90. باب سورۇنداشنىڭ ياخشى سۆزىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاشنىڭ لازىملىقى، ئالىم ۋە تەبلىغ قىلغۇچىنىڭ سۆزلىگەندە باشقىلارنىڭ سۆزىنى توختىتىپ قويۇشى توغرىسىدا
698. جابىر ئىبن ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا ھەججەتۇلۋىدادا مۇنداق دېگەن: « اسْتَنْصِتِ النَّاسَ » « سەن كىشىلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشقا دەۋەت قىلغىن » ئاندىن يەنە مۇنداق دېگەن: « لا ترْجِعُوا بعْدِي كُفَّاراً يضْرِبُ بَعْضُكُمْ رِقَاب بَعْضٍ » « سىلەر مەندىن كېيىن، ھەرگىزمۇ بىر-بىرىڭلارنى قىرىدىغان كۇففار بولماڭلار »، د ېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ھەسەت قىلىشىپ بىر-بىرى بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزىدىغان ياكى ئۇرۇشۇپ قالىدىغان ئىشلاردىن چەكلەش.