رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

9. باب ئاللاھ تائالانىڭ بۈيۈك مەخلۇقاتــلىرى، دۇنـيانىڭ تۈگىشى، ئاخىـــرەتــنىڭ قورقۇنــچلىــرى ۋە باشـــقا ئىشــــلار ئۈســـتىـــدە پىـكىر يۈرگۈزۈش، نەپسىنىڭ يېتەرسىزلىكلىرى، ئۆز نەپسىنى تۈزەش ۋە ئۇنى توغرا يولغا يېتەكلەش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إنَّمَا أعِظُكُمْ بِوَاحدةٍ أنْ تقُوموا للَّهِ مَثْنَى وفُرادَى ثُمَّ تَتَفَكَّرُوا﴾ ئېيتقىنكى: « مەن سىلەرگە بىر ئىشنى تەۋسىيە قىلىمەن، سىلەر خۇدالىق ئۈچۈن ئىككىدىن، يا بىردىن تۇرۇڭلار (يەنى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن يىغىلىپ ياكى يەككە ھالدا ھەقنى تىلەڭلار) ئاندىن پىكىر يۈرگۈزۈڭلار . («قۇرئان كەرىم» سۈرە سەبەئ 46- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿إنَّ في خَلْقِ السَّمواتِ والأرْضِ واخْتلافِ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ لآيَاتٍ لأُولِي الألْبَابِ الَّذِينَ يَذْكُرونَ اللَّه قِياماً وَقُعُوداً وعَلَى جُنُوبِهمْ ويَتَفَكَّرون في خَلْق السَّمواتِ وَالأرْضِ ربَّنَا مَا خَلَقْتَ هَذَا بَاطلاً سُبْحَانَك﴾ شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا، ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئەلۋەتتە روشەن دەلىللەر بار. ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ ئاللاھ تائالانى ئەسلەپ تۇرىدۇ. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ): « پەرۋەردىگارىمىز! بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ، سەن پاكتۇرسەن » . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئال ئىمران 190-، 191- ئايەتلەر)

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿أفلا ينْظُرونَ إلَى الإِبلِ كِيْفَ خُلِقَتْ وإلَى السَّمَاءِ كَيْفَ رُفِعتْ وإلَى الْجِبالِ كَيْفَ نُصِبتْ وَإَلى الأرضِ كيْفَ سُطِحتْ فَذَكِّرْ إنما أنْتَ مُذَكِّرٌ﴾ ئۇلار قارىمامدۇكى، تۆگىلەر قانداق يارىتىلدى، ئاسمان قانداق ئېگىز قىلىندى، تاغلار قانداق تۇرغۇزۇلدى، زېمىن قانداق يېيىتىلدى. سەن (ئۇلارغا) ۋەز-نەسىھەت قىلغىن، سەن پەقەت (ئۇلارغا) ۋەز-نەسىھەت قىلغۇچىسەن . («قۇرئان كەرىم» سۈرە غاشىيە 21 ~ 17- ئايەتلەر)

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿أَفَلَمْ يَسِيرُوا فِي الأَرْضِ فَيَنظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ﴾ ئۇلار زېمىندا سەير قىلىپ، ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە مۇھەممەد 10- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

بۇ بابقا ئائىت ئايەتلەر كۆپتۇر. يۇقىرىدا ئۆتكەن 66- نومۇرلۇق ھەدىسمۇ مۇشۇ بابقا ئالاقىدار ھەدىستۇر.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ