رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

32. باب ئاجىز، نامرات ۋە نامسىز مۇسۇلمانلارنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَاصْبِرْ نَفْسَكَ مَعَ الَّذِينَ يَدْعُونَ رَبَّهُم بِالْغَدَاةِ وَالْعَشِيِّ يُرِيدُونَ وَجْهَهُ وَلَا تَعْدُ عَيْنَاكَ عَنْهُمْتُرِيدُ زِينَةَ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا﴾ سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ، ئەتىگەن ئاخشامدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدىغانلار (يەنى ئاجىز، كەمبەغەل مۇسۇلمانلار) بىلەن سەۋرچان بولغان ھالدا بىللە بولغىن، ھاياتى دۇنيانىڭ زىبۇزىننىتىنى (يەنى مۇشرىكلارنىڭ چوڭلىرىنىڭ سۆھبىتىنى) دەپ ئۇلارنى كۆزگە ئىلماي قالمىغىن . («قۇرئان كەرىم» سۈرە كەھف 28- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

252. ھارىس ئىبن ۋەھبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « أَلا أُخْبِرُكُمْ بِأَهْلِ الجنَّةِ؟ كُلُّ ضَعيفٍ مُتَضَعِّفٍ لَوْ أَقْسَم عَلَى اللَّه لأبرَّه، أَلاَ أُخْبِرُكُمْ بَأَهْلِ النَّارِ؟ كُلُّ عُتُلٍّ جَوَّاظٍ مُسْتَكْبِرٍ » « مەن سىلەرگە ئەھلى جەننەتنى دەپ بېرەيمۇ؟ ئۇلار ئاجىز، بوزەك كىشىلەردۇر. ئەگەر ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ مەرھەمىتىنى ئۈمىد قىلىپ قەسەم قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ دېگىنىنى بېرىدۇ. مەن سىلەرگە دوزاخ ئەھلىنى دەپ بېرەيمۇ؟ ئۇلار قوپال، كۆرەڭلەپ ماڭىدىغان، ھاكاۋۇر كىشىلەردۇر » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) قوپاللىق ۋە ھاكاۋۇرلۇقتىن چەكلەش.

2) مۇسۇلمانلارنىڭ كەمتەر، كىچىك پېئىل بولۇش لازىملىقى.

253. ئەبۇ ئابباس سەھل ئىبن سەئد سائىدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدىن بىر كىشى ئۆتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېنىدا تۇرغان ئادەمدىن: « ما رَأَيُكَ فِي هَذَا؟ » « بۇ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئادەمگە قانداق قارايسەن؟»، دەپ سورىدى. ئۇ: « بۇ بىر ئېسىلزادە ئادەم. ئاللاھ تائالاغا قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر ئۇ ئۆيلەنمەكچى بولسا، ئەلۋەتتە خوتۇن ئالالايدۇ، ئەگەر شاپائەت قىلسا، ئەلۋەتتە شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدۇ » ، دېدى. سەھل مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇقىرىقى گەپنى ئاڭلاپ سۈكۈت قىلدى. ئۇنىڭغىچە ئۇنىڭ ئالدىدىن يەنە بىر ئادەم ئۆتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېلىقى يېنىدا ئولتۇرغان ئادەمدىن: « مَا رأُيُكَ فِي هَذَا؟ » « بۇ ئادەمگە قانداق قارايسەن؟»، دەپ سورىۋىدى، ئۇ: « ئى رەسۇلۇللاھ! بۇ مۇسۇلمانلاردىن بىر پېقىر ئادەم. ئەگەر ئۇ ئۆيلەنمەكچى بولسا، ئەلۋەتتە خوتۇن ئالالمايدۇ. ئەگەر شاپائەت قىلسا، ئەلۋەتتە شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەگەر سۆزلىسە، ئەلۋەتتە باشقىلار ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاق سالمايدۇ » ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « هَذَا خَيْرٌ منْ مِلءِ الأَرْضِ مِثْلَ هذَا » « بۇ پېقىر ئادەم ھېلىقىدەك سان-ساناقسىز ئېسىلزادە ئادەمدىن ياخشى » ، دېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) كەمبەغەل، نامسىز كىشىلەرنى كەمسىتمەسلىك كېرەكلىكى، ئۇلارنىڭ باي ۋە شان-شۆھرەتلىك كىشىلەردىن ئەۋزەل بولۇشى مۇمكىنلىكى.

2) ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتى «قۇرئان كەرىم»دە ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿إِنَّ أَكْرَمَكُمْ عِندَ اللَّهِ أَتْقَاكُمْ﴾ ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (سۈرە ھۇجۇرات 13- ئايەتنىڭ بىر قىسمى) دېگىنىدەك ئۇنىڭ نەسەبى ياكى خەلق ئارىسىدىكى ئابرۇي-ئىناۋىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى تەقۋادارلىقى بىلەن ئۆلچىنىدىغانلىقى.

3) گەرچە نامرات بولسىمۇ، تەقۋادار سالىھ كىشىلەرگە نىكاھلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەنلىكى.

4) پەقەت بۇ دۇنيادىلا خوجا بولۇپ، ئۈستۈن بولۇشنىڭ مۇسۇلمانلار جامائەسىگە ھېچقانداق پايدىسى يوقلۇقى، ئەكسىچە دۇنيالىقتىن نېسىۋىدار بولالمىغان ئادەم ياخشى ئەمەللەر ۋە تەقۋادارلىق بىلەن ئورنىنى تولدۇرالايدىغانلىقى.

254. ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « احْتجَّتِ الجنَّةُ والنَّارُ فقالت النَّارُ: فيَّ الجبَّارُونَ والمُتَكَبِّرُونَ، وقَالتِ الجَنَّةُ: فيَّ ضُعفَاءُ النَّاسِ ومسَاكِينُهُم فَقَضَى اللَّهُ بَيْنَهُما: إِنَّك الجنَّةُ رحْمتِي أَرْحَمُ بِكِ مَـنْ أَشَاءُ، وَإِنَّكِ النَّارُ عَذابِي أُعذِّب بِكِ مَــنْ أَشَاءُ، ولِكِلَيكُمَا عَلَيَّ مِلؤُها » « جەننەت بىلەن دوزاخ مۇنازىرىلىشىپ قالدى. دوزاخ: ‹مەندە زومىگەرلەر ۋە مۇتەكەببىرلەر بار›، دېدى. جەننەت: ‹مەندە كىشىلەرنىڭ ئاجىزلىرى ۋە مىسكىنلىرى بار›، دېدى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىپ: ‹جەننەت! سەن مېنىڭ رەھمىتىم، مەن سەن ئارقىلىق خالىغان كىشىلەرگە رەھىم قىلىمەن. دوزاخ! سەن بولساڭ مېنىڭ ئازابىم، سەن ئارقىلىق خالىغان كىشىلەرنى ئازابلايمەن ۋە ئىككىڭلارنى توشقۇزۇش مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم›، دېگەن » .

― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئاللاھ تائالانىڭ كىشىلەرگە ھەق بىلەن گۇمراھلىق يولىنى ئېنىق بايان قىلىپ كۆرسەتكەندىن كېيىن قايسى يولدا مېڭىشنى ئۇلارنىڭ ئىختىيارىغا قويغانلىقى، كىشىلەرنىڭ بىر تۈركۈمىنىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن يامانلىق يولىنى تاللاپ، ئاقىۋەتتە دوزاخقا لايىق بولىدىغانلىقى، يەنە بىر تۈركۈمىنىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن ياخشىلىق يولىنى تاللاپ، جەننەتكە لايىق بولىدىغانلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ شۇلار بىلەن جەننەت ۋە دوزاخنى تولدۇرىدىغانلىقى.

2) نامرات، ئاجىز مۇئمىنلەرگە جەننەت بىلەن خۇش خەۋەر بېرىلگەنلىكى، ھاكاۋۇر، زالىملارغا دوزاخقا كىرىش بىلەن ئازاب ۋەدە قىلىنغانلىقى.

255. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِنَّهُ لَيأتِي الرَّجُلُ السَّمِينُ العْظِيمُ يَوْمَ الْقِيامةِ لا يزنُ عِنْد اللَّه جنَاحَ بعُوضَةٍ » « قىيامەت كۈنى يوغان، سېمىز بىر ئادەم كەلتۈرۈلىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ئۇنىڭ پاشىنىڭ قانىتىچىلىكمۇ ئېتىبارى بولمايدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: قىيامەت كۈنىدە ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتى تاشقى شەكلى، كۆرۈنۈشى بىلەن ئەمەس، ئەمەللىرى بىلەن بولىدىغانلىقى.

256. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەسجىدنى سۈپۈرىدىغان بىر قارا تەنلىك ئايال بار ئىدى ياكى بىر ياش بالا بار ئىدى (قايسى ئىكەنلىكى رىۋايەت قىلغۇچىنىڭ ئېسىدە يوق). ئۇ يوقاپ كېتىۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇ ئايالنى ياكى ياش بالىنى سورىدى. كىشىلەر: « ئۇ ئۆلۈپ كەتتى » ، دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: « أَفَلا كُنْتُمْ آذَنْتُمُونِي » « سىلەر نېمىشقا مېنى خەۋەردار قىلىپ قويمىدىڭلار؟»، دېدى. كىشىلەر ئۇنى كىچىك ئىش سانىغاندەك قىلاتتى. رەسۇلۇللاھ: « دُلُّونِي عَلَى قَبْرِهِ » « مېنى ئۇنىڭ تۇپرىقىغا باشلاپ بېرىڭلار » ، دېدى. كىشىلەر رەسۇلۇللاھنى باشلاپ ئاپاردى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇدى. ئاندىن كېيىن: « إِنَّ هَذِهِ الْقُبُور مملُوءَةٌ ظُلْمةً عَلَى أَهْلِهَا، وإِنَّ اللَّه تعالى يُنَوِّرهَا لَهُمْ بصَلاتِي عَلَيْهِمْ » « ھەقىقەتەن بۇ قەبرىلەر ياتقانلار ئۈچۈن قاراڭغۇلۇق بىلەن توشۇپ كەتكەندۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا مېنىڭ ئۇلارغا ئوقۇغان نامىزىمنىڭ بەرىكىتى بىلەن ئۇلارنىڭ قەبرىلىرىنى نۇرلاندۇرىدۇ » ، دېدى.

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) مەسجىدلەرنى تازىلاشنىڭ پەزلى-ساۋابى.

2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەمتەرلىكى، دوستلىرى ۋە خىزمەتچىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تۇرىدىغانلىقى.

3) ياخشى كىشىلەرنىڭ جىنازا نامىزىغا ھازىر بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش، جىنازا نامىزىغا ھازىر بولالمىغان ئادەمنىڭ مىيىت دەپنە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن بولسىمۇ، جىنازا نامىزى ئوقۇشقا بولىدىغانلىقى.

257. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « رُبَّ أَشْعثَ أغبرَ مدْفُوعٍ بالأَبْوَابِ لَوْ أَقْسمَ عَلَى اللَّهِ لأَبرَّهُ » « ئىشىك ئالدىدا تەمتىرەپ يۈرگەن، چاچلىرى پاخپايغان، باش-كۆزىنى توپا بېسىپ كەتكەن نۇرغۇن كىشىلەر باركى، ئۇلار ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەم قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ قەسىمىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بېرىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلەرنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىگە ئەمەس، قەلبى ۋە ئەمەللىرىگە قارايدىغانلىقى.

2) ئىنساننىڭ نىيىتىنى دۇرۇس قىلىشى ۋە ئەمەللىرىنى تۈزەشكە، تاشقى كۆرۈنۈشىگە ۋە كىيىنىشلەرگە ئەھمىيەت بەرگەندىن بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشى لازىملىقى.

3) ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتى، تاشقى كۆرۈنۈشى، نەسەب ياكى مال-دۇنياسى بىلەن ئەمەس، ئەمەللىرى بىلەن ئۆلچىنىدىغانلىقى.

258. ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « قُمْتُ عَلَى بابِ الْجنَّةِ، فَإِذَا عامَّةُ مَنْ دخَلَهَا الْمَسَاكِينُ، وأَصْحابُ الجَدِّ محْبُوسُونَ غيْر أَنَّ أَصْحاب النَّارِ قَدْ أُمِر بِهِمْ إِلَى النَّارِ. وقُمْتُ عَلَى بابِ النَّارِ فَإِذَا عامَّةُ منْ دَخَلَهَا النِّسَاءُ » « مەن جەننەتنىڭ ئىشىكىدە تۇردۇم. جەننەتكە كىرگەنلەرنىڭ تولىسى مىسكىنلەر ئىكەن، دۆلەتمەنلەر مىسكىنلەردىن كېيىن كىرىش ئۈچۈن توختىتىلىپ قويۇلۇپتۇ. دوزىخىيلار بولسا دوزاخقا كىرىشكە ھۆكۈم قىلىنىپتۇ، مەن دوزاخ ئىشىكىدە تۇردۇم. ئۇنىڭغا كىرگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئاياللار ئىكەن » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دوزاخ ۋە جەننەت ئەھلىنىڭ ئەھۋالىدەك غەيب ئىلىمدىن خەۋەر بەرگەنلىكى.

2) مىسكىنلەر ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرنىڭ جەننەت ئەھلى ئىكەنلىكى.

3) قىيامەت كۈنىدە ئىنسانغا ياخشى ئەمەللىرىدىن باشقا، مال-دۇنيا ۋە پەرزەنتلەرنىڭ ئەسقاتمايدىغانلىقى.

4) ھەدىستە ئېيتىلغان ئاياللار بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلغانلار، ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىغانلار، ياخشىلىق ۋە خەير-ئېھساننى ئىنكار قىلغان ئاياللاردۇر.

259. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لَمْ يَتَكَلَّمْ فِي المَهْدِ إِلاَّ ثَلاثَةٌ: عِيسى ابْنُ مرْيَمَ، وصَاحِب جُرَيْجٍ، وكَانَ جُرَيْجٌ رَجُلاً عَابِداً، فَاتَّخَذَ صَوْمَعةً فكانَ فِيهَا، فَأَتَتْهُ أُمُّهُ وَهَو يُصلي فَقَالَتْ: يا جُرَيْجُ، فقال: يَارَبِّ أُمِّي وَصَلاتِي فَأَقْبلَ عَلَى صلاتِهِ فَانْصرفَتْ فَلَمَّا كَانَ مِنَ الْغَدِ أَتَتْهُ وهُو يُصَلِّي، فقَالَتْ: يَا جُرَيْجُ، فقال: أَيْ رَبِّ أُمِّي وَصَلاتِي. فَأَقْبَلَ عَلَى صَلاتِهِ، فَلَمَّا كَانَ مِنَ الْغَد أَتَتْهُ وَهُو يُصَلِّي فَقَالَتْ: يَا جُرَيْجُ فقال: أَيْ رَبِّ أُمِّي وَصَلاتِي، فَأَقْبَلَ عَلَى صَلاتِهِ، فَقَالَتْ: اللَّهُمَّ لا تُمِتْه حَتَّى ينْظُرَ إِلَى وُجُوه المومِسَاتِ. فَتَذَاكَّرَ بَنُو إِسْرائِيلَ جُريْجاً وَعِبَادَتهُ، وَكَانَتِ امْرَأَةٌ بغِيٌّ يُتَمَثَّلُ بِحُسْنِهَا، فَقَالَتْ: إِنْ شِئْتُمْ لأَفْتِنَنَّهُ، فتعرَّضَتْ لَهُ، فَلَمْ يلْتَفِتْ إِلَيْهَا، فَأَتتْ رَاعِياً كَانَ يَأَوي إِلَى صوْمعَتِهِ، فَأَمْكنَتْهُ مِنْ نفسها فَوقَع علَيْهَا. فَحملَتْ، فَلَمَّا وَلدتْ قَالَتْ: هُوَ جُرَيْجٌ، فَأَتَوْهُ فاسْتنزلُوه وهدَمُوا صوْمعَتَهُ، وَجَعَلُوا يَضْرِبُونهُ، فقال: ما شَأْنُكُمْ؟ قالوا: زَنَيْتَ بِهذِهِ الْبغِيِّ فَولَدتْ مِنْك. قال: أَيْنَ الصَّبِيُّ؟ فَجاءَوا بِهِ فقال: دَعُونِي حَتَّى أُصَلِّي فَصلىَّ، فَلَمَّا انْصَرَفَ أَتَى الصَّبِيَّ فَطَعنَ فِي بطْنِهِ وقالَ: يا غُلامُ مَنْ أَبُوكَ؟ قال: فُلانٌ الرَّاعِي، فَأَقْبلُوا علَى جُرَيْجُ يُقَبِّلُونَهُ وَيَتَمَسَّحُونَ بِهِ وقَالُوا: نَبْنِي لَكَ صوْمَعَتَكَ مِنْ ذَهَبٍ قال: لا، أَعيدُوهَا مِنْ طِينٍ كَمَا كَانَتْ، فَفَعَلُوا. وَبيْنَا صَبِيٌّ يرْضعُ مِنْ أُمِّهِ، فَمَرَّ رَجُلٌ رَاكِبٌ عَلَى دابَّةٍ فَارِهَةٍ وَشَارةٍ حَسَنَةٍ فَقالت أُمُّهُ: اللَّهُمَّ اجْعَل ابْنِي مثْلَ هَذَا، فَتَرَكَ الثَّدْيَ وَأَقْبَلَ إِلَيْهِ فَنَظَرَ إِلَيْهِ فقال: اللَّهُمَّ لا تَجْعَلْنِي مِثْلهُ، ثُمَّ أَقَبَلَ عَلَى ثَدْيِهِ فَجَعْلَ يَرْتَضِعُ » « بۆشۈكتىكى چېغىدا پەقەت ئۈچلا بوۋاق سۆزلىگەن. ئۇلارنىڭ بىرى، مەريەم ئوغلى ئىيسا ئەلەيھىسسالامدۇر، ئىككىنچىسى، جۇرەيجنىڭ ۋەقەلىكىدىكى بوۋاقتۇر، جۇرەيج بولسا بىر ئابىد كىشى ئىدى. ئۇ مەخسۇس ئىبادەتخانىدىن بىرنى سېلىپ شۇ يەردە تۇراتتى. بىر كۈنى ئاپىسى ئۇ ناماز ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا كېلىپ: « جۇرەيج! »، د ەپ چاقىردى. جۇرەيج ئىچىدە: « ئى رەببىم! ئانامغا جاۋاب قايتۇرايمۇ؟ نامىزىمنى داۋاملاشتۇرۇۋېرەيمۇ؟»، دەپ ئاخىر نامىزىنى داۋاملاشتۇرىۋەردى. ئانىسى كېتىپ قالدى. جۇرەيج ئەتىسى يەنە ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئانىسى كېلىپ: « جۇرەيج! »، د ەپ چاقىردى. جۇرەيج: « ئى رەببىم! ئانامغا جاۋاب قايتۇرايمۇ؟ ياكى نامىزىمنى ئوقۇۋېرەيمۇ؟»، دەپ ئاخىر نامىزىنى داۋاملاشتۇرىۋەردى. ئەتىسىمۇ بۇ ئەھۋال تەكرارلاندى. شۇنىڭ بىلەن ئانىسى: « ئى ئاللاھ! جۇرەيج بۇزۇق خوتۇنلارنىڭ يۈزىگە قارىمىغۇچە ئۇنىڭ جېنىنى ئالما (يەنى بىر تۆھمەتكە گىرىپتار بولسۇن) » ، دەپ بەد دۇئا قىلدى. بەنى ئىسرائىل قەۋمى ئارىسىدا جۇرەيجنىڭ قىلغان ئىبادەتلىرى توغرىسىدا گەپ-سۆزلەر بولۇپ تۇراتتى. چىرايلىقلىقى بىلەن داڭلىق بىر بۇزۇق خوتۇن بولۇپ، ئۇ: « ئەگەر خالىساڭلار مەن يولدىن چىقىراي » ، دەپ جۇرەيجنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئۆزىگە قاراتماقچى بولدى. جۇرەيج ئۇنىڭ دامىغا چۈشمىدى. بۇ خوتۇن جۇرەيجنىڭ ئىبادەتخانىسى يېنىدا تۇرىدىغان بىر پادىچىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنى ئۆزىگە قارىتىۋالدى. پادىچى ئۇنىڭغا چېقىلىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھامىلىدار بولۇپ قالدى. بالا تۇغۇلغاندا، ئۇ خوتۇن بالىنى « جۇرەيجدىن بولغان » ، دەپ تۇرۇۋالدى. كىشىلەر جۇرەيجنى ئىبادەتخانىسىدىن تارتىپ چىقىرىپ، ئىبادەتخانىسىنى چېقىپ، ئۇنى دۇمبالىغىلى تۇردى. جۇرەيج: « بۇ نېمە قىلغىنىڭلار؟»، دېۋىدى، كىشىلەر: « سەن بۇ خوتۇن بىلەن زىنا قىپتىكەنسەن، سەندىن ئۇ بالىنى تۇغۇپتۇ » ، دېدى. جۇرەيج: « قېنى ئۇ بالا؟ » ، دېدى. بالىنى ئەكېلىشتى. جۇرەيج: « مېنى قويۇپ بېرىڭلار، ناماز ئوقۇۋالاي » ، دەپ ناماز ئوقۇدى. نامازنى ئوقۇپ بولۇپ بالىنىڭ يېنىغا كېلىپ، بالىنىڭ قورسىقىغا قولىنى سانچىپ تۇرۇپ: « ئى بالا! ئاتاڭ كىم؟»، دېۋىدى، بالا: « پالانى پادىچى » ، دەپ جاۋاب بەردى. كىشىلەر جۇرەيجنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، جۇرەيجنى سۆيگىلى ئۇنىڭ قوللىرىنى بەدىنىگە سۈركەپ، تەۋەرۈك قىلغىلى تۇردى. ئۇلار: « ساڭا ئالتۇندىن بىر ئىبادەتخانا سېلىپ بېرەيلى » ، دېۋىدى، جۇرەيج: « ياق، مېنىڭ ئىبادەتخانامنى لايدىن قايتا بۇرۇنقىدەك سېلىپ بېرىڭلار » ، دېدى. كىشىلەر شۇنداق قىلدى. ئۈچىنچىسى، ئانىسىنى ئېمىۋاتقان كىچىك بالا بار ئىدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئېسىل، چىرايلىق ئاتقا مىنىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان، كېلىشكەن بىر كىشىنى كۆرۈپ: « ئى ئاللاھ! بالامنى مۇشۇ كىشىدەك قىلغىن » ، دېدى. بالا ئىمىشتىن توختاپ، ھېلىقى كىشىگە قاراپ بېقىپ: « ئى ئاللاھ! مېنى بۇ كىشىدەك قىلمغىن » ، دەپ قويۇپ، ئانىسىنى يەنە ئېمىۋەردى. ئەبۇ ھۇرەيرە: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ بالىنىڭ ئېمىشىنى سۈرەتلەپ كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى ئاغزىغا سېلىپ شوراپ كۆرسەتكەنلىكى ھازىرقىدەك كۆز ئوڭۇمدا تۇرۇپتۇ » ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: « وَمَرُّوا بِجَارِيَةٍ وَهُمْ يَضْرِبُونَهَا، وَيَقُولُونَ: زَنَيْتِ سَرَقْتِ، وَهِي تَقُولُ: حَسْبِيَ اللَّهُ وَنِعْمَ الْوكِيلُ. فقالت أُمُّهُ: اللَّهُمَّ لا تَجْعَلْ ابْنِي مِثْلَهَا، فَتَركَ الرِّضَاعَ وَنَظَرَ إِلَيْهَا فقال: اللَّهُمَّ اجْعَلْنِي مِثْلَهَا، فَهُنالِكَ تَرَاجَعَا الحَدِيثِ فقالَت: مَرَّ رَجُلٌ حَسنُ الهَيْئَةِ فَقُلْتُ: اللَّهُمَّ اجْعَلْ ابْنِي مِثْلَهُ فَقُلْتَ: اللَّهُمَّ لا تَجْعَلنِي مِثْلَهُ، وَمَرُّوا بِهَذِهِ الأَمَةِ وَهُم يَضْربُونَهُا وَيَقُولُونَ: زَنَيْتِ سَرَقْتِ، فَقُلْتُ: اللَّهُمَّ لا تَجْعَلْ ابْنِي مِثْلَهَا فَقُلْتَ: اللَّهُمَّ اجعَلْنِي مِثْلَهَا؟ قَالَ: إِنَّ ذلِكَ الرَّجُلَ كَانَ جَبَّاراً فَقُلت: اللَّهُمَّ لا تجْعَلْنِي مِثْلَهُ، وإِنَّ هَذِهِ يَقُولُونَ لها زَنَيْتِ، وَلَمْ تَزْنِ، وَسَرقْت، وَلَمْ تَسْرِقْ، فَقُلْتُ: اللَّهُمَّ اجْعَلْنِي مِثْلَهَا » « ئانا-بالا ئىككىسى كىشىلەر: ‹زىنا قىلدىڭ، ئوغرىلىق قىلدىڭ›، دەپ ئۇرۇۋاتقان بىر قىزنىڭ يېنىدىن ئۆتتى. ئۇ قىز بولسا: ‹ئاللاھ تائالا ماڭا كۇپايىدۇر، ئاللاھ تائالا نېمىدېگەن ياخشى ۋەكىل›، دەيتتى. بۇنى كۆرگەن ئانا: ‹ئى ئاللاھ! بالامنى بۇ قىزدەك قىلىپ قويمىغىن›، دېدى. بالا ئېمىشنى توختىتىپ، ئۇ قىزغا قاراپ: ‹ئى ئاللاھ! مېنى مۇشۇ قىزدەك قىلىپ قويغىن›، دېدى. ئانا-بالا ئىككىيلەن بولۇۋاتقان ئىشلار ئۈستىدە گەپ تالىشىپ قالدى. ئانىسى: ‹كېلىشكەن بىر ئادەم ئۆتۈۋىدى، بالامنى مۇشۇ كىشىدەك قىلساڭ، دەپ دۇئا قىلسام، ئى ئاللاھ! مېنى ئۇ كىشىدەك قىلىپ قويمىغىن دەيسەن، كىشىلەر بىر دېدەكنى زىنا قىلدىڭ، ئوغرىلىق قىلدىڭ دەپ ئۇرۇپ دۇمبالىۋىدى، ئى ئاللاھ! بالامنى بۇ قىزدەك قىلىپ قويمىغىن دېسەم، ئى ئاللاھ! مېنى شۇ قىزدەك قىلىپ قويغىن، دەيسەنغۇ؟›، دېگەندە، بالا: ‹سەن دېگەن ھېلىقى ئادەم بولسا زومىگەر كىشى ئىدى. شۇڭا، ئى ئاللاھ! مېنى مۇشۇ كىشىدەك قىلىپ قويمىغىن، دېدىم. كىشىلەر زىنا قىلدىڭ، ئوغرىلىق قىلدىڭ دەپ ئەيىبلىگەن ھېلىقى قىز بولسا، زىنامۇ قىلمىغان، ئوغرىلىقمۇ قىلمىغان پاك قىز ئىدى. شۇڭا، مەن ئى ئاللاھ! مېنى ئاشۇ قىزدەك قىلىپ قويغىن، دېدىم›، دېدى » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) نەفلى ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئانىسى چاقىرسا، دەرھال جاۋاب قايتۇرۇش لازىملىقى، چۈنكى نەفلى ئىبادەت بولسا سۈننەت، ئانىغا جاۋاب قايتۇرۇش ۋاجىپ ئىكەنلىكى.

2) ھەدىستە ئەرلەردىن، ئاياللاردىن بولسۇن، سالىھ، تەقۋا بەندىلەرنىڭ قولىغا ئاللاھ تائالا بەزى كارامەتلەرنى خاس قىلىدىغانلىقى ۋە پەيغەمبەرلەردىن مۆجىزىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىدىغانلىقى.

3) ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ پەزلى-ساۋابى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ