103. باب تاماققا چاقىرىلغان ئادەمگە باشقا بىر كىشى ئەگىشىپ بارسا قانداق قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا
739. ئەبۇ مەسئۇد بەدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بەش كىشىلىك تاماق تەييارلانغان سورۇنغا تەكلىپ قىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەشىنچىسى ئىدى. بىراق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇ سورۇنغا ماڭغاندا يەنە بىر كىشى ئۇنىڭغا ئەگىشىۋالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھىبخاننىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ساھىبخانغا: « إِنَّ هذا تَبِعَنا، فإِنْ شئت أَنْ تَأْذنَ لَهُ، وإِنْ شِئتَ رَجَعَ » « بۇ كىشى بىزگە ئەگىشىپ كەلدى، ئەگەر خالىساڭ كۈتۈۋالغىن، خالىمىساڭ كەتكۈزۈۋەتكىن »، د ېدى. ئۆي ئىگىسى: بولىدۇ، ئى رەسۇلۇللاھ، ئۇ مېھمان بولسۇن، دېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) بۇ ھەدىستىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھىبخاندىن ئىجازەت سورىغانلىقى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆي ئىگىسىنىڭ رازىلىقىنى بىلمىگەنلىكتىن بولغان. ئەگەر رازىلىقىغا ئىشەنچى بولسا ئىجازەت سورىمىسىمۇ بولىدىغانلىقى. (يۇقىرىقى قاراشنى تەكىتلەيدىغان ھەدىسلەر بار.)
2) چاقىرىلمىغان توي، زىياپەتلەرگە بېرىشقا بولمايدىغانلىقى.