110. باب تاماقنى كۆپرەك ئادەم بىلەن بىللە يېيىش توغرىسىدا
755. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « طَعَامُ الإثنينِ كافي الثَّلاثَةِ، وَطَعَامُ الثَلاثَةِ كافي الأَربعَةِ » « ئىككى ئادەمنىڭ يەيدىغان تامىقى ئۈچ ئادەمگە يېتىدۇ، ئۈچ ئادەمنىڭ يەيدىغان تامىقى تۆت ئادەمگە يېتىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) يالغۇز يېمەستىن كۆپ ئادەمنىڭ جەم بولۇپ غىزالىنىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.
2) باشقىلارغا تاماق بېرىشكە تەرغىب قىلىش، قورساققا دال بولغۇدەك بىر نەرسە يېيىش بىلەن كۇپايىلىنىش.
3) كۆپ كىشىلەرنىڭ بىر يەردە غىزالىنىشىنىڭ دىللارنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغانلىقى، خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ۋە بەرىكەتلىك بولىدىغانلىقى.
756. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « طَعامُ الوَاحِدِ يَكْفي الإثَنيْنِ، وطعامُ الإثنينِ يكْفي الأربعةَ، وطعامُ الأرَبَعةِ يَكْفي الثَّمانِيَةَ » « بىر ئادەمنىڭ يەيدىغان تامىقى ئىككى ئادەمگە يېتىدۇ، ئىككى ئادەمنىڭ يەيدىغان تامىقى تۆت ئادەمگە يېتىدۇ، تۆت ئادەمنىڭ يەيدىغان تامىقى سەككىز ئادەمگە يېتىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.