348. باب قەبرىگە گەج ئىشلىتىش ۋە قۇرۇلۇش قىلىشتىن مەنئى قىلىش توغرىسىدا
1767. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەبرىگە گەج ئىشلىتىشتىن، ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشتىن ۋە ئۇنىڭغا قۇرۇلۇش قىلىشتىن، قەبرە قاتۇرۇش، گۈمبەز ياساشقا ئوخشاش ئىشلاردىن مەنئى قىلدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) قەبرە قاتۇرۇشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى، چۈنكى بۇنداق قىلىش پۇل-ماللارنى زايە قىلىۋېتىش بولىدىغانلىغى، ئەگەر قەبرىلەرنى ياساش، ئۇنى بېزەش ۋە زىننەتلەش دەرىجىسىگە يەتسە بۇنىڭ ھارام بولىدىغانلىقى.
2) قەبرىگە قۇرۇلۇش سېلىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى، چۈنكى بۇنداق قىلىشنىڭ مەخلۇقلارنى ئۇلۇغلاشقا ئوخشاپ قالىدىغانلىقى ۋە پۇل-مالنى زايە قىلغانلىق بولىدىغانلىقى.
3) قەبرە ئۈستىدە ئولتۇرۇشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى.