112. باب ئىچىدە نېمە بارلىقىنى كۆرگىلى بولمايدىغان قاچىنىڭ ئاغزىدىن سۇ ئىچىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى توغرىسىدا
بۇنداق قاچا ئاغزىدىن سۇ ئىچىش مەكرۇھ بولۇپ، ھارام ئەمەس.
762. ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇلۇمدەك قاچىلارغا ئاغزىنى تىقىپ سۇ ئىچىشتىن چەكلىگەن.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئىچىدە زىيانلىق نەرسە بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئىچىنى كۆرگىلى بولمايدىغان قاچىلاردىن سۇ ئىچىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى.
763. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۇنى تۇلۇمغا ئوخشاش قاچىدىن ئىچىشنى چەكلىگەن.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
764. ئۇممۇ كەبىشە بىنتى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مىنىڭ ئۆيۈمگە كېلىپ ئېسىقلىق تۇرغان تۇلۇمنىڭ ئاغزىدىن ئۆرە تۇرۇپ سۇ ئىچتى. مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۇ ئىچكەن تۇلۇمنىڭ ئاغزىنى كېسىۋالدىم ۋە ساقلاپ قويدۇم. ― تىرمىزي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئۆرە تۇرۇپ سۇ ئىچىشكە بولىدىغانلىقى، ھەمدە ئىچىنى بىۋاسىتە كۆرگىلى بولمايدىغان قاچىنىڭ ئاغىزىدىنمۇ سۇ ئىچىشكە بولىدىغانلىقى، يۇقىرىقى ھەدىستىكى بۇخىل قاچىلاردا سۇ ئىچىشتىن چەكلەش بولسا ئۇنداق ئىشلارغا دىققەت قىلىپ قويۇش يۈزىسىدىن بولغانلىقى.
2) چوقۇنۇش ۋە ئۇلۇغلاش تۈسىنى ئالمىغان شەرت ئاستىدا سالىھ كىشىلەر قالدۇرغان نەرسىلەرنى تەۋەررۈك بىلىشكە بولىدىغانلىقى.