104. باب تاماقنى ئۆزىنىڭ ئالدىدىن يېيىش ۋە تاماق يېيىشنىڭ ئەدەپ قائىدىسىنى بىلمىگەن كىشىلەرگە نەسىھەت قىلىش ۋە ئەدەپ-قائىدىلىرىنى ئۆگىتىش توغرىسىدا
740. ئۇمەر ئىبن ئەبۇ سەلەمە مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەربىيىسىدە تۇرۇۋاتقان بالا ئىدىم. تاماق يەۋاتقان چېغىمدا قولۇم لېگەندە چېپىپ يۈرەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « يَا غُلامُ سَمِّ اللَّه تعالى وَكُلْ بيمينِكَ وكلْ مِمَّا يَلِيكَ » « ئى بالام، تاماق يېگەندە بِسْمِ الله (ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن) دەپ، ئوڭ قولۇڭ بىلەن ئۆزۈڭنىڭ ئالدىدىن يېگىن » ، دېگەن. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بالىلاردىن كۆپىنچە ھاللاردا كىشى بىزار بولىدىغان ئىشلار سادىر بولۇپ تۇرۇشىغا قارىماي، ئۆزىنىڭ تەربىيىسىدە ئۆسكەن كىچىك بالا بىلەن بىللە رازىمەنلىك بىلەن تاماق يېگەنلىكىدىن ئىبارەت كەمتەرلىكى.
2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇمەر ئىبن ئەبۇ سەلەمەگە ئىسلامدىكى تاماق يېيىش ئەدەپ قائىدىسىدىن تەلىم بەرگەنلىكى.
741. سەلەمە ئىبن ئەكۋە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: « كُلْ بِيَمِينكَ » « تاماقنى ئوڭ قولۇڭ بىلەن يېگىن »، د ېدى. ئۇ كىشى: ئوڭ قولۇم بىلەن يىيەلمەيمەن، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « لا اسْتَطَعْتَ » « يېيەلمىگەيسەن »، د ېدى ۋە يەنە: « ئوڭ قولۇڭ بىلەن تاماق يېيىشكە ئۆزۈڭنى مەجبۇرلا! »، د ېدى. ئۇ ئادەم تەكەببۇر بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دېگەنىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئادەم ئۆمۈر بۇيى ئوڭ قولىنى ئاغزىغا ئېلىپ بارالمىدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئوڭ قولى بىلەن، بِسْمِ الله دەپ تاماق يېيىشنىڭ تەشەببۇس قىلىنىدىغانلىقى.
2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھېلىقى كىشىگە بەد دۇئا قىلىشىدىكى سەۋەب: ئۇ كىشىنىڭ چوڭچىلىق قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتىپ يالغان ئۆزرە بايان قىلغانلىقىدىن بولغان.
3) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولۇپ، ئۇ كىشىنىڭ ئۆمۈر بويى ئوڭ قولىنى ئېغىزىغا ئاپىرالماسلىقى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا مۆجىزىسى ئىكەنلىكى.