105. باب خورما قاتارلىق مېۋىلەرنى ھەمراھلىرىنىڭ رۇخسىتىسىز بىراقلا ئىككىدىن ئېغىزىغا سېلىشتىن مەنئى قىلىش توغرىسىدا
742. جەبەل ئىبن سۇھەيىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز قەھەتچىلىك يىلىدا ئابدۇللاھ ئىبن زۇبەير بىلەن بىللە ئىدۇق. بىز خورمىغا ئېرىشتۇق، بىز خورمىلارنى يەۋاتقان ۋاقتىمىزدا، ئابدۇللاھ ئىبن ئۇمەر يېنىمىزدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ « سىلەر خورمىنى جۈپلەپ ئاغزىڭلارغا سالماڭلار، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن توسقان »، د ېدى. يەنە « إِلاَّ أَنْ يَسْتَأْذِنَ الرَّجُلُ أَخَاهُ » « لېكىن، ھەمراھىنىڭ رۇخسىتى بىلەن مۇنداق يېيىش بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر » . دېدى.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: كۆپچىلىك بىلەن بىللە يېگەندە ئىككى خورمىنى جۈپلەپ يېيىشتىن توسۇش، چۈنكى بۇ ئاچ كۆزلۈكنى كۆرسىتىدۇ. ھەمراھىنى مەنسىتمىگەنلىك ۋە ئۇنىڭ كۆزىنى بويىغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەمراھىنىڭ رۇخسىتىسىز جۈپلەپ يېيىش چەكلەنگەن.
خورمىنى جۈپلەپ يېيىش چەكلەنگەنلىك توغرىسىدىكى بۇ ھۆكۈم باشقا يېمەكلىكلەرگىمۇ ئوخشاش تەتبىقلىنىدۇ.