رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

4. باب راستچىللىق توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ اتَّقُواْ اللّهَ وَكُونُواْ مَعَ الصَّادِقِينَ﴾ ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھ تائالادىن قورقۇڭلار، راستچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار . («قۇرئان كەرىم» سۈرە تەۋبە 119- ئايەت)

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَالصَّادِقِينَ وَالصَّادِقَاتِ﴾ .... أَعَدَّ اللَّهُ لَهُم مَّغْفِرَةً وَأَجْرًا عَظِيمًا راستچىل ئەرلەر ۋە راستچىل ئاياللارغا،.... ئاللاھ تائالا مەغفىرەت ۋە كاتتا ساۋاب تەييارلىدى . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەھزاب 35- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَلَوْ صَدَقُوا اللَّهَ لَكَانَ خَيْرًا لَّهُمْ﴾ ئۇرۇش قارار قىلىنغان چاغدا، ئۇلار ئاللاھ تائالاغا سادىق بولۇشسا، ئەلۋەتتە ئۇلار ئۈچۈن ياخشى ئىدى . («قۇرئان كەرىم» سۈرە مۇھەممەد 21- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

54. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِنَّ الصَّدْقَ يَهْدِي إِلَى الْبِرِّ وَإِنَّ الْبِرَّ يَهْدِي إِلَى الجَنَّةِ، وَإِنَّ الرَّجُلَ ليصْدُقُ حَتَّى يُكتَبَ عِنْدَ اللَّهِ صِدِّيقاً، وإِنَّ الْكَذِبَ يَهْدِي إِلَى الفجُورِ وَإِنَّ الفجُورَ يَهْدِي إِلَى النَّارِ، وَإِنَّ الرَّجُلَ لَيَكْذِبُ حَتَّى يُكتَبَ عِنْدَ اللَّهِ كَذَّاباً » « ھەقىقەتەن راستچىللىق ياخشىلىققا باشلايدۇ. ياخشىلىق جەننەتكە باشلايدۇ. بىر ئادەم راست سۆز قىلىۋەرسە، ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا راستچىل دەپ پۈتۈلىدۇ. يالغانچىلىق بولسا گۇناھقا باشلايدۇ. گۇناھ دوزاخقا باشلايدۇ. بىر ئادەم يالغانچىلىق قىلىۋەرسە، ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا يالغانچى دەپ پۈتۈلىدۇ » .

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) راستچىللىقنى دوست تۇتۇش، چۈنكى ئۇ بارلىق ياخشىلىقنىڭ سەۋەبىدۇر. يالغانچىلىقتىن ھەزەر ئەيلەش، چۈنكى ئۇ بارلىق يامانلىقنىڭ مەنبەسىدۇر. كىمكى قانداق سۈپەت بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا نامى چىقىدىكەن، ئۇنى شۇنداق نەرسە بىلەن سۈپەتلەشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى.

2) ئىنسانغا بېرىلىدىغان ساۋاب ۋە جازانىڭ ئىنساننىڭ قىلغان ياخشى ۋە يامان ئەمەللىرىگە يارىشا بولىدىغانلىقى.

55. ھەسەن ئىبن ئەلىي ئىبن ئەبۇ تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرىدىن شۇنى ئېسىمگە ئېلىۋالغانىدىم: « دَعْ ما يَرِيبُكَ إِلَى مَا لا يَريبُكَ، فَإِنَّ الصِّدْقَ طُمأنينَةٌ، وَالْكَذِبَ رِيبةٌ » « سەن شەكلىنىدىغان نەرسىنى قويۇپ، شەكلەنمەيدىغان نەرسىنى تۇتقىن، چوقۇم راستچىللىق دىلنىڭ خاتىرجەملىكىدۇر، يالغانچىلىق دىلغۇللۇقتۇر » .

― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: شۈبھىلىك ئىشلاردىن ساقلىنىش، ھالاللىقى ئېنىق بولغان ئىشلارنى قىلىش، چۈنكى شەكلىنىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىش بىلەن مۇئمىن ئۆزىنىڭ دىنىنى ۋە نام-شەرىپىنى قوغداپ قالىدىغانلىقى.

56. ئەبۇ سۇفيان سەخىر ئىبن ھەرب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رۇم پادىشاھى ھىرەقلىنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلىپ يازغان مەكتۇبىنى تاپشۇرۇۋالغاندىكى ۋەقەلىكنى بايان قىلغان ئۇزۇن ھەدىسىدە مۇنداق دەيدۇ: ھىرەقلى مەندىن: « سىلەرنىڭ پەيغەمبىرىڭلار سىلەرنى نېمىگە ئۈندەيدۇ » ، دەپ سورىدى. مەن: « اعْبُدُوا اللَّهَ وَحْدَهُ لا تُشرِكُوا بِهِ شَيْئاً، واتْرُكُوا ما يَقُولُ آباؤُكُمْ، ويَأْمُرنَا بالصَّلاةِ والصِّدقِ، والْعفَافِ، والصِّلَةِ » « بىرلا ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشقا، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىككە، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنىنى تاشلاشقا، ناماز ئوقۇشقا، راستچىللىققا، ئىپپەتلىك بولۇشقا ۋە ئۆزئارا سىلە-رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ » ، دېدىم.

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1 ) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ راستچىل ئىكەنلىكى ۋە مۇشۇ سۈپەت بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا مەشھۇر بولۇپ، دۈشمەنلىرىنىڭمۇ بۇنىڭغا ئىقرار ئىكەنلىكى.

2 ) ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ مۇھىم يادروسى ― ئاللاھ تائالانى بىر دەپ تونۇش، ھېچقانداق نەرسىنى ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرمەسلىك ئىكەنلىكى. بۇ تەۋھىد بولسا بارلىق پەزىلەتلەرنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكى.

3 ) قارىغۇلارچە دوراشتىن ساقلىنىش، بولۇپمۇ دىنىي ئىشلاردا تېخىمۇ شۇنداق قىلىش كېرەكلىكى.

57. سەھل ئىبن ھۇنەيف بەدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ سَأَلَ اللَّهَ تعالَى الشِّهَادَة بِصِدْقٍ بَلَّغهُ اللَّهُ مَنَازِلَ الشُّهدَاء، وإِنْ مَاتَ عَلَى فِراشِهِ » « كىمكى ئاللاھ تائالادىن چىن دىل بىلەن شەھىدلىكنى سورىسا، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ تۈشىكىدە ئۆلۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ئاللاھ تائالا ئۇنى شەھىدلەرنىڭ دەرىجىسىگە يەتكۈزىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1 ) چىن دىل بىلەن سەمىمىي بولۇش مۇئمىننى ئارزۇسىغا يەتكۈزىدۇ. ئەگەر ئۇ بىرەر ياخشىلىقنى نىيەت قىلىپ، قىلالمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭغا شۇنىڭ ساۋابى بېرىلىدىغانلىقى.

2 ) شەھىدلىكنى ئارزۇ قىلىش ياخشى كۆرۈلىدىغان ئىشلار جۈملىسىدىن ئىكەنلىكى.

58. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « غزا نَبِيٌّ مِنَ الأَنْبِياءِ صلواتُ اللَّه وسلامُهُ علَيهِمْ فَقَالَ لقوْمِهِ: لا يتْبعْني رَجُلٌ ملَكَ بُضْعَ امْرَأَةٍ. وَهُوَ يُرِيدُ أَن يَبْنِيَ بِهَا وَلَمَّا يَبْنِ بِها، ولا أَحدٌ بنَى بيُوتاً لَمْ يرفَع سُقوفَهَا، ولا أَحَدٌ اشْتَرى غَنَماً أَوْ خَلَفَاتٍ وهُو يَنْتَظرُ أوْلادَهَا. فَغزَا فَدنَا مِنَ الْقَرْيةِ صلاةَ الْعصْرِ أَوْ قَريباً مِنْ ذلكَ، فَقَال للشَّمس: إِنَّكِ مَأمُورةٌ وأَنا مأمُورٌ، اللهمَّ احْبسْهَا علَينا، فَحُبستْ حَتَّى فَتَحَ اللَّهُ عليْهِ، فَجَمَعَ الْغَنَائِم، فَجاءَتْ يَعْنِي النَّارَ لتَأكُلهَا فَلَمْ تطْعمْهَا، فقال: إِنَّ فِيكُمْ غُلُولاً، فليبايعنِي منْ كُلِّ قبِيلَةٍ رجُلٌ، فلِزقتْ يدُ رَجُلٍ بِيدِهِ فَقَالَ: فِيكُم الْغُلولُ، فليبايعنِي قبيلَتُك، فلزقَتْ يدُ رجُليْنِ أو ثلاثَةٍ بِيَدِهِ فقَالَ: فِيكُمُ الْغُلُولُ، فَجاءوا برَأْسٍ مِثْلِ رَأْس بَقَرَةٍ مِنْ الذَّهبِ، فوضَعها فَجَاءَت النَّارُ فَأَكَلَتها، فلمْ تَحل الْغَنَائِمُ لأحدٍ قَبلَنَا، ثُمَّ أَحَلَّ اللَّهُ لَنا الغَنَائِمَ لمَّا رأَى ضَعفَنَا وعجزنَا فأحلَّها لنَا » « پەيغەمبەرلەردىن بىرى (يەنى يۈشەئ ئىبن نۇن) غازاتقا چىقتى. ئۇ ئۆزىنىڭ قەۋمىگە مۇنداق دېدى: ‹ئۆيلىنىپ ئايالى بىلەن بىر ياستۇققا باش قويماقچى بولغان، تېخى بىرگە بولمىغان كىشى، يەنە ئۆي سېلىپ ئۆينىڭ ئۈستىنى يېپىپ بولمىغان كىشى ۋە ساغلىق ياكى بوغاز تۆگە سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭ تۇغۇشىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان كىشى ماڭا ئەگەشمىسۇن›، دېدى. ئاندىن ئۇرۇش قىلدى. ناماز ئەسىر ۋاقتىدا ياكى ئاز قالغاندا ئۇ بىر شەھەرگە (يەنى ئەرىھاغا) يېقىنلاشتى. ئۇ قۇياشقا: ‹سەنمۇ بۇيرۇق بىلەن ماڭىسەن، مەنمۇ بۇيرۇق بىلەن ماڭىمەن، ئى ئاللاھ! ئۇنى بىزگە توختىتىپ بەرگىن›، دېدى. تاكى ئۇلار غەلىبە قىلغۇچە كۈن توختىتىپ قويۇلدى. ئۇلار غەنىيمەتلەرنى يىغدى، غەنىيمەتلەرنى كۆيدۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن ئوت غەنىيمەتلەرنى كۆيدۈرمەي قويدى. پەيغەمبەر: ‹ئىچىڭلاردا قارا ساناش ئىشلىرى بار ئىكەن، ماڭا ھەر بىر قەبىلىدىن بىر كىشى قولىنى بەرسۇن›، دېدى. ئاندىن بىر كىشىنىڭ قولى ئۇنىڭ قولىغا چاپلىشىپ قالدى. پەيغەمبەر: ‹سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا قارا ساناش بار ئىكەن، سېنىڭ قەبىلەڭ ماڭا قول بەرسۇن›، دېدى. ئاندىن ئىككى ياكى ئۈچ ئادەمنىڭ قولى ئۇنىڭ قولىغا چاپلىشىپ قالدى. پەيغەمبەر يەنە: ‹ئىچىڭلاردا قارا ساناش ئىشلىرى بار ئىكەن›، دېدى. ئاندىن ئۇلار ئالتۇندىن ياسالغان كالىنىڭ بېشىغا ئوخشاش بىر باشنى ئەكېلىپ قويدى. ئاندىن ئوت كېلىپ ئۇنى كۆيدۈردى. غەنىيمەتلەر بىزدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەردىن ھېچبىرىگە ھالال ئەمەس ئىدى. ئاللاھ تائالا بىزنىڭ ئاجىزلىقىمىزنى ۋە كەمبەغەللىكىمىزنى كۆرۈپ، غەنىيمەتلەرنى بىزگە ھالال قىلىپ بەردى » .

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1 ) ئىمام قۇرتۇبى مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر يۇقىرىقى ئۈچ تۈرلۈك كىشىنى ئۆزىگە ئەگىشىپ ئۇرۇش قىلىشتىن توسقان. بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇ كىشلەرنىڭ دىللىرى ئاشۇ سەۋەبلەرگە باغلىنىپ قېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇشتىكى ئىرادىسى ئاجىزلىشىپ كېتىدىغانلىقى، قىزغىنلىقى ئاسانلا سوۋۇپ كېتىدىغانلىقى.

2 ) دۈشمەن بىلەن كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ دۇنيا ئىشلىرىدىن بىكار بولۇپ پۈتۈن ئىخلاسى ۋە زېھنى بىلەن ئۇرۇشقا كىرىشى لازىملىقى.

3 ) ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلەرگە مۆجىزىلەرنى ئاتا قىلغانلىقى.

4 ) جانسىز نەرسىلەردە ھېچقانداق ئىختىيار ۋە مەسئۇلىيەت بولمايدىغانلىقى، ئەمما ئادەملەرنىڭ بولسا شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئادا قىلىشقا بۇيرۇلغانلىقى.

5 ) ئۆتكەن ئۈممەتلەرگە غەنىيمەت ھالال قىلىنمىغان بولۇپ، ئاسماندىن چۈشكەن ئوتنىڭ غەنىيمەتلەرنى كۆيدۈرۈۋېتىدىغانلىقى. ئەمما، ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىگە غەنىيمەتلەرنى ھالال قىلىپ بەرگەنلىكى. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالاھىدە خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى.

59. ھەكىم ئىبن ھىزام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « الْبيِّعَان بالخِيارِ ما لم يَتفرَّقا، فإِن صدقَا وبيَّنا بوُرِك لهُما في بَيعْهِما، وإِن كَتَما وكذَبَا مُحِقَتْ بركةُ بيْعِهِما » « ئالغۇچى بىلەن ساتقۇچى سودىلاشقان جايىدىن يۆتكىلىپ كەتمىسىلا، ئۇلارنىڭ سودىنى بۇزۇش ئىختىيارى بولىدۇ. ئەگەر سودىسىدا راست گەپ قىلىشسا، مالنىڭ ئەيىبلىرىنى يوشۇرۇشمىسا، ئۇلارنىڭ سودىسى بەرىكەتلىك بولىدۇ؛ ئەگەر ئۇلار مالنىڭ، پۇلنىڭ ئەيىبلىرىنى يوشۇرۇشسا، سودا ئۈستىدە يالغان گەپ قىلىشسا، قىلغان سودىسىنىڭ بەرىكىتى ئۇچۇپ كېتىدۇ » .

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) شافىئىي مەزھىپىدىكىلەر ھەدىستە ئېيتىلغان ئايرىلىپ كەتمەسلىكنى سودىلاشقان جايىدىن ئايرىلىپ كەتمەسلىك دەپ چۈشەندۈرىدۇ. ئەمما، ھەنەفىي مەزھىپىدىكىلەر بۇنى ئالغۇچى بىلەن ساتقۇچىنىڭ «مانچە پۇلغا ساتتىم، مانچە پۇلغا ئالدىم»، دېگەن سۆزىنىڭ بىردەك بولۇشى دەپ چۈشەندۈرىدۇ. يەنى، ساتقۇچى «بۇنى ئون كويغا ساتتىم»، دېگەن بولسا ئالغۇچى: «20 كويغا ئالدىم»، دېسە، بۇ سۆزنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن سودىنى بۇزۇش ئىختىيارى بولىدۇ.

2) مۇئمىنلەرنىڭ سودا-سېتىقتا مالنىڭ ئەيىبىنى ئېيتىشى كېرەكلىكى، ئۇنى يوشۇرۇشنىڭ ھاراملىقى. ئەگەر ئەيىبىنى ئاشكارىلىسا، ئۆلىمالار ئېيتقاندەك شەرت بىلەن سودىنى بۇزۇش ئىختىيارى بولىدىغانلىقى.

3) يالغانچىلىقنىڭ ھەرقانداق ئىشنىڭ بەرىكىتىنى ئۇچۇرۇۋېتىدىغانلىقى.

4) خۇددى سودىگەر ئۆز سودىسىدا راستچىل بولسا، ئالدامچىلىق قىلمىسا، ئۇنىڭ سودىسىغا بەرىكەت ياغقاندەك، بەندىمۇ ئاللاھ تائالاغا قىلغان ئىبادىتىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەمەس، چىن ئىخلاسى بىلەن قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا تېگىشلىك ساۋاب بېرىدىغانلىقى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ