70. باب كىـشىلەرگە ئارىلىشىنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا
بىلىش كېرەككى، كىشىلەرگە مەن يۇقىرىدا بايان قىلغان يول بىلەن ئارىلىشىش لازىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە باشقا پەيغەمبەرلەر (ئۇلارغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى ۋە سالىمى بولسۇن)، شۇنىڭدەك چاھاريارلار ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى ساھابىلەر، تابىئىنلار، مۇسۇلمان ئالىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ ياخشىلىرى ماڭغان بۇ يول بولسا تابىئىنلارنىڭ كۆپچىلىكى ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرنىڭ مەزھىپىدۇر. ئەھمەد ۋە شافىئىي ۋە فىقھىشۇناسلارنىڭ تولىسى مۇشۇ قاراشتىدۇر.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَتَعَاوَنُوا عَلىَ البِرِّ وَالتَّقْوىَ﴾ ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار . («قۇرئان كەرىم» سۈرە مائىدە 2- ئايەت)
بۇ توغرىدا يەنە نۇرغۇن ئايەتلەر بار.