111. باب سۇ ئىــچىشـــــنىڭ ئەدەپ-قائىـــدىــسى توغرىسىدا
757. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۇ ئىچكەندە قاچىنىڭ سىرتىغا ئۈچ قېتىم تىنىپ ئىچەتتى.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: سۇ ئىچكەندە ئۈچ يۇتۇم ئىچىشنىڭ، ھەربىر يۇتۇم ئىچكەندىن كېيىن ئاغزىنى سۇ قاچىسىدىن يىراق تۇتۇپ نەپەسلىنىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ۋە بۇنداق قىلىشنىڭ ساغلاملىققا پايدىلىق ئىكەنلىكى.
758. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا تَشْرَبُوا واحِداً كَشُرْبِ البَعِير، وَلكِن اشْرَبُوا مَثْنى وثُلاثَ، وسَمُّوا إِذا أَنْتُمْ شَرِبْتُمْ، واحْمدوا إِذا أَنْتُمْ رَفعْتُمْ » « سۇنى تۆگىگە ئوخشاش بىر سۈمۈرۈپلا ئىچىۋەتمەڭلار، ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم تىنىپ ئىچىڭلار، سۇ ئىچكەندە ‹ بِسْمِ الله › دەپ ئىچىڭلار، ئىچىپ بولغاندىن كېيىن ‹ اَلْحَمْدُ ِللهِ › دەڭلار » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
759. ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۇ ئىچكەندە قاچىنىڭ ئىچىگە تىنىپ ئىچىشنى مەنئى قىلدى.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: سۇغا تۈكرۈك ياكى نەپەس چىقارغاندىكى غەيرىي پۇراقنىڭ كىرىپ كېتىپ ئىچكۈچىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇرۇپ قويماسلىقى ئۈچۈن سۇ ئىچىۋاتقاندا ياكى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن ئېغىزىنى قاچىدىن يىراق قىلماي تۇرۇپ نەپەسلىنىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى.
760. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۇ ئارلاشتۇرۇلغان سۈت ئېلىپ كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوڭ تەرىپىدە بىر ئەئرابى، سول تەرىپىدە بولسا ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ سۈتتىن ئازراق ئىچكەندىن كېيىن، بۇ ئەئرابىغا تۇتتى ۋە « الأَيمَنَ فالأَيمنَ » « ئوڭ تەرەپتىن ئايلانسۇن »، د ېدى.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئۇسسۇزلۇق ۋە زىياپەت بېرىشتىكى سۈننەت: سورۇندىكى ئەڭ ھۆرمەتلىك كىشىدىن باشلاش، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدىكى كىشىگە بېرىش، ئەگەر سورۇندىكىلەر باراۋەر بولسا زىياپەت بەرگۈچى ئۆزىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن باشلاش، ئەگەر بىرەرسى سۇ سورىسا دەسلەپ سورىغان كىشىدىن باشلاپ بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدىكى كىشىگە بېرىلىدۇ، گەرچە سول تەرىپىدىكى ئادەم سورۇندىكىلەردىن ئارتۇقراق تۇرىدىغان كىشى بولسىمۇ.
761. سەھل ئىبن سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىر قاچا سۇ تۇتتى، بۇ ۋاقتىدا ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە بىر كىچىك بالا، سول تەرىپىدە بولسا بىر قانچە ياشانغان كىشى بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ سۇدىن ئىچكەندىن كېيىن، ئوڭ تەرىپىدىكى بالىغا: « أَتَأْذَنُ لي أَنْ أُعْطِيَ هُؤلاءِ؟ » « مەن بۇ سۇنى ئالدى بىلەن ياشانغانلارغا بېرەي، بولامدۇ؟»، دەپ سورىدى. بالا: بولمايدۇ، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، سېنىڭدىن كەلگەن نېسىۋەمنى ھېچ كىمگە ئۆتۈنۈپ بەرمەيمەن! دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قاچىنى بالىغا تۇتتى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ھەق ئىگىسىنىڭ خاپا بولمايدىغانلىقىنى بىلسە، ھەق ئىگىسىنى قويۇپ باشقىلارغا بېرىشكە بولىدىغانلىقى.