101. باب تاماقنى ياراتماسلىقنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى ۋە تاماقنى ماختاشنىڭ ياخشىلىقى توغرىسىدا
736. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېچقاچان تاماقنى كەمسىتىپ باقمىغانىدى، كۆڭلى تارتسا يەيتتى. كۆڭلى تارتمىسا قويۇپ قوياتتى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش ئۈچۈن تاماقنى ياراتماي قويماسلىق، چۈنكى تاماقنى ئەيىبلەش چوڭچىلىق، كىبىر ۋە راھەتپەرەسلىك جۈملىسىدىندۇر.
2) تاماقنى ماختاش نېئمەتنى ياقتۇرغانلىق بولىدىغانلىقى، تاماقنى ياراتماسلىق بولسا نېئمەتنى كۆزگە ئىلمىغانلىق بولىدىغانلىقى.
3) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىنىڭ ئېسىل ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ھېچقانداق تاماقنى ياراتماي قالمىغانلىقى.
737. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيدىكىلىرىدىن نان بىلەن قوشۇپ يەيدىغان نەرسىنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىدى، ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭغا: يوق، پەقەت سىركە بار، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « بولىدۇ، ئەكېلىڭلار »، د ېدى، ۋە بىر تەرەپتىن يېگەچ: « نِعْمَ الأُدُمُ الخلُّ نِعْمَ الأُدُمُ الخَلُّ » « بۇ ئاچچىق سىركە بىلەن نان نېمە دېگەن يېيىشلىك، بەك ياخشى ئىكەن »، د ېدى.
― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئاددىي بولسىمۇ، تاماقنى ماختاشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.
2) تاماقتا تىجەشلىك بولۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، قىممەت مايلىق تاماقلارغا ئۆزىنى كۆندۈرۈشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى.
3) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېمەك-ئىچمەك جەھەتتىكى ئاددىيلىقى ۋە كەمتەرلىكى.