رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

85. باب سىر ساقلاش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَأَوْفُواْ بِالْعَهْدِ إِنَّ الْعَهْدَ كَانَ مَسْؤُولاً﴾ ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار، (قىيامەت كۈنى) ئەھدە ئۈستىدە (يەنى ئەھدىگە ۋاپا قىلغان-قىلمىغانلىق ئۈستىدە) ئەلۋەتتە سوئال-سوراق قىلىنىسىلەر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە بەنى ئىسرائىل 34- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

685. ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا مۇنداق دېگەن: « إنَّ مِنْ أَشَرِّ النَّاسِ عِنْدَ اللَّهِ مَنْزِلَة يَوْم الْقِيامَةِ الرَّجُل يُفضِي إلى المَرْأَةِ وَتُفضِي إلَيهِ ثُمَّ يَنْشُرُ سِرَّهَا » « ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدىن قىيامەت كۈنى ئەڭ ناچار ئورۇندا بولىدىغان كىشى شۇنداق ئەردۇركى، ئايالى بىلەن بىر يەردە بولۇپ ئۇنىڭ سىرلىرىنى باشقىلارغا يايىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئايالىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى پاش قىلغان كىشىنىڭ ئېغىر ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقى، چۈنكى بۇنداق قىلىشنىڭ چوڭ گۇناھلارغا سەۋەبچى ئىكەنلىكى.

2) ئايالىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىماسلىقنىڭ ئەرنىڭ ئايالىغا قارىتا مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكى.

686. ئابدۇللاھ ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇنداق دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى تۇل قالغان چاغدا ھەزرىتى ئۇمەر مۇنداق دېگەن: « مەن ئوسمان ئىبن ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا يولۇقۇپ، ئۇنىڭغا قىزىم ھەفسىنى نىكاھىڭغا ئالغىن » ، دېدىم. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: « مەن ئويلىنىپ باقاي » ، دەپ نەچچە كۈندىن كېيىن: « مەن توي قىلمىسام بولىدىغاندەك تۇرىدۇ » ، دېدى. ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: « مەن ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا يولۇقتۇم ۋە ئۇنىڭغا خالىساڭ قىزىم ھەفسىنى نىكاھىڭغا ئالغىن » ، دېدىم. ئەبۇ بەكرى گەپ سۆز قىلمىدى. مەن ئوسمانغا قارىغاندىمۇ ئۇنىڭدىن بەكرەك خاپا بولدۇم. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ھەفسىگە پەيغەمبىرىمىز لايىق بولۇپ كەلدى. مەن ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ياتلىق قىلدىم. كېيىن ماڭا ئەبۇ بەكرى ئۇچراپ: « بەلكىم سەن ماڭا ھەفسىنى سايە قىلغاندا، مەن گەپ قىلمىسام ئاچچىقىڭ كەلگەندۇ. مېنىڭ ساڭا بىر نەرسە دېمەسلىكىمدىكى سەۋەب، رەسۇلۇللاھ ھەفسەنىڭ گېپىنى قىلغانىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاشنى ھەم خالىمايتتىم. مۇبادا پەيغەمبىرىمىز ھەفسە بىلەن توي قىلمىسا، مەن چوقۇم ئۇنى قوبۇل قىلغان بولاتتىم » ، دېگەن. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) قىزىنى دىيانەتلىك، ياخشى كىشىلەرگە بېرىشكە توغرىلاشنىڭ جائىز ئىكەنلىكى.

2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆز ئاچقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ سۆز ئېچىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى.

3) مەخپىيەتلىكنى قەتئىي ساقلاش كېرەكلىكى.

4) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تىلغا ئېلىپ ئاندىن بولدى قىلغان ئايالنى باشقىلارنىڭ نىكاھلاپ ئېلىشقا بولىدىغانلىقى، چۈنكى ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ئەمەس.

687. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مۇئمىنلەرنىڭ ئانىلىرىنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىدا ئىدى، بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى فاتىمە كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ مېڭىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى كۆرۈپ: « مرْحباً يابنَتي » « كەل قىزىم، ئولتۇر » ، دەپ ئۆزىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ياكى سول تەرىپىدە ئولتۇرغۇزدى. دەسلەپتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىزى فاتىمەنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ بىر نەرسە دېۋىدى، فاتىمە قاتتىق يىغلاپ كەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىزىنىڭ بىئارام بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ قۇلىقىغا يەنە پىچىرلاپ بىر نېمىلەرنى دېۋىدى، ئۇ كۈلۈپ كەتتى. مەن ئۇنىڭغا: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرىنى قويۇپ تۇرۇپ سەن بىلەن ئالاھىدە سىرداشتى، ئاندىن سەن يىغلىدىڭ » ، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چىقىپ كەتكەندىن كېيىن فاتىمەدىن: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساڭا نېمە دېدى؟ » ، دەپ سورىسام، فاتىمە: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سىرىنى ھېچكىمگە ئېيتمايمەن » ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مەن: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساڭا دېگەن مەخپىيەتلىكنى ئەمدى بىلسەم بولامدۇ؟»، دېگىنىمدە، فاتىمە: « ئەمدى دەپ بەرسەم بولىدۇ، دەسلىپىدە ماڭا پىچىرلىغىنى: ‹ أَنَّ جِبْرِيل كَان يُعارِضُهُ القُرْآن في كُلِّ سَنَةٍ مرَّة أَوْ مَرَّتَيْن، وأَنَّهُ عَارَضهُ الآنَ مَرَّتَيْنِ، وإني لا أُرَى الأجَل إلاَّ قدِ اقْتَرَب، فاتَّقِي اللَّه واصْبِرِي، فَإنَّهُ نِعْم السَّلَف أَنَا لكِ › ‹پەرىشتە جىبرىئىل ھەر يىلى ‹قۇرئان كەرىم›نى بىر ياكى ئىككى قېتىم ئالدىمدىن ئۆتكۈزەتتى، لېكىن بۇ يىل ئىككى قېتىم ئوقۇپ بەردى، قارىغاندا ئەجىلىم يېقىنلىشىپ قالغان ئوخشايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سەن ئاللاھ تائالاغا تەقۋادارلىق قىلغىن، سەۋرچان بولغىن، مەن سېنىڭ ئالدىڭدا كەتكەن نېمىدېگەن ياخشى پېشۋامەن›، دېگەندە، مەن سەن كۆرگەندەك قاتتىق يىغلاپ كەتتىم. ئۇ مېنىڭ بىئارام بولغانلىقىمنى كۆرۈپ ئىككىنچى قېتىم ماڭا پىچىرلاپ مۇنداق دېدى: ‹ يَا فَاطمةُ أَما تَرْضِينَ أَنْ تَكُوني سيِّدَةَ نِسَاء المُؤْمِنِينَ، أوْ سَيِّدةَ نِساءِ هذهِ الأمَّةِ؟ › ‹ قىزىم فاتىمە، ئاخىرەتتە پۈتكۈل مۇئمىن ئاياللارنىڭ سەييىدەسى بولۇشتىن ياكى بۇ ئۈممەتنىڭ ئاياللىرىنىڭ سەييىدەسى بولۇشتىن مەمنۇن بولمامسەن›، دېگەندە سەن كۆرگەندەك كۈلۈپ كەتتىم»، دېدى.

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) گۇناھ بولمايدىغان دەرىجىدە يىغلاشنىڭ دۇرۇس بولىدىغانلىقى.

2) فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ ئىسلام ئۈممىتى ئاياللىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئىكەنلىكى.

3) مۇئمىن مۇسىبەتكە ئۇچرىغاندا سەۋر قىلىدۇ. ياخشىلىق يەتسە ئۆزىنى يوقىتىپ ھاكاۋۇرلۇق قىلمايدۇ.

688. سابىت ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەنەس ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: مەن كىچىك بالىلار بىلەن ئويناۋاتاتتىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئالدىمغا كېلىپ ماڭا سالام بەردى ۋە مېنى بىر ئىشقا بۇيرۇدى، بۇ ئىشنى قىلىمەن دەپ ئانامنىڭ خىزمىتىگە كېچىكىپ قالدىم. مەن ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئانام: « نېمىشقا كېچىكىپ قالدىڭ؟ » ، دەپ سورىدى. مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مېنى بىر ئىشقا بۇيرۇغانلىقىنى ئېيتتىم. ئانام: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نېمە ئىشى بار ئىكەنتۇق؟ » ، دېدى. مەن: «بۇ مەخپىيەتلىك»، دېدىم. ئانام: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سىرىنى ھېچكىمگە ئېيتما »، د ېدى. ئەنەس مۇنداق دېدى: « ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، ئەگەر ئۇ سىرنى بىرسىگە دېمەكچى بولىدىغان بولسام، ئى سابىت ئەلۋەتتە ئۇنى ساڭا دەيتتىم » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئەنەس ئىبن مالىكنىڭ پەزىلىتى: ئۇنىڭ مېھرىبانلىقى، ۋاپادار، ئىشەنچىلىكلىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئۇ ھايات ۋاقتىدىمۇ ۋە ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ ساقلىغانلىقى.

2) ئەنەسنىڭ ئاپىسىنىڭ ئوغۇللىرىنى ياخشى تەربىيلىگەنلىكى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەخپىيەتلىكىنى سۆزلىمەسلىككە تەۋسىيە قىلغانلىقى.

3) قېرىنداشلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ۋە ئۇنى پاش قىلماسلىقنىڭ ئىسلامنىڭ ئېسىل ئەدەپ-ئەخلاقلىرىدىن ئىكەنلىكى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ