107. باب تاماق يېگەندە تاۋاقنىڭ چۆرىسىدىن يېيىش، ئوتتۇرىسىدىن يېمەسلىك توغرىسىدا
744. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « الْبَرَكَةُ تَنْزِلُ وَسَطَ الطَّعَام فَكُلُوا مِنْ حَافَّتَيْهِ ولاَ تَأْكُلُوا مِن وَسَطِهِ » « تاماقنىڭ بەرىكىتى ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. سىلەر تاۋاقنىڭ چۆرىسىدىن ئېلىپ، ئوتتۇرىدىن يېمەڭلار » . ― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: تاماقنى قاچىنىڭ باشقا يېرىدىن ئەمەس، ئالدىدىكىنى يېيىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، باشقىلار بىلەن بىللە يېگەندە تېخىمۇ شۇنداقلىقى، شۇنىڭغا ئوخشاش نان يېگەندىمۇ ناننىڭ ئوتتۇرىسىدىن باشلاپ يېمەي بىر تەرىپىدىن يېيىش كېرەكلىكى.
745. ئابدۇللاھ ئىبن بۇسرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدا تۆت ئادەم ئاران كۆتۈرەلەيدىغان چوڭ بىر تاۋاق بار ئىدى. ئىككى رەكئەت چاشگاھ نامىزى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن نان چىلانغان شورپا ئاق تاۋاقتا كۆتۈرۈپ ئەكېلىندى. كۆپچىلىك ئاق تاۋاقنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇشتى، بۇ ۋاقتىدا ئادەمنىڭ كۆپلۈكىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. بىر ئەئرابى كېلىپ: «بۇ قانداق ئولتۇرۇش؟»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « إِنَّ اللَّه جَعَلني عَبْداً كَرِيماً، ولَمْ يجْعَلْني جَباراً عَنيداً، كُلُوا مِنْ حَوَالَيْهَا، وَدَعُوا ذِرْوَتَهَا يُبَارَكْ فيها » « ئاللاھ مېنى كەڭ قورساق ياراتقان، زۇلۇم قىلغۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى قىلىپ ياراتمىغان، جامائەت سىلەر تاماقنى ئۆز ئالدىڭلاردىن ئېلىپ يەڭلار، ئوتتۇرىسىدىن يېمەڭلار، مۇشۇنداق قىلساڭلار، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا بەرىكەت بېرىدۇ »، د ېدى. ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېسىللىكى ۋە كەمتەرلىكى.
2) يىغىلىپ تاماق يېيىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، ھەدىستىكىگە ئوخشاش ئولتۇرۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، سورۇن تار كەلگەندە تېخىمۇ شۇنداق بولىدىغانلىقى ۋە بۇنداق قىلىشنىڭ ئېسىللەرنىڭ خىسلىتى ئىكەنلىكى.
3) باشقىلارغا چوڭچىلىق قىلىشتىن ۋە ھاكاۋۇرلۇق قىلىشتىن، ھەقىقەتكە رەددىيە بېرىشتىن چەكلەش.
4) تاۋاقنىڭ بىر تەرىپىدىن تاماق يېيىشنىڭ لازىملىقى، بەرىكىتى بار يېرىنى ئالدىدا يېۋالماسلىققا رىغبەتلەندۈرۈش.