رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

30. باب شاپائەت قىلىش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿مَّن يَشْفَعْ شَفَاعَةً حَسَنَةً يَكُن لَّهُ نَصِيبٌ مِّنْهَا﴾ كىمكى (كىشىلەر ئارىسىدا) ياخشى (ئىش ئۈچۈن) شاپائەت قىلسا، ئۇنىڭ (ياخشى ئىشتىن) نېسىۋىسى بولىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە نىسا 85- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

246 . ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا بىرەر ھاجەتمەن كەلسە، ئۇ بىللە ئولتۇرغان كىشىلەرگە قاراپ: « اشْفَعُوا تُؤجَرُوا ويَقْضِي اللَّه عَلَى لِسان نَبِيِّهِ ما أَحبَّ » « شاپائەت قىلىڭلار، ساۋاب تاپىسىلەر، ئاللاھ تائالا ئۆز پەيغەمبىرىنىڭ تىلى بىلەن ئۆزى ياقتۇرغاننى ھۆكۈم قىلدۇرىدۇ » ، دەيتتى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ھاجەتمەننىڭ ھاجىتىدىن چىقىش-چىقالماسلىقتىن قەتئىينەزەر ئەجىرگە ئېرىشىش ئۈچۈن شاپائەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن.

247. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بەرىرە ۋە ئۇنىڭ يولدىشىنىڭ ۋەقەسىدە (بەرىرە ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ چۆرىسى بولۇپ، ئائىشە ئۇنى ئازاد قىلىۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قۇل ئېرى مۇغىسنىڭ نىكاھىدا داۋاملىق تۇرۇش-تۇرماسلىقى بەرىرەنىڭ ئىختىيارىدا بولغان. چۈنكى، چۆرە بىرەر قۇلنىڭ نىكاھىدا تۇرۇقلۇق ئازاد قىلىنسا، ئۇنىڭ نىكاھىنى بىكار قىلىش قىلماسلىقى چۆرىنىڭ ئىختىيارىدا بولىدۇ. ― ت) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەرىرەگە: « لَوْ راجَعْتِهِ؟ » « ئۇنىڭ بىلەن يارىشىۋالساڭ بولمامدۇ؟»، دېدى. بەرىرە: « ئى رەسۇلۇللاھ! بۇ بۇيرۇقمۇ؟»، دېدى. رەسۇلۇللاھ: « إِنَّما أَشـْفعُ » « ياراشتۇرۇپ قوياي دەۋاتىمەن » ، دېدى. بەرىرە: « مېنىڭ ئۇنىڭغا ھاجىتىم يوق » ، دېدى. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ