344. باب مۇئەززىن تەكبىر ئېيتىپ پەرز ناماز ئوقۇلىدىغان چاغدا مەيلى مۇشۇ نامازنىڭ سۈننىتىنى بولسۇن ياكى نەفلى نامازلارنى بولسۇن ئوقۇشنىڭ مەكرۇھلىقى توغرىسىدا
1759. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِذا أُقِيمتِ الصلاَةُ، فَلاَ صَلاَةَ إِلا المكتوبَةَ » « پەرز نامازغا تەكبىر ئېيتىلغان چاغدا پەرز نامازدىن باشقا ناماز ئوقۇشقا بولمايدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەرز ناماز ئوقۇلۇۋاتقان ياكى ئوقۇلۇشىغا ئاز قالغان ۋاقىتتا نەفلى نامازنى باشلاشقا شۇرۇ قىلىشقا بولمايدىغانلىقى. ئەبۇ ھەنىفە بىلەن ئىمام مالىك ئېيتىدۇ: «بامدات نامىزىنىڭ سۈننىتىنى پەرز باشلىنىپ بىرىنچى رەكئەت ئاخىرلاشقۇچە ئوقۇپ بولۇشقا كۆزى يەتسە، سۈننەتنى بۇرۇن ئوقۇسا بولىدۇ. پەرز ناماز ئوقۇلۇۋاتقاندا نەفلى نامازنى ئوقۇشتىن چەكلەشتىكى ھېكمەت: بىرىنچىدىن، پەرزنىڭ تولۇقلىقىنى ساقلاش. ئىككىنچىدىن، ئىمام بىلەن جامائەت ئارىسىدا بىردەكلىك بولۇشى ئۈچۈن بىرىنچى تەكبىرگە ئۈلگۈرۈش.