رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

35. باب ئەرنىڭ ئايالىنىڭ ئۈستىدىكى ھەققى توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿الرِّجَالُ قَوَّامُونَ عَلَى النِّسَاء بِمَا فَضَّلَ اللّهُ بَعْضَهُمْ عَلَى بَعْضٍ وَبِمَا أَنفَقُواْ مِنْ أَمْوَالِهِمْ فَالصَّالِحَاتُ قَانِتَاتٌ حَافِظَاتٌ لِّلْغَيْبِ بِمَا حَفِظَ اللّهُ﴾ ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن، (يەنى ئەرلەرنى كۈچ-قۇۋۋەت، غازاتقا چىقىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاياللاردىن) ئارتۇق قىلغانلىقىدىندۇر ۋە ئەرلەرنىڭ ئۆز پۇل-ماللىرىنى سەرپ قىلغانلىقىدىندۇر، (يەنى ئاياللارنىڭ نەپىقىسى ئەرلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنلىكىدىندۇر) ياخشى ئاياللار ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر، ئەرلىرى يېنىدا بولمىغان چاغلاردا ئاللاھ تائالانىڭ پاناھىدا ئەرلىرىنىڭ ھەقلىرىنى ساقلىغۇچىلاردۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە نىسا 34- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

281. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِذَا دعَا الرَّجُلُ امْرأَتَهُ إِلَى فِرَاشِهِ فلَمْ تَأْتِهِ فَبَات غَضْبانَ عَلَيْهَا لَعَنتهَا الملائكَةُ حَتَّى تُصْبحَ » « ئەر كىشى ئۆزىنىڭ ئايالىنى بىللە بولۇشقا تۈشەككە چاقىرسا، ئايال ئۇنىماي، ئەر خاپا بولۇپ يېتىپ قالسا، پەرىشتىلەر ئۇ ئايالغا تاڭ ئاتقۇچە لەنەت ئوقۇيدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

يەنە بىر رىۋايەتتە: « إِذَا بَاتَتْ المَرْأَةُ هَاجِرَةً فِرَاشَ زَوْجهَا لَعنتْهَا المَلائِكَةُ حَتَّى تُصْبِحَ » « ئەگەر بىر ئايال ئۆزىنىڭ ئېرى بىلەن بىللە بولۇشتىن باش تارتىپ يېتىپ قالسا، پەرىشتىلەر ئۇ ئايالغا تاڭ ئاتقۇچە لەنەت ئوقۇيدۇ » ، دېيىلگەن. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

يەنە بىر رىۋايەتتە: « والَّذِي نَفْسِي بِيَدِهِ مَا مِن رَجُلٍ يَدْعُو امْرَأَتَهُ إِلَى فِرَاشِهِ فَتَأْبَى عَلَيْهِ إِلاَّ كَانَ الَّذي في السَّماءِ سَاخِطاً عَلَيْهَا حَتَّى يَرْضَى عَنْها » « جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ئەگەر بىر ئەر ئايالىنى تۈشەككە چاقىرسا، ئايال ئۇنىمىسا ئاسماندىكى ھەممىنى ياراتقۇچى زات ئۇ ئايالغا غەزەپ قىلىدۇ، تاكى ئۇ ئەر ئۇ ئايالدىن رازى بولمىغۇچىلىك » ، دېيىلگەن.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئايالىنىڭ ئۆزرىلىك بولمىغان ئەھۋالدا ئېرىگە ئىتائەت قىلىشى لازىملىقى، ئۆزرىسىز ھالدا ئېرىنى رەت قىلىش ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىپ قويىدىغان گۇناھ ئىكەنلىكى.

2) ئايالىنىڭ ئېرىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىشى ئەرنىڭ بىرەر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويۇشىغا سەۋەب بولۇپ قالىدىغانلىقى.

282. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا يَحلُّ لامْرَأَةٍ أَنْ تَصُومَ وَزَوْجُهَا شَاهِدٌ إِلا بِإِذْنِهِ، وَلا تَأْذَنْ في بَيْتِهِ إِلاَّ بِإِذنِهِ » « ئېرى يېنىدا بار ھالەتتە ئۇنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ (نەفلى) روزا تۇتۇش ئايال كىشىگە دۇرۇس بولمايدۇ ۋە بىر كىشىنى ئەرنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆيگە كىرىشكە رۇخسەت قىلىشى دۇرۇس بولمايدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئايالىنىڭ ئېرىنىڭ رازىلىقىنى ئالماي تۇرۇپ نەپلى روزا تۇتۇشى ھارام ئىكەنلىكى، چۈنكى بۇنىڭدا ئەرنىڭ ئايالى ئۈستىدىكى ھەققى زايە بولۇپ كېتىدىغانلىقى.

2) ئايالنىڭ ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز يات ئادەمنى ئۆيىگە كىرگۈزۈشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكى.

283. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « كُلُّكُمْ راعٍ، وكُلُّكُمْ مسئولٌ عنْ رعِيَّتِهِ، والأَمِيرُ رَاعٍ، والرَّجُلُ راعٍ علَى أَهْلِ بَيْتِهِ، والمرْأَةُ راعِيةٌ على بيْتِ زَوْجِها وولَدِهِ، فَكُلُّكُمْ راعٍ، وكُلُّكُمْ مسئولٌ عنْ رعِيَّتِهِ » « سىلەرنىڭ ھەممىڭلار پادىچى، سىلەرنىڭ ھەممىڭلار پاداڭلار توغرۇلۇق سوراق قىلىنىسىلەر. خەلىفىمۇ پادىچى. ھەر بىر ئادەممۇ ئۆز ئەھلىگە پادىچىدۇر ۋە ئايال كىشىمۇ ئېرىنىڭ ئۆيىگە ۋە ئۇنىڭ بالىلىرىغا پادىچى، سىلەرنىڭ ھەممىڭلار پادىچى، سىلەرنىڭ ھەممىڭلار ئۆز پادىلىرىڭلاردىن سوراق قىلىنىسىلەر » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) جەمئىيەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى بارلىقى.

2) ئايالنىڭ ئىپپەتلىك بولۇشى، ئېرىنىڭ مال-مۈلكىنى ئوبدان ساقلىشى كېرەكلىكى.

3) ئەر-ئايال ئىككىسى ھاياتتىكى ھەمراھلار بولۇپ، ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئۆز ئۈستىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ۋە بىر-بىرىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشى لازىملىقى.

284. تەلقە ئىبن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِذَا دعا الرَّجُلُ زَوْجتَهُ لِحَاجتِهِ فَلْتَأْتِهِ وإِنْ كَانَتْ عَلَى التَّنُّور » « ئەگەر بىر ئەر ئۆزىنىڭ ئايالىنى ھاجىتى ئۈچۈن چاقىرسا، ئۇ ئايال تونۇر بېشىدا بولسىمۇ كەلسۇن » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئەرنىڭ ئايالى ئۈستىدىكى ھەققىنىڭ چوڭلۇقى.

2) ئايالىنىڭ ئۆز ئىمكانىيىتى دائىرىسىدە ئاللاھ تائالا ۋاجىپ قىلغان ئىشلاردا ئېرىغا ئىتائەت قىلىشى ۋە رازى قىلىشى لازىملىقى.

285. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لَوْ كُنْتُ آمِراً أحَداً أَنْ يسْجُدَ لأَحدٍ لأَمَرْتُ المرْأَة أَنْ تَسْجُدَ لِزَوْجِهَا » « ئەگەر مەن بىر كىشىنى يەنە بىر كىشىگە (ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن) سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان بولسام، شەكسىز ئايال كىشىنى ئېرىگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇيتتۇم » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئايالىنىڭ ئېرىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشى ۋە ئېرىغا ئىتائەت قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى.

2) پەقەت ئاللاھلا بەندە سەجدە قىلىشقا لايىق زات ئىكەنلىكى.

286. ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « أَيُّما امرأَةٍ ماتَتْ وزوْجُهَا عنها راضٍ دخَلَتِ الجَنَّةَ » « قانداق بىر ئايال ئېرى ئۇنىڭدىن رازى بولغان ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە، جەننەتكە كىرىدۇ » .

― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئايال مۇئمىن ھالدا ۋاپات بولسا، ئېرىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلغان، ئۇنى رازى قىلغان بولسا، جەننەتكە كىرىدىغانلىقى، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ شۇ ئايالنىڭ گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلغانلىقى ياكى ئۇنىڭدىن رازى بولغانلىقىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكى.

287. مۇئاز ئىبن جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا تُؤْذِي امْرَأَةٌ زَوْجَهَا في الدُّنْيا إِلاَّ قالَتْ زَوْجَتُهُ مِنَ الحُورِ الْعِينِ لا تُؤْذِيه قَاتلَكِ اللَّه، فَإِنَّمَا هُو عِنْدَكِ دخِيلٌ يُؤشِكُ أَنْ يُفارِقَكِ إِلَينا » « ئەگەر بىر ئايال بۇ دۇنيادا ئېرىغا ئەزىيەت يەتكۈزسە، ئۇ ئەرنىڭ (ئۇ دۇنيادىكى) ھۆر پەرىلەردىن بولغان ئايالى (ئۇ ئايالغا): ‹ئۆلگۈر، ئۇنىڭغا ئەزىيەت يەتكۈزمە، ئۇ سېنىڭ قېشىڭدا بىر مېھماندۇر، ئۇ سېنىڭدىن ئايرىلىپ بىزلەرنىڭ قېشىمىزغا كېلىدىغانغا ئازلا ۋاقىت قالدى›، دەيدۇ » .

― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئايال كىشىنىڭ ناھەق ھالدا ئېرىغا ئازار بېرىشىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغان.

288. ئۇسامە ئىبن زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ما تركْتُ بعْدِي فِتْنَةً هِي أَضَرُّ عَلَى الرِّجالِ: مِنَ النِّسَاءِ » « مەن ئەرلەرگە ئاياللاردىن قاتتىقراق بىر سىناقنى قويۇپ كەتمىدىم » .

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئەرلەر ئاياللارغا مايىل بولىدىغانلىقى ۋە شۇ سەۋەبلىك بەزى گۇناھلارنى ئۆتكۈزۈپ قويىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئەرلەرنى ئاياللار بىلەن سىناش ئۇلارغا نىسبەتەن ئېغىر سىناق ھېسابلىنىدىغانلىقى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ