رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

92. باب ئېغىر-بېسىقلىق ۋە تەمكىنلىك توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَعِبَادُ الرَّحْمَنِ الَّذِينَ يَمْشُونَ عَلَى الْأَرْضِ هَوْنًا وَإِذَا خَاطَبَهُمُ الْجَاهِلُونَ قَالُوا سَلَامًا﴾ مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ (ياخشى كۆرىدىغان) بەندىلىرى زېمىندا ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتۇپ تەمكىنلىك بىلەن ماڭىدۇ، نادانلار ئۇلارغا (ياقتۇرمايدىغان) سۆز قىلسا، ئۇلار: « سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز » ، دەيدۇ (يەنى گۇناھ بولمايدىغان سۆزلەرنى قىلىدۇ) . («قۇرئان كەرىم» سۈرە فۇرقان 63- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

703. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈستىنكى تاڭلىيى كۆرۈنگۈدەك دەرىجىدە ئاغزىنى ئېچىپ قاقاقلاپ كۈلگەنلىكىنى ھېچ كۆرگۈنۈم يوق، ئۇ پەقەتلا كۈلۈمسىرەپ قوياتتى.

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئاز كۈلۈشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، چۈنكى كۆپ كۈلۈش ئاللاھ تائالادىن غاپىل قىلىپ قويىدۇ. بەزى ھاللاردا كۆپ كۈلۈش كىشىنىڭ قېرىداشلىرى ئارىسىدىكى تەمكىنلىكنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ قويىدۇ.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ