100. باب تاماق يېيىشنىڭ ئەدەپ-قائىدىلىرى ۋە تاماقتىن بۇرۇن « بِسْمِ اللهِ » تاماقتىن كېيىن « اَلْحَمْدُ ِللهِ »، دېيىش توغرىسىدا
728. ئۇمەر ئىبن ئەبۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: « سَمِّ اللَّه وكُلْ بِيمِينكَ، وكُلْ مِمَّا يَلِيكَ » « تاماق يېگەندە ئالدى بىلەن بِسْمِ اللهِ (ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن) دەپ، ئوڭ قولۇڭ بىلەن ئۆزۈڭنىڭ ئالدىدىن ئېلىپ يېگىن » ، دېگەن. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) تاماق يېگەندە بِسْمِ الله دەپ يېيىش كۆپ سانلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدا تەشەببۇس قىلىنغان ئىش، تاماق يېگەندە بِسْمِ الله دېگەنگە ئوخشاش، ئىچكەندىمۇ بِسْمِ الله دېيىش كېرەك.
ئىمام نەۋەۋى ئېيتىدۇ: «تاماق يېگەندە بِسْمِ الله دېيىش، يەپ بولغاندا ئاللاھقا تەشەككۇر ئېيتىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىگە ھەممە ئالىملار بىرلىككە كەلگەن. بِسْمِ الله دېيىشنىڭ ھېكمىتى: بەرىكەت ياغدۇرىدۇ، كىشىنى ئاچ كۆزلۈك ئەمەس قانائەتكە چاقىرىدۇ.
2) ئالدىدىن ئېلىپ يېيىشنىڭ ھەممىنىڭ قارىشى ئوخشاش بولغان ئەدەپ ئىكەنلىكى، ئەكسىچە يېيىشنىڭ يامان كۆرۈلىدىغان ئىش ئىكەنلىكى.
بۇخىل يېيىش مېۋە-چېۋىلەردىن باشقا يېمەكلىكلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، مېۋە-چېۋە يېگۈچى ئالدىغا قويۇلغان مېۋىلەردىن قايسىنى تاللاپ يېسە بولىدۇ.
3) تاماق يېگەندە بِسْمِ الله دېسە سۈننەتنىڭ ئادا بولىدىغانلىقى، بسم الله الرحمن الرحيم دېسە تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقى.
729. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إذا أكل أَحَدُكُمْ فَليَذْكُر اسْمَ اللَّه تعالى، فإنْ نسي أَنْ يَذْكُرَ اسْمَ اللَّه تَعَالَى في أَوَّلِهِ، فَليَقُلْ: بِسْمِ اللَّه أَوَّلَهُ وَآخِرَهُ » « تاماق يېگۈچى بِسْمِ اللهِ دەپ باشلىشى كېرەك! ئەگەر ئۇنتۇپ قالغان بولسا، ئېسىگە كەلگەن ھامان ‹تاماقنىڭ ئالدى ۋە كەينىدە ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن›، دېيىشى كېرەك » . ― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: تاماق يەۋېتىپ، تاماقنىڭ ئالدى-كەينىدە ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن دېيىش. ھەدىسنىڭ زاھىرى تاماقتىن كېيىن ئاللاھنى ياد ئىتىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
730. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « إِذا دخل الرَّجُل بيْتَهُ، فَذَكَرَ اللَّه تعَالى عِنْد دُخُولهِ وعِنْدَ طَعامِهِ، قال الشَّيْطانُ لأَصحَابِهِ: لا مبيتَ لَكُمْ ولا عشَاءَ، وإذا دخَل، فَلَم يَذكُر اللَّه تَعَالى عِنْد دخُولِهِ، قال الشَّيْطَانُ: أَدْركتمُ المبيت، وإِذا لَم يَذْكُرِ اللَّه تعَالى عِنْد طَعامِهِ قال: أَدْركْتُمُ المبيتَ وَالعَشاءَ » « كىمكى ئۆيگە كىرمەكچى بولسا، بِسْمِ الله دەپ كىرىشى، تاماق يېگەندىمۇ بِسْمِ الله دەپ باشلىشى كېرەك! شۇنداق قىلغاندا شەيتان ئۆز ھەمراھلىرىغا: ‹سىلەرگە بۇ يەردە قونالغۇ يوق، كەچلىك تاماقمۇ يوق! › ، دەيدۇ. ئەگەر بِسْمِ الله دەپ ئۆيگە كىرمىگەندە، شەيتان: ‹ سىلەرگە بۇ يەردە قونالغۇ بار › ، دەيدۇ. تاماق يېگەندە بِسْمِ الله دېمىسە، شەيتان: ‹ بۈگۈن ئاخشام بۇ يەردە قونالغۇ ۋە تاماق بار › ، دەيدۇ». ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) تاماق يېگەندە ۋە ئۆيگە كىرگەندە ئاللاھنى ياد ئىتىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.
2) ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن كىرمىگەن ئۆينى شەيتاننىڭ ماكان تۇتۇدىغانلىقى، ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن يېمىگەن تاماققا شەيتان شېرىك بولىدىغانلىقى.
3) تاماق يېگەندە ۋە ئۆيگە كىرگەندە ئاللاھنى ياد ئىتىش بولسا غاپىللىقتىن يىراق قىلىدۇ. چۈنكى، ئاللاھتىن غاپىل بولۇش ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىگە قارشىلىق قىلىش ۋە شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىغا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ.
731. ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە تاماق يېدۇق. بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاماققا قول تەككۈزگەندىن كېيىن، ئاندىن قول تەككۈزەتتۇق. بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە تاماق يەۋاتقان ۋاقتىمىزدا، بىر كىچىك قىز كەلدى، كىشىلەر ئۇنىڭغا تاماق بەردى، ئۇ ئەمدىلا تاماققا قول ئۇزىتىشىغا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇۋالدى، يەنە بىر سەھرالىق كىشىمۇ كېلىپ، كىشىلەر بەرگەن تاماققا قول ئۇزارتىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ قولىنىمۇ تۇتۇۋالدى ۋە مۇنداق دېدى: « إِنَّ الشَّيْطانَ يَسْتَحِلُّ الطَّعامَ أَنْ لا يُذْكَرَ اسمُ اللَّه ِ تَعَالى عليه. وإِنَّهُ جاءَ بهذهِ الجارِيةِ لِيسْتَحِلَّ بِها، فَأَخَذتُ بِيدِهَا، فَجَاءَ بهذا الأَعْرَابِيِّ لِيسَتحِلَّ بِهِ، فَأَخَذْتُ بِيدِهِ، والذي نَفسي بِيَدِهِ إِنَّ يدَهُ في يَدي مَعَ يَديْهِما » « شەيتان تاماق يېگەندە بِسْمِ الله دەپ يېمىگەن كىشىنىڭ تامىقىنى خالىغانچە يەيدۇ. بۇ كىچىك قىز تاماق يېيشكە تەمشىلىۋىدى ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇۋالدىم. بۇ سەھرالىق كىشى تاماق يېيىشكە تەمشىلىۋىدى ئۇنىڭمۇ قولىنى تۇتۇۋالدىم. جېنىم ئىلكىدە بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇ ئىككىسىنىڭ قولىنى تۇتۇش بىلەن بىرگە شەيتاننىڭ قولىنىمۇ تۇتۇۋالدىم »، د ېدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بِسْمِ الله نى ئېيتقاندىن كېيىن، تاماققا قول ئۇزاتتى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ساھابىلەرنىڭ تاماقتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھۆرمەت بىلدۈرىدىغانلىقى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئالدى بىلەن تاماققا ئېغىز تەگكۈزمىگۈچە ساقلايدىغانلىقى، چوڭلار بىلەن بولغان ئەدەبنىڭ مۇشۇنىڭدەك بولىدىغانلىقى.
2) ئاڭلىغۇچىغا ئىشنى تەكىتلەش يۈزىسىدىن قەسەم قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.
3) ھەدىستە ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇشقا دەلىل كەلتۈرۈلگەن.
4) كىشىلەرگە ئىسلامدىكى يېمەك-ئىچمەك ئەدەپ قائىدىلىرىنى ئۆگىتىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.
5) بِسْمِ الله دېمەي يېگەن يېمەكلىكلەرگە شەيتان شېرىك بولىدىغانلىقى.
732. ئۇمەييە ئىبن مەخشى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بار سورۇندا تاماق يېدى، بىراق بِسْمِ الله دەپ باشلىمىدى. بۇ كىشى ئەڭ ئاخىرىقى بىر قوشۇق تاماقنى ئاغزىغا سېلىش ئالدىدا: تاماقنىڭ بېشى ۋە ئاخىرىسىدا ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈلۈپ تۇرۇپ: « مَا زَالَ الشَّيْطَانُ يَأْكُلُ مَعَهُ، فَلمَّا ذَكَر اسمَ اللَّهِ استْقَاءَ مَا في بَطنِهِ » « شەيتان دەسلەپتە ئۇنىڭ بىلەن بىللە تاماق يېدى. بۇ كىشى بِسْمِ الله دېگەندە شەيتان يېگەن تامىقىنى قۇسۇپ تاشلىدى »، د ېدى. ― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
733. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئالتە ساھابە بىلەن تاماق يەۋاتاتتى، بىر سەھرالىق ئادەم كەلدى، ئۇ كىشى ئىككى كاپام تاماق يېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « أَما إِنَّهُ لوْ سَمَّى لَكَفَاكُمْ » « ئەگەر ئۇ كىشى بِسْمِ الله دەپ تاماق يېگەن بولسا بۇ تاماققا ھەممىڭلار تويغان بولاتتىڭلار »، د ېدى.
― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئاللاھ تائالانىڭ بِسْمِ الله دەپ يېيىلگەن تاماققا بەرىكەت بېرىدىغانلىقى، بِسْمِ الله دېمىگەن تاماقتا بەرىكەت كۆتۈرۈلۈپ كېتىدىغانلىقى.
734. ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام داستىخان يىغىلغاندا: « الحَمْدُ للَّه حمداً كَثيراً طَيِّباً مُبَارَكاً فِيه، غَيرَ مَكْفِيٍّ وَلا مُسْتَغْنًي عَنْهُ رَبَّنَا » « كۆپ، پاك، بەرىكەتلىك بولغان ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر، كىشىلەر شۇ ھەمدۇسانادىن نە كۇپايىلەنسۇن، نە بىھاجەت بولسۇن، ئى پەرۋەردىگارىمىز » ، دەيتتى.
― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش يۈزىسىدىن تاماق يەپ بولغاندا ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ، تەشەككۇر ئېيتىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.
735. مۇئاز ئىبن ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « منْ أَكَلَ طَعَاماً فقال: الحَمْدُ للَّهِ الذي أَطْعَمَني هذا، وَرَزَقْنِيهِ مِنْ غيْرِ حَوْلٍ مِنِّي وَلا قُوّةٍ، غُفِرَ لَهُ مَا تَقَدَّمَ مِنْ ذَنْبِهِ » « كىمكى تائام يەپ بولغاندىن كېيىن: ‹مېنىڭ چارەمسىز ۋە كۈچ-قۇۋىتىمسىز ماڭا بۇ تاماقنى بەرگەن ئاللاھقا شۈكۈر›، دېسە ئۇ كىشىنىڭ بۇرۇن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى مەغفىرەت قىلىنىدۇ » . ― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: تاماق يەپ بولغاندا تۆۋەنچىلىك بىلەن ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ، تەشەككۈر ئېيتىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، ئاللاھ تائالانىڭ ئىنئام قىلغۇچى ۋە رىزىق بەرگۈچى بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلغۇچىلارنىڭ كىچىك گۇناھلىرىنى ئاللاھ تائالانىڭ ئەپۇ قىلىدىغانلىقى.