رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

346. باب ئىككى-ئۈچ كۈن يېمەي-ئىچمەي روزا تۇتۇشنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا

1764. ئەبۇ ھۇرەيرە ۋە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ يېمەي-ئىچمەي ئۇلاپ روزا تۇتۇشتىن مەنئى قىلغان.

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1765. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ يېمەي-ئىچمەي ئۇلاپ روزا تۇتۇشتىن مەنئى قىلدى. ساھابىلەر: « سەن ئۇلاپ روزا تۇتىسەنغۇ؟»، دېۋىدى. رەسۇلۇللاھ: « إِنِّي لَسْتُ مِثْلَكُمْ، إِني أُطْعَمُ وَأُسْقَى » « مەن سىلەرگە ئوخشىمايمەن، ماڭا يەيدىغان ۋە ئىچىدىغان نەسىلەر بېرىلىپ (يەنى ماڭا ئاللاھ تەرىپىدىن يېگەندەك ۋە ئىچكەندەك كۈچ قۇۋۋەت بېرىلىپ) تۇرىدۇ » ، دېدى.

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى (1764~1765): 1) ئۇلاپ روزا تۇتۇش ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن چەكلەنگەن ئىش.

2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئالاھىدە خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە. گاھى ئۈممىتىگە مەجبۇرىيەت بولمىغان ئىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەجبۇرىيەت بولىدۇ. ئۈممىتىگە جائىز ئىش ئۇنىڭغا جائىز بولماي قالىدۇ. بەزىدە ئۈممىتىگە دۇرۇس بولغان ئىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تېخىمۇ سىناش يۈزىسىدىن ئۇنىڭغا دۇرۇس بولمايدۇ.

3) ئۇلاپ روزا تۇتۇش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خۇسۇسىيىتى بولۇپ، باشقا كىشىلەرگە بېرىلمىگەن كۈچ-قۇۋۋەت ۋە سەۋرچانلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ