رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

95. باب خۇش خەۋەر بېرىش ۋە مۇبارەكلەشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَالَّذِينَ اجْتَنَبُوا الطَّاغُوتَ أَن يَعْبُدُوهَا وَأَنَابُوا إِلَى اللَّهِ لَهُمُ الْبُشْرَى فَبَشِّرْ عِبَادالَّذِينَ يَسْتَمِعُونَ الْقَوْلَ فَيَتَّبِعُونَ أَحْسَنَهُ أُوْلَئِكَ الَّذِينَ هَدَاهُمُ اللَّهُ وَأُوْلَئِكَ هُمْ أُوْلُوا الْأَلْبَابِ﴾ شەيتانغا (ۋە بۇتلارغا) چوقۇنۇشتىن يىراق بولغانلارغا، ئاللاھقا (ۋە ئۇنىڭ ئىبادىتىگە) قايتقانلارغا (جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ، سۆزگە قۇلاق سېلىپ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغانلارغا (يەنى تەقۋادار بەندىلىرىمگە) خۇش خەۋەر بەرگىن، ئەنە شۇلار ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرىدۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە زۇمەر 17-، 18- ئايەتلەر)

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿يُبَشِّرُهُمْ رَبُّهُم بِرَحْمَةٍ مِّنْهُ وَرِضْوَانٍ وَجَنَّاتٍ لَّهُمْ فِيهَا نَعِيمٌ مُّقِيمٌ﴾ پەرۋەردىگارى ئۇلارغا ئۆزىنىڭ رەھمىتى، رازىلىقى ۋە جەننەتلىرى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈلۈك نېئمەتكە ئېرىشىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە تەۋبە 21- ئايەت)

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿أَلَّا تَخَافُوا وَلَا تَحْزَنُوا وَأَبْشِرُوا بِالْجَنَّةِ الَّتِي كُنتُمْ تُوعَدُون﴾ قورقماڭلار، غەم قىلماڭلار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار . («قۇرئان كەرىم» سۈرە فۇسسىلەت 30- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿فَبَشَّرْنَاهُ بِغُلَامٍ حَلِيمٍ﴾ بىز ئىبراھىمغا ناھايىتى مۇلايىم بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ساففات 101- ئايەت)

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَلَقَدْ جَاءتْ رُسُلُنَا إِبْرَاهِيمَ بِالْبُـشْرَى﴾ شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئەلچىلىرىمىز (يەنى پەرىشتىلەر) ئىبراھىمغا خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلدى . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ھۇد 69- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿فَبَشَّرْنَاهَا بِإِسْحَقَ وَمِن وَرَاء إِسْحَقَ يَعْقُوبَ﴾ ئۇنىڭ ئايالى بىر تەرەپتە تۇرۇپ (لۇت قەۋمىنىڭ ھالاك بولىدىغانلىقىدىن خۇشاللىنىپ) كۈلدى، بىز ئۇنىڭغا ئىسھاق بىلەن ۋە ئىسھاقتىن كېيىن كېلىدىغان يەئقۇب بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ھۇد 71- ئايەت)

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿فَنَادَتْهُ الْمَلآئِكَةُ وَهُوَ قَائِمٌ يُصَلِّي فِي الْمِحْرَابِ أَنَّ اللّهَ يُبَشِّرُكَ بِيَحْيَـى﴾ ئۇ (زەكەرىيا) ئىبادەتگاھىدا ناماز ئوقۇۋاتقاندا پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا: « ساڭا ئاللاھنىڭ كەلىمىسى (يەنى ئىيسا)نى تەستىق قىلغۇچى، سەييىد، پەرھىزكار ۋە ياخشىلاردىن بولغان يەھيا ئىسىملىك بىر پەيغەمبەر بىلەن خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ »، د ەپ نىدا قىلدى . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئال ئىمران 39- ئايەت)

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿إِذْ قَالَتِ الْمَلآئِكَةُ يَا مَرْيَمُ إِنَّ اللّهَ يُبَشِّرُكِ بِكَلِمَةٍ مِّنْهُ اسْمُهُ الْمَسِيحُ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ وَجِيهًا فِي الدُّنْيَا وَالآخِرَةِ وَمِنَ الْمُقَرَّبِينَ﴾ ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر ئېيتتى: « ئى مەريەم! ئاللاھ ساڭا (ئاتىنىڭ ۋاسىتىسىز) ئاللاھنىڭ بىر كەلىمىسى (دىن تۆرەلگەن بىر بوۋاق) بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇكى، ئۇنىڭ ئىسمى مەسىھ مەريەم ئوغلى ئىيسادۇر، ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئابرۇيلۇق ۋە ئاللاھقا يېقىنلاردىن بولىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئال ئىمران 45- ئايەت)

708. ئابدۇللاھ ئىبن ئەبى ئەۋفا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى خەدىچەگە جەننەتتىكى مەرۋايىتتىن بىنا قىلىنغان شاۋقۇن-سۆرەنسىز، ئارامبەخىش گۈزەل بىر ئۆي بىلەن خۇش خەۋەر بەردى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ياخشىلىق بىلەن خۇش بېشارەت بېرىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، چۈنكى بۇنداق قىلىشنىڭ مۇئمىنلەرنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىدىغانلىقى.

2) خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇنجى ئايالى، ئۇنىڭغا تۇنجى ئىمان ئېيتقۇچى، پۇل-مال ۋە جېنى بىلەن ياردەم قىلغۇچى ھەمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئايال ئىكەنلىكى. ئۇ توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « آمَنَتْ بِي حِيْنَ كَفَرَ النَّاسُ وَصَدَّقَتْنِي حِيْنَ كَذَّبَنِي النَّاسُ وَوَاسَتْنِي بِمَالِهَا حِيْنَ حَرَمَنِي النَّاسُ » «خەدىچە-كىشىلەر مېنى ئىنكار قىلغاندا ئىمان ئېيتتى، كىشىلەر مېنى يالغانغا چىقارغاندا مېنى تەستىق قىلدى، كىشىلەر مېنى مەھرۇم قىلغاندا ئۇ پۇل-مېلى بىلەن ماڭا غەمخورلۇق قىلدى»، دېگەن.

709. ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن ئۆيدە تاھارەت ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، چىقىپ ناماز ئوقۇدۇم، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىر قەدەممۇ نېرى كەتمەي كۈن بويى ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇشقا قەسەم بېرىپ، مەسجىدكە كېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەدىلىكىنى سۈرۈشتۈردۈم. بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى « ئاۋۇ يەرگە كەتتى » ، دېدى. مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىز دىرىكىنى قىلىپ، كەتكەن يېرىنى سوراپ ماڭدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام « ئەرس » قۇدۇقى يېنىدا بولۇپ، ھاجەت قىلىپ تاھارەت ئېلىپ بولغۇچە ئىشىك ئالدىدا ساقلاپ تۇردۇم. ئاندىن ئۇنىڭ يېنىغا كەلسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىشتىنىنىڭ ئايىغىنى تىزىغىچە تۈرۈپ، ئىككى پۇتىنى قۇدۇققا ساڭگىلىتىپ ئولتۇرۇپتۇ. مەن سالام بەرگەندىن كېيىن، كەينىمگە يېنىپ ئىشىك تۈۋىگە كەلدىم، كۆڭلۈمدە « بۈگۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشىك باقارى بولاي »، د ەپ ئويلىدىم. شۇ ۋاقتىدا ئەبۇ بەكرى كېلىپ ئىشىكنى چەكتى، مەن: « كىم؟ » ، دەپ سورىدىم. ئۇ: « مەن ئەبۇ بەكرى » ، دېدى. مەن: « تەخىر قىلغىن »، د ېدىم ۋە بېرىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: « ئەبۇ بەكرى سەن بىلەن كۆرۈشمەكچىكەن » ، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « ائْذَنْ لَه وبشِّرْه بالجنَّةِ » « كىرسۇن، ئۇنىڭغا جەننەت بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن » ، دېدى. مەن چىقىپ ئەبۇ بەكرىگە: « كىرگىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساڭا جەننەت بىلەن خۇش خەۋەر بەردى » ، دېدىم، ئەبۇ بەكرى كىرىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇردى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش ئىشتىنىنى تىزىغىچە تۈرۈپ، پۇتىنى قۇدۇققا ساڭگىلىتىپ ئولتۇردى. مەن كۆڭلۈمدە « بىر قېرىندىشىم تاھارەت ئېلىپ بولۇپ بۇ يەرگە كەلگەن بولسا ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەن بولسا »، د ەپ ئۈمىد قىلدىم. دەل شۇ ۋاقىتتا بىرسى ئىشىكنى چەكتى، مەن: « كىم؟ » ، دېدىم. قارشى تەرەپ: « مەن ئۇمەر »، د ېدى. مەن: « تەخىر قىلغىن » ، دەپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا سالام بېرىپ: « ئۇمەر سەن بىلەن كۆرۈشمەكچىكەن » ، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « ائْذَنْ لَه وبشِّرْه بالجنَّةِ » « كىرسۇن، ئۇنىڭغا جەننەت بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن »، د ېدى. مەن چىقىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىنى ئۇنىڭغا ئېيتتىم. ئۇمەر كىرىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سول تەرىپىدە، پۇتىنى قۇدۇققا ساڭگىلىتىپ ئولتۇردى. مەن ئىشىك تۈۋىدە ئولتۇرۇپ كۆڭلۈمدە: « ئاللاھ تائالا خالىغان بىر كىشىسىگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلغان بولسا، ئۇ كىشى چوقۇم بۇ يەرگە كېلىدۇ »، د ەپ ئويلۇدۇم. دەرۋەقە يەنە بىرسى ئىشىكنى چەكتى. مەن: « كىم؟»، دەپ سورىدىم. ئۇ كىشى: « مەن ئوسمان ئىبن ئەففان بولىمەن » ، دېدى. مەن: « تەخىر قىلىپ تۇرغىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتكۈزەي » ، دېدىم. كىرىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەھۋالنى يەتكۈزدۈم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « ائْذَن لَهُ وبَشِّرْهُ بِالجَنَّةِ مَعَ بَلْوى تُصيبُهُ » « كىرسۇن، ئۇنىڭغا جەننەت بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن، ئۇ دۇنيادا پىشكەللىككە يولۇقىدۇ » ، دېدى. ئوسمان كىرىپ قۇدۇقنىڭ بىر تەرىپىنىڭ توشۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، يەنە بىر تەرىپىگە ئۆتۈپ ئۇلارغا قاراپ ئولتۇردى، سەئد ئىبن مۇسەييەپ: « مەن ئۇلارنىڭ ئولتۇرۇشىنى ئۇلارنىڭ قەبرىسىنىڭ شۇنداق بولىدىغانلىقى بىلەن ئىزاھلىدىم (شۇنىڭدەك ھازىر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئەبۇ بەكرى ۋە ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ قەبرىلىرى شۇ يەردە، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بولسا باشقا جايدا. ―ت) » ، دېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ساھابىلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆھبىتىگە ئامراق ئىكەنلىكى، ئۆزىنى باشقىلارنىڭ خىزمىتىگە ئاتىۋېتىشنىڭ جائىز ئىكەنلىكى، ئەبۇ مۇسا ئۆزىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەرۋازىۋەنلىكىگە ئاتىۋەتكەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئىشنى ئىنكار قىلمىغان.

2) ئىجازەت سورىغۇچىنىڭ ئىسمى سورالغاندا ئىسمىنى ئوچۇق ئېيتىشنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكى.

3) ئەبۇ بەكرى، ئۇمەر ۋە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملارنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇلارنىڭ جەننەت ئەھلىدىن ئىكەنلىكى.

4) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا كېلىدىغان مۇسىبەتلەر توغرىسىدا خەۋەر بەرگەنلىك مۆجىزىسىنى بايان قىلىش.

5) سورۇندىكىلەرنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، ئوڭ تەرەپنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ تەرەپ ئىكەنلىكى، كىشىنىڭ ئۆز ئەھلى ۋە قېرىندىشىغا ياخشىلىقنى ئۈمىد قىلسا بولىدىغانلىقى.

6) سورۇنغا كىرسە بوش يەردە ئولتۇرۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

710. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇراتتۇق، ئولتۇرغانلارنىڭ ئىچىدە ئەبۇ بەكرى بىلەن ئۇمەر بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپ ئۇزاققىچە كەلمىدى. بىز ھەممىمىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئەنسىرەپ چۆچۈپ ئورنىمىزدىن تۇردۇق. مەن بولسام ناھايىتى ئەنسىرەپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئىزدەپ كېتىۋېتىپ نەججار جەمەتىدىن بولغان بىر ئەنسارىينىڭ تېمىنىڭ يېنىغا كېلىپ قالدىم، شۇنىڭ بىلەن كىرىش ئېغىزىنى ئىزدىدىم. ئىشىكنى تاپالماي كىتىۋېتىپ تۇيۇقسىز بىر كىچىك ئېرىقتىكى سۇنىڭ تام تۈۋىدىكى بۇلاقتىن ئېقىپ چىقىپ، تامنىڭ ئاستىدىكى ئېرىقتىن ئىچى تەرەپكە ئاققانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم، شۇنىڭ بىلەن ئېرىقتىن ئۆمىلەپ كىرىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا باردىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « ما شَأنُك » « نېمە بولدى؟ » ، دەپ سورىدى. مەن: « سەن بىز بىلەن بىللە ئىدىڭ، كېيىن ئورنىڭدىن تۇرۇپ كېتىپ قايتىپ كەلمىدىڭ، بىز سەندىن ئەنسىرەپ، تەرەپ-تەرەپتىن ئىزدىدۇق. مەن بۇ تام ئاستىدىكى ئېرىقتىن تۈلكىگە ئوخشاش ئۆمىلەپ ئۆتتۈم، باشقىلار مېنىڭ ئارقىمدىن كېلىۋاتىدۇ » ، دەپ جاۋاب بەردىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايىغىنى ماڭا سۇنۇپ: « اذْهَبْ بِنَعْلَي هاتَيْنِ، فَمنْ لقيتَ مِنْ وَرَاءِ هَذا الحائِط يَشْهَدُ أَنْ لا إلهِ إلاَّ اللَّهُ مُسْتَيْقناً بها قَلبُهُ، فَبَشِّرْهُ بالجنَّةِ » « ئەبۇ ھۈرەيرە! سەن بۇ بىر جۈپ ئاياغنى ئېلىپ ماڭغىن، مۇشۇ تام سىرتىدا سەمىمىي نىيەت بىلەن ‹بىر ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق›، دېگەن ئادەمنى ئۇچراتساڭ، ئۇنىڭغا جەننەت بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن » ، دېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئىمان بولسىلا دەسلەپتىلا ياكى دوزاخقا كىرىپ چىققاندىن كېيىن جەننەتكە كىرەلەيدىغانلىقى.

2) ياخشىلىق بىلەن بېشارەت بېرىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىگە ئامراق ئىكەنلىكى، ساھابىلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىغا كۆيىنىدىغانلىقى.

711. ئىبن شۇماسەدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئەمر ئىبن ئاس جان ئۈزۈش ئالدىدا بىز ئۇنىڭ يېنىدا ھازىر بولغانىدۇق. ئۇ بۇ چاغدا سەكراتتا ئىكەن، ئەمر يۈزىنى تام تەرەپكە قىلىپ ناھايىتى ئۇزۇن يىغلاپ كەتتى. ئۇنىڭ ئوغلى: « دادا! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساڭا مۇنداق، مۇنداق خەۋەر بەرگەن ئەمەسمىدى؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساڭا مۇنداق، مۇنداق خۇش خەۋەر بەرگەن ئەمەسمىدى! » ، دېدى. ئەمر يۈزىنى بۇراپ ئۆيدىكىلەرگە قاراپ: « مېنىڭ قارىشىمچە ئەڭ ياخشى خۇش خەۋەر ‹بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەرھەق ئەلچىسى›، دېمەكتۇر. مەن ھاياتىمدا ئۈچ مەزگىلنى بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم. مەن ئەسلىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى دۈشمەن ھېسابلاپ، ئۇنى پۇرسەت چىقسىلا ئۆلتۈرۈۋېتىشكە تىرىشاتتىم. ئەگەر مەن ئاشۇ ھالىتىمدە ئۆلگەن بولسام، مۇقەررەر دوزىخىي بولۇپ كېتەتتىم، ئاللاھ تائالا دىلىمغا ئىماننى سالغاندىن كېيىن، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆرۈشۈپ: ‹ئى رەسۇلۇللاھ، ئوڭ قولۇڭنى ماڭا بەرسەڭ، مەن ساڭا ئەھدە بەرسەم›، دېدىم. رەسۇلۇللاھ ئوڭ قولىنى ماڭا سۇندى، مەن قولۇمنى تارتىۋالدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹ ما لك يا عمرو؟ › ‹ئەمر نېمە ئىش؟›، دېدى. مەن: ‹بىر شەرتىم بار›، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹ تَشْتَرطُ ماذَا؟ › ‹نېمە شەرت ئۇ؟›، دېدى. مەن: ‹گۇناھىمنىڭ مەغفىرەت قىلىنىشى›، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹ أَمَا عَلمْتَ أَنَّ الإِسْلام يَهْدِمُ ما كَانَ قَبلَهُ، وَأَن الهجرَةَ تَهدمُ ما كان قبلَها، وأَنَّ الحَجَّ يَهدِمُ ما كانَ قبلَهُ؟ › ‹ئىسلامنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلارنى يۇيۇدىغانلىقى، ھىجرەتنىڭ ئىلگىرىكى يامانلىقلارنى يوققا چىقىرىدىغانلىقى، ھەجنىڭمۇ ئىلگىرىكى گۇناھلارنىڭ ھەممىسىنى تۈگىتىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟›، دېدى. بۇ چاغدا ھېچقانداق ئادەم ماڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىنمۇ سۆيۈملۈكرەك ئەمەس ئىدى. نەزىرىمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىنمۇ كاتتا كىشى يوق ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھېيىققانلىقىمدىن ئۇنىڭغا تويغۇدەك قارىيالمايتتىم. ئەگەر بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپىتىنى سورىسا، كۆزۈم تويغۇدەك قارىيالمىغاچقا، سۈپەتلەپ بېرىشكە ئاجىزلىق قىلاتتىم. ئەگەر مەن شۇ ھالەتتە قەبزى روھ قىلىنغان بولسام، ئەھلى جەننەت بولۇشنى ئەلۋەتتە ئۈمىد قىلاتتىم. كىيىن مەن ئەمەل تۇتۇپ بەزى ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدىم. بۇنداقتا مېنىڭ ھالىم نېمە بۇلار؟ ئەگەر مەن ئاخىرەتكە سەپەر قىلسام، ھەرگىز يىغا-زارە قىلىشماڭلار، مېنى كۆمگەن چېغىڭلاردا توپىنى ئاز-ئازدىن سېرىپ چۈشۈرۈڭلار... بىر تۆگىنى سويۇپ، گۆشىنى كەمبەغەللەرگە تەقسىم قىلىپ بەرگۈدەك ۋاقىتقىچىلىك قەبرەم ئۈستىدە تۇرۇڭلار! تاكى مەن سىلەر بىلەن ئۈنسى-ئۈلپەت ئېلىپ يالغۇزلۇق ھېس قىلمىغايمەن ۋە پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشىمنى كۈتكەيمەن » ، دېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) سەكراتتىكى كىشىگە قاراپ ئۇنىڭغا كۆيۈنۈپ ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭ گۇناھلىرىدىن ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىپ يىغلىسا بولىدىغانلىقى.

2) سەكراتقا چۈشكەن كىشىنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى ۋە مەغفىرىتى بىلەن بېشارەت بېرىش، كافىر كىشى مۇسۇلمان بولسا بۇرۇنقى گۇناھلىرى توغرىسىدا سورالمايدىغانلىقى، ھېجرەت، ھەج ۋە نامازلارنىڭ كىچىك گۇناھلارغا كەففارەت بولىدىغانلىقى، ئەمما چوڭ گۇناھلار بولسا شەرتكە ئۇيغۇن تەۋبە ئارقىلىق كەچۈرۈلىدىغانلىقى.

3) ساھابىلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بەك ھۆرمەتلەيدىغانلىقى ۋە ياخشى كۆرىدىغانلىقى.

4) مىيىتقا يىغلاشقا ۋە جىنازىسىغا ئوت ئەگەشتۈرۈشكە قەتئىي بولمايدىغانلىقى.

5) ئۆلۈشتىن بۇرۇن ۋەسىيەت قالدۇرۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

6) قەبرىدە ئىككى پەرىشتە تەرىپىدىن سوئال-سوراق قىلىنىدىغانلىقىنىڭ ھەقلىقى، بۇ ئىسلامدىكى ئەڭ توغرا كۆزقاراشتىكىلەرنىڭ قارىشى ئىكەنلىكى.

7) مىيىتنى دەپنە قىلىپ بولغاندىن كېيىن قەبرە يېنىدا ھەدىستە ئېيتىلغان مۇددەتتە تۇرۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ