رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

66. باب ئەرلەر قەبرە يوقلىسا بولىدىغانلىقى ۋە قەبرە يوقلىغۇچىنىڭ ئوقۇيدىغانلىرى توغرىسىدا

581. بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « كُنْتُ نَهَيْتُكُمْ عَنْ زِيارَة القُبُورِ فَزُوروها » « سىلەرنى قەبرىنى زىيارەت قىلىشتىن چەكلىگەنىدىم، ئەمدى قىلساڭلار بولىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) قەبرىنى زىيارەت قىلىشنىڭ جائىز ئىكەنلىكى. ئۆلىمالار ئەرلەرنىڭ دادىسى، دوستىغا ئوخشاش يېقىن ئادەملىرىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن قەبرىنى زىيارەت قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن، چۈنكى قەبرىنى زىيارەت قىلىش كىشىگە ئاخىرەتنى ئەسلىتىدۇ، ئۆلۈم ۋە قەبرىدىكى سوئال-سوراق، ھېساب-كىتابلارنى ئەسكە سېلىش بىلەن دىللارنى ئېرىتىدۇ.

2) ئەمما ئاياللارنىڭ قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىشى يامان كۆرۈلىدۇ، شۇنداقلا بۇ ھەقتە چەكلەش بايان قىلىنغان. ئەگەر ئاياللارنىڭ قەبرىنى زىيارەت قىلىشى پىتنە ياكى ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ يىغلاشتەك شەرىئەتتە چەكلەنگەن ئىشلار بىلەن باغلىنىپ قالسا ئۇلارنى زىيارەتتىن چەكلەش كېرەك. ئەگەر ئۆلگۈچى ئايالنىڭ ناھايىتى يېقىن ئادىمى بولسا، شۇنداقلا ئايالنىڭ قەبرىنى زىيارەت قىلىشى شەرىئەتتە چەكلەنگەن ئىشلار بىلەن باغلانمىسا، قەبرىسىنى زىيارەت قىلىشى مۇباھ ھېسابلىنىدۇ.

3) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

4) ئىسلام شەرىئىتىدە بەزى ئەھكاملارنىڭ نەسخى (ئەمەلدىن قالدۇرۇش) قىلىنىشى جائىز ئىكەنلىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەسلەپتە جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ئادەتلىرى تەلتۆكۈس يوقالمىغانلىقىنى، بۇتپەرەسلىكنىڭ يوقالمىغانلىقىنى ۋە كىشىلەرنىڭ قەبرە بېشىدا ئىسلام دىنىدا چەكلەنگەن ھۇ تارتىپ يىغلاشلىرىدەك قىلمىشلارنى كۆزدە تۇتۇپ كىشىلەرنى قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىشتىن چەكلىگەن.

5) ئىسلام دىنىنىڭ قائىدىلىرى پۇختا ئورنىتىلغان، ئەھكاملىرى روشەنلەشكەن، تەۋھىد ئەقىدىسى كىشىلەر قەلبىگە مەھكەم ئورناشقاندىن كېيىن چەكلەشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىشقا رۇخسەت قىلغان.

582. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر قاچان ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ نۆۋەت كېچىسى بولسا، كېچىنىڭ ئاخىرىدا بەقى قەبرىستانلىقىغا چىقىپ: « السَّلامُ عَلَيْكُمْ دَارَ قَوْمٍ مُؤمِنينَ، وأَتَاكُمْ ما تُوعَدُونَ، غَداً مُؤَجَّلُونَ، وإِنَّا إِنْ شَاءَ اللَّهُ بِكُمْ لاحِقُونَ، اللَّهُمَّ اغْفِرْ لأَهْلِ بَقِيعِ الغَرْقَدِ » « ئى مۇئمىلەر! سىلەرگە سالام! ۋەدە قىلىنغان نەرسىلەر سىلەرگە كەلدى، ئەتە كۆز ئالدىڭلارغا ھازىر بولىدۇ، ئەگەر ئاللاھ تائالا خالىسا، بىزمۇ سىلەرگە قوشۇلىمىز، ئى ئاللاھ! بەقىدىكىلەرنى مەغفىرەت قىلغىن » ، دەيتتى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) قەبرىدىكىلەرگە سالام بېرىش ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېيتقاندەك ئۇلار ئۈچۈن ئىستىغفار ئېيتىپ دۇئا قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

2) كېچىدە قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى.

583. بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، قاچانكى كىشىلەر قەبرىستانلىققا چىقماقچى بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ دۇئانى تەلىم بېرەتتى: « السَّلامُ عَلَيكُمْ أَهْل الدِّيارِ مِنَ المُؤْمِنِينَ والمُسْلِمِينَ وَإِنَّا إِنْ شَاءَ اللَّهُ بِكُمْ لاَحِقُونَ، أَسْأَلُ اللَّه لَنَا وَلَكُمُ العافِيَةَ » « ئى مۇئمىن مۇسۇلمانلار! سالام سىلەرگە! ئاللاھ تائالا خالىسا بىزمۇ سىلەرگە قوشۇلىمىز، ئاللاھ تائالادىن بىز ئۈچۈن ۋە سىلەر ئۈچۈن ئامانلىق تىلەيمىز » .

― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

584. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنە قەبرىستانلىقىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، قەبرىستانلىققا يۈز كەلتۈرۈپ: « السَّلامُ عَلَيْكُمْ يا أَهْلَ القُبُورِ، يَغْفِرُ اللَّهُ لَنا وَلَكُمْ، أَنْتُم سَلَفُنا ونحْنُ بالأَثَرِ » « ئى قەبرە ئەھلى! سىلەرگە سالام! ئاللاھ تائالا بىزنى ۋە سىلەرنى ئەپۇ قىلغاي، سىلەر بىزدىن بۇرۇن كەلگۈچىلەر، پات يېقىندا بىزمۇ سىلەرگە ئەگىشىپ كېلىمىز » ، دېدى.

― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئۆلۈكلەرگە ئالدىنى قىلىپ يۈزلىنىپ تۇرۇپ سالام بېرىش ۋە دۇئا قىلىش قەبرىنى زىيارەت قىلىشنىڭ ئەدەپلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ