108. باب يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى توغرىسىدا
746. ئەبۇ جۇھەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم دەيدۇ: « لا آكُلُ مُتَّكِئاً » « مەن تاماق يېگەندە يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ يېمەيمەن » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
747. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كاسىسىنى يەرگە قويۇپ ئىككى پاچىقىنى تىكلەپ ئولتۇرۇپ خورما يېگەنلىكىنى كۆرگەن. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) تاماققا ئولتۇرغاندا چوڭچىلىق ۋە ھاكاۋۇرلۇق قىياپىتىدە ئولتۇرۇشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى، بۇنداق ئولتۇرۇش تۈرلۈك يۇرت ۋە تۈرلۈك زامانلاردا ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن.
2) تاماقنى كۆپ يېمەسلىك ۋە داستىخاندا ئۇزۇن ئولتۇرماسلىق.
3) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش يۈزىسىدىن كەمتەر بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش.