106. باب يەپ تويمايدىغانلارنىڭ نېمە دېيىشى ۋە نېمە قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا
743. ۋەھش ئىبن ھەرىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ساھابىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ئى رەسۇلۇللاھ، بىز تاماق يەيمىزيۇ تويمايمىز، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « فَلَعَلَّكُمْ تَفْترِقُونَ » « تاماقنى يالغۇز يەمسىلەر! » ، دېدى. بىز: « ھەئە » ، دېدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « فَاجْتَمِعُوا عَلى طَعَامكُمْ، وَاذْكُرُوا اسْمَ اللَّهِ، يُبَارَكْ لَكُمْ فيه » « تامىقىڭلارنى بىر قاچىدا بىرلىكتە يەڭلار! ‹ بِسْمِ الله › ، د ەپ يەڭلار! تامىقىڭلار بەرىكەتلىك بولىدۇ » ، دېدى. ― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بىرگە يىغىلىپ ۋە ‹ بِسْمِ الله ›، دەپ تاماق يېيىشنىڭ تاماققا بەرىكەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ۋە تاماق يېگۈچىلەرنىڭ ئوبدان تويىدىغانلىقى.