كۆرگەندىلا ئاندىن مۇسۇلمانى كامىل ھېسابلىنىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
237. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « انْصُرْ أَخَاكَ ظَالِماً أَوْ مَظْلُوماً » « زۇلۇم قىلغۇچى بولسۇن ياكى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى بولسۇن قېرىندىشىڭغا ياردەم قىلغىن » ، دېگەندە، بىر كىشى: « ئى رەسۇلۇللاھ! قېرىندىشىم زۇلۇمغا ئۇچرىغان بولسىغۇ ياردەم قىلارمەن، ئېيتىپ باققىنە، زۇلۇم قىلغۇچىغا قانداق ياردەم قىلىمەن؟»، دېدى. رەسۇلۇللاھ: « تَحْجُزُهُ أَوْ تَمْنعُهُ مِنَ الظُّلْمِ فَإِنَّ ذلِك نَصْرُهْ » « ئۇنى زۇلۇم قىلىشتىن توسقىن، ھەقىقەتەن ئۇ ئۇنىڭغا ياردەم ھېسابلىنىدۇ » ، دېدى. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەسلەپكى سۆزى ئەرەبلەرنىڭ جاھىلىيەت دەۋرىدىكى كۈچلۈك قەبىلىۋازلىق، يەنى قانداقلا بولسۇن ئۆز قەبىلىسىنىڭكىنى توغرا دەپ قارايدىغان خاھىشىنى بايان قىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ بۇ خىل ناتوغرا خاھىشنى بىكار قىلىپ، ھەققانىيەت تەرەپتە تۇرۇشقا دەۋەت قىلىدىغانلىقىنى شەرھىلەپ بەرگەن.
238. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « حقُّ الْمُسْلمِِ عَلَى الْمُسْلِمِ خمسٌ: رَدُّ السَّلامِ، وَعِيَادَةُ الْمرِيضَ، واتِّبَاعُ الْجنَائِزِ، وإِجابة الدَّعوةِ، وتَشمِيت العْاطِسِ » « مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندا بەش تۈرلۈك ھەققى بولىدۇ: سالامنى ئىلىك ئېلىش، كېسەلنى يوقلاش، جىنازىنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىش، چاقىرغان يەرگە بېرىش ۋە چۈشكۈرگەن كىشى الحَمْدُ لِلَّهِ يەنى، جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھ تائالاغا خاستۇر دېسە، يَرْحَمُكَ اللَّهِ يەنى ئاللاھ تائالا ساڭا رەھمەت قىلسۇن، دېيىش » .
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « حق الْمُسْلمِ سِتٌّ: إِذا لقِيتَهُ فسلِّم عليْهِ، وإِذَا دَعاكَ فَأَجبْهُ، وَإِذَا اسْتَنْصَحَكَ فَانْصحْ لهُ، وإِذا عطَس فحمِد اللَّه فَشَمِّتْهُ، وَإِذَا مرِضَ فَعُدْهُ، وَإِذَا ماتَ فاتْبعهُ » « مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندا ئالتە تۈرلۈك ھەققى بولىدۇ: ئۇچراشساڭ سالام بەرگىن، چاقىرغان يەرگە بارغىن، ئەگەر سەندىن نەسىھەت تەلەپ قىلسا، نەسىھەت قىلىپ قويغىن، چۈشكۈرۈپ الحَمْدُ لِلَّهِ يەنى جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھ تائالاغا خاستۇر دېسە، يَرْحَمُكَ اللَّهِ يەنى ئاللاھ تائالا ساڭا رەھمەت قىلسۇن، دەپ جاۋاب قايتۇرغىن، كېسەل بولۇپ قالسا يوقلىغىن، ئۆلۈپ كەتسە، جىنازىسىغا ئەگەشكىن » ، دېگەن، دېيىلگەن.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئەگەر سالام قىلىنغۇچى بىر ئادەم بولسا، ئۇنىڭغا سالام قايتۇرۇش پەرز ئەيىن ھېسابلىنىدۇ. ناۋادا سالام قىلىنغۇچى جامائەت بولسا، سالام قايتۇرۇش پەرز كۇپايە ھېسابلىنىدۇ.
2) كېسەلنى يوقلاش سۈننەتتۇر، ئەمما ئاغرىپ قالغۇچى ئۇرۇق-تۇغقان، قولۇم-قوشنا ۋە ياردەمگە، يار-يۆلەككە موھتاج كىشىلەر بولغاندا، كېسەل يوقلاش ۋاجىپ بولىدۇ.
3) جىنازا نامىزى ئوقۇلغان جايدىن دەپنە قىلىنىدىغان جايغا بارغۇچە جىنازىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىش پەرز كۇپايە ھېسابلىنىدۇ.
4) شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن توي مۇراسىمىغا چاقىرىلسا بېرىش ۋاجىب ھېسابلىنىدۇ، ئەمما باشقا مۇناسىۋەت بىلەن چاقىرىلغان يەرلەرگە بېرىش سۈننىتى مۇئەككىدە ھېسابلىنىدۇ.
5) چۈشكۈرگەن ئادەم « الحمد لله »، دېسە يېنىدىكى ئادەمنىڭ بۇنىڭغا جاۋابەن « يَرْحَمُكَ اللَّهِ »، دېيىشىنى بەزى ئۆلىمالار ئەگەر چۈشكۈرگۈچىنىڭ يېنىدا بىرلا ئادەم بولسا، بۇ پەرز ئەيىن، ئەگەر جامائەت بار يەردە بولسا، پەرز كۇپايە بولىدۇ، دەيدۇ. بەزىلەر بولسا مۇستەھەپ دەپ قارايدۇ.
6) كىشى تەلەپ قىلغاندا ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ قويۇشنىڭ دىننىڭ جۈملىسىدىن ئىكەنلىكى.
239. بەرا ئىبن ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى مۇنداق يەتتە ئىشقا بۇيرۇپ، يەتتە ئىشتىن توستى: بىزنى كېسەللەرنى يوقلاشقا، جىنازىغا ئەگىشىشكە، چۈشكۈرۈپ ھەمد ئېيتقۇچىغا جاۋاب قايتۇرۇشقا، قەسەم قىلغۇچىنىڭ قەسىمىنى ئورۇنلىشىغا ياردەم بېرىشكە (ياخشى ئىشنى قىلىشقا قەسەم ئىچكەن بولۇشى شەرت. ― ت)، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىغا ياردەم بېرىشكە، چاقىرغان يەرگە بېرىشقا، سالامنى ئومۇملاشتۇرۇشقا بۇيرۇدى ۋە بىزنى ئالتۇن ئۈزۈك تاقاشتىن، كۈمۈش قاچىلاردا يېيىش ۋە ئىچىشتىن، تۆگىلىرىنىڭ ئىگەرلىرىگە پاختا بىلەن پەردازلانغان قىزىل يېپەكلەرنى ئىشلىتىشتىن، زېغىر يىپى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ توقۇلغان يېپەك كىيىملەرنى كىيىشتىن، توم ۋە ئىنچىكە تالالىق يېپەك رەختلەردە كىيىم كىيىشتىن چەكلىدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
يەنە بىر رىۋايەتتە: بۇيرۇلغان يەتتە ئىشنىڭ قاتارىدا، يىتىپ كەتكەن نەرسىنى ئېلان قىلىشقا بۇيرۇدى، دېيىلگەن.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى مەيلى مۇسۇلمان ۋە ياكى مۇسۇلمانلار بىلەن تىنچ بىللە ياشاشقا كېلىشكەن كىشىلەر بولسۇن، ياردەم بېرىشكە قادىر ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشى لازىملىقى.
2) زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىغا ياردەم قىلىش، زالىمدىن ئۇنىڭ ھەققىنى ئېلىپ ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىش بىلەن بولىدىغانلىقى.
3) مۇباھ ۋە ياخشى ئىشلار ئۈچۈن قەسەم قىلغان كىشىنىڭ قەسىمىنى ئورۇنلىشىغا ياردەم قىلىش كېرەكلىكى.
4) ھەدىستىن مەلۇم بولىدۇكى، كۈمۈش ۋە ئالتۇن قاچىلارنى ئىشلىتىش ھارامدۇر.
5) ئالتۇن ئۈزۈك تاقاش، يېپەك كىيىملەرنى كىيىشنىڭ ئەرلەرگە ھارام ئىكەنلىكى.