109. باب تاماق يېيىشتىكى ياخشى ئادەتلەر توغرىسىدا
بۇ ئۈچ بارماق بىلەن تاماق يېيىش، بارماقلارنى يالاش، بارماقتىكى تاماق قالدۇقلىرىنى يالاشتىن بۇرۇن ئېرتىۋەتمەسلىك، تاماق قاچىسىنى يالاش، يەرگە چۈشكەن يېمەكلىكلەرنى ئېلىش قاتارلىق ئادەتلەرنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، بارماقلارنى يالىغاندىن كېيىن بىلەك، پۇتلارغا سۈركىۋېتىشنىڭ دۇرۇسلۇقى توغرىسىدىكى باب.
748. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِذا أَكلَ أَحدُكُمْ طَعَاماً، فَلا يَمسحْ أَصابِعَهُ حتى يلعَقَهَا أَو يُلْعِقَها » « بىرىڭلار تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، قولىنى يالىۋەتمىگۈچە ياكى باشقىلارغا يالاتمىغىچە ئېرىتمىسۇن » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) بارماقلارنى ۋە شۇنىڭدەك قوشۇقلارنى يۇيۇۋېتىش ۋە سۈرتىۋېتىشتىن ئىلگىرى يالىۋېتىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، بارماق ۋە قوشۇقتا تاماق قالدۇقلىرى قالدۇرماسلىق.
2) ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ۋە تەۋەررۈك بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ بارمىقىنى يالىسا بولىدىغانلىقى.
749. كەئىب ئىبن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاماقنى ئۈچ بارمىقى بىلەن يېگەنلىكىنى، كەينىدىن قولىنى يالىۋەتكەنلىكىنى كۆرگەن. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بارماقلارنى يالاشنىڭ تاماقتىن كېيىن بولىدىغانلىقى، تاماق ئارىسىدا بولمايدىغانلىقى. چۈنكى ئۇ كىشى تاماق ئارىسىدا قولىنى يالىسا شۆلگەيلىرى قولىدا قېلىپ ئىككىنچى قېتىم تاماققا قول ئۇزارتسا كۆڭلى كۆتۈرمەي قالىدۇ.
750. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزدىن قولىمىزنى ۋە يېگەن تاماق قاچىمىزنى يالىۋىتىشگە ئەمر قىلاتتى ھەمدە « إِنَّكُمْ لا تَدرُونَ في أَيِّ طعَامِكم البَركةُ » « بەرىكەتنىڭ تامىقىڭلارنىڭ قايسىسىدا ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىلەر »، د ەيتتى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: تاماق قالدۇقلىرىنى بارماقلار بىلەن بىللە يالاشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، بۇنىڭ ھېكمىتى شۇكى بۇنداق قىلغاندا تاماقنىڭ بەرىكىتى بولىدىغانلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ نېئمىتىنى كەمسىتمىگەنلىك، تاماقلارنىڭ ھەممىسىدىن پايدىلانغانلىق ۋە شۇ تاماق ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشقا كۈچ توپلىغانلىق بولىدىغانلىقى.
751. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِذا وقعت لُقمَةُ أَحدِكُمْ، فَليَأْخُذْهَا فَلْيُمِطْ ما كان بها من أذًى وليَأْكُلْهَا، ولا يدَعْها للشَّيطَانِ، ولا يمسَحْ يَدهُ بِالمِنْدِيلِ حتَّى يَلعقَ أَصَابِعَهُ، فإِنه لا يَدرِي في أَيِّ طعامِهِ البركةُ » « بىرىڭلارنىڭ يەۋاتقان تامىقىدىكى يېمەكلىكلەر داستىخانغا چۈشۈپ كەتسە، ئېرتىۋېتىپ يەۋەتسۇن! شەيتانغا قالدۇرۇپ قويمىسۇن، قولىنى يالىۋەتمىگۈچە لۆڭگە بىلەن قولىنى ئېرتمىسۇن، چۈنكى ئۇ ئادەم بەرىكەتنىڭ تاماقنىڭ قايسى قىسمىدا ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) كەمتەرلىك، شەيتاننى يېڭىش ۋە بەرىكەتكە ئېرىشىش يۈزىسىدىن يەرگە ياكى باشقا جايغا چۈشۈپ كەتكەندە تاماقنى تازىلىۋېتىپ پاك بولسىلا يېۋېتىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.
2) تاماق يەپ بارماقلىرىنى يالاپ بولغاندىن كېيىن لۆڭگە بىلەن قولىنى سۈرتۈشكە بولىدىغانلىقى، قولىنى يۇيۇشنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكى.
752. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِن الشَّيْطَانَ يَحضرُ أَحدَكُم عِند كُلِّ شَيءٍ مِنْ شَأْنِهِ، حتى يَحْضُرَهُ عِندَ طعَامِهِ، فَإِذا سَقَطَتْ لُقْمةُ أَحَدِكم فَليَأْخذْهَا فَلْيُمِطْ ما كانَ بها مِن أَذى، ثُمَّ ليَأْكُلْهَا ولا يَدَعها للشَّيْطَانِ، فإذا فَرغَ فَلْيلْعَقْ أَصابِعِهُ فإِنَّه لا يدري في أَيِّ طعامِهِ البرَكَةُ » « مەيلى سىلەر نېمە ئىش قىلماڭلار، شەيتان سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ، ھەتتا تاماققىمۇ ھازىر بولىدۇ، بىرىڭلارنىڭ يېمىكى يەرگە چۈشۈپ كەتسە، تېرىپ تازىلىۋەتكەندىن كېيىن يەۋەتسۇن، ئۇنى شەيتانغا قالدۇرۇپ قويمىسۇن، تاماقتىن كېيىن قولىنى يالىۋەتسۇن، چۈنكى ئۇ ئادەم بەرىكەتنىڭ تامىقىنىڭ قايسى قىسمىدا ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) شەيتاننىڭ ئىنسانغا ھەممە ئىشلاردا چاپلىشىۋالىدىغانلىقى، كىشىنىڭ شەيتاندىن ۋە ئۇنىڭ گۇناھقا كۈشكۈرتىشىدىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەكلىكى.
2) تاماق يېگەندە شەيتاننى قوغلاش ئۈچۈن بِسْمِ الله دېيىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.
753. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاماق يېگەندە ئۈچ بارمىقىنى يالايتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيتتى: « إِذا سقَطَتْ لُقمةُ أَحدِكم فَلْيَأْخُذْها، وليمِطْ عنها الأذى، وليَأْكُلْهَا، ولا يَدعْهَا للشَّيطَانِ » « بىرىڭلارنىڭ يېمەكلىكى يەرگە چۈشۈپ كەتسە تېرىپ پاكىزلىغاندىن كېيىن يەۋەتسۇن، ئۇنى شەيتانغا قالدۇرۇپ قويمىسۇن » . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاماق قاچىسىنى يالىۋېتىشىمىزنى بۇيرۇغان ۋە مۇنداق دېگەن: « سىلەر بەرىكەتنىڭ تاماقنىڭ قايسى قىسمىدا ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىلەر » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) تاماقتىن پايدىلىنىش، ئۇنى ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ياراتماي بىكاردىن-بىكار تاشلىۋەتمەسلىك. قاچا-قۇچا ۋە بارماقلاردىكى تاماق قالدۇقلىرىنى يالىۋېتىش بىلەن بەرىكەت بولىدىغانلىقى.
2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېمەكلىكتىن بىرەر نەرسىنىمۇ زايە قىلىۋەتمەسلىككە تەرغىب قىلغانلىقى.
754. سەئد ئىبن ھارس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ جابىردىن: ئوتتا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى يېگەندىن كېيىن تاھارەت ئېلىش لازىممۇ؟ دەپ سورىدى. جابىر: ياق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاقتىدا، بىز ئوتقا قاقلاپ پىشۇرۇلغان تاماقنى كەمدىن-كەم ئۇچرىتاتتۇق، ئۇنى يېگەن چاغدا، يېنىمىزدا قول ياغلىق بولمىغانلىقتىن ئالىقانلىرىمىزغا، بىلەكلىرىمىزگە ۋە پۇتلىرىمىزغا سۈرتىۋېتىپ، چىقىپ ناماز ئوقۇيتتۇق، قايتا تاھارەت ئالمايتتۇق، دەپ جاۋاب بەردى. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئوتقا قاقلاپ پىشۇرغان نەرسىلەرنى يېگەندىن كېيىن تاھارەت ئېلىشقا بۇيرۇغان ھەدىسنىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقى.
2) تاماق قالدۇقلىرىنى ئەگەر يۇيۇۋىتەلمىسە ياكى لۆڭگە بىلەن ئېرتىۋېتەلمىسە قولى بىلەن سۈرتىۋەتسە بولىدىغانلىقى، ھەدىسنىڭ زاھىرىغا قارىغاندا بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت: نامازدا ئەگەر توپا يەرگە سەجدە قىلسا قوللىرىنى بۇلغىۋالماسلىق ئىكەنلىكى.
3) ساھابە كىراملارنىڭ غورىگۇل تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ قورساق ھەلەكچىلىكىدە يۈرمەيدىغانلىقى، بەلكى نېمە توغرا كەلسە شۇنى يەيدىغانلىقى.