116. باب ئالتۇن، كۈمۈش قاچىلاردىن باشقا قاچىلاردا سۇ ئىچىشكە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا
774. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، ناماز ۋاقتى كىرىپ قالدى. ئۆيى يېقىنلار ئۆيگە قايتىپ تاھارەت ئېلىشقا كەتتى. يەنە بىر قىسىملىرى قايتمىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا بىر تاش قاچىدا سۇ كەلتۈرۈلدى، قاچىنىڭ كىچىكلىكىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قوللىرى قاچىغا سىغمايتتى. ئاندىن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قولىنىڭ ئىچىدىن چىققان سۇدا) تاھارەت ئېلىشتى.
كۆپچىلىك ئەنەستىن: سىلەر بۇ ۋاقتىدا قانچىلىك ئادەم ئىدىڭلار؟ دەپ سورىغىنىدا، ئۇ: « سەكسەن ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئادەم ئىدۇق » ، دەپ جاۋاب بەرگەن.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزدىن بىر قاچا سۇ تەلەپ قىلدى. چوڭ بىر قاچا سۇ ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن بارماقلىرىنى ئۇنىڭغا قويدى. سۇنىڭ ئۇنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئارىسىدىن چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تاھارەت ئالغانلارنىڭ سانى 70 بىلەن 80نىڭ ئارىلىقىدا ئىدى » ، دېدى.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) تاھارەت ۋە باشقا ئىشلار ئۈچۈن تاشتىن ياسالغان قاچىلارنى ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقى.
2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بارماقلىرى ئارىسىدىن سۇنىڭ چىققانلىقى ۋە كۆپەيگەنلىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسى ئىكەنلىكى.
775. ئابدۇللاھ ئىبن زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ يېنىمىزغا كەلگەنىدى، بىز بىر مىس قاچىدا تاھارەت ئالىدىغان سۇ تەييارلاپ بەردۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدا تاھارەت ئالدى.
― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: تاھارەت ۋە باشقا ئىشلار ئۈچۈن مىستىن ياسالغان قاچىلارنى ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقى.
776. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەمراھى بىلەن بىر ئەنسارىينىڭ قېشىغا كىرىپ: « إِنْ كَانَ عِنْدَكَ مَاءٌ بَاتَ هَذِهِ اللَّيْلَةَ في شَنَّةٍ وَإِلاَّ كَرعْنا » « قېشىڭدا تۇلۇمغا قاچىلانغان ھەم بىر كېچە تۇرغان سوغۇق سۇ بولسا قويۇپ بەرگىن، بولمىسا بىز سۇنى قاچىسىز ھالدا سۈمۈرۈپلا ئىچىمىز » ، دېدى.
― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: سۇنى قاچا ئېغىزىدىن بىۋاسىتە ئېغىزنى تەككۈزۈپ ئىچىشكە بولىدىغانلىقى. باشقا ھەدىستىكى بۇنداق ئىچىشتىن چەكلەش بولسا بۇنداق ئىچىشنىڭ مەكرۇھ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
777. ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزلەرنى يىپەك رەختلەردىن كىيىم كىيىشتىن، ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلاردا سۇ ئىچىشىتىن مەنئى قىلدى ۋە: « هِيَ لهُمْ في الدُّنْيا، وهى لَكُمْ في الآخِرَةِ » « بۇ خىل نەرسىلەر بۇ دۇنيادا كۇففارلار ئۈچۈن بېرىلگەن، ئاخىرەتتە بولسا سىلەر ئۈچۈن بېرىلىدۇ » ، دەيتتى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) يىپەكتىن كىيىم كىيىشنىڭ ئەرلەرگە ھارام ئىكەنلىكى ۋە ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلاردا ئىچىشنىڭمۇ ھاراملىقى.
2) كۇففارلارنىڭ شۇنىڭدەك ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ئىشلاردا ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلغان كىشىلەرنىڭ ئاخىرەتتىكى نېئمەتلەردىن مەھرۇم قالىدىغانلىقى.
778. ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « الذي يَشْرَبُ في آنِيَةِ الفِضَّةِ إِنَّما يُجرْجِرُ في بَطْنِهِ نَارَ جَهَنَّمَ » « كۈمۈش قاچىدا سۇ ئىچكەن ئادەمنىڭ قارنىدا دوزاخنىڭ چاراسلاپ كۆيگەن ئوت ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتدە: « مَنْ شَرِبَ فِيْ إِنَاءِ مِنْ ذَهَبٍ أَوْ فِضَّةٍ فَإِنَّمَا يُجَرْجِرُ فِيْ بَطْنِهِ نَارًا مِنْ جَهَنَّمَ » «كىمكى ئالتۇن قاچىدا ياكى كۆمۈش قاچىدا سۇ ئىچىدىكەن ئۇنىڭ قارنىدا دوزاخنىڭ چاراسلاپ كۆيگەن ئوت ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ».
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: يېمەك-ئىچمەك ۋە باشقا ئىشلاردا ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلارنى ئىشلەتكەن كىشىلەرنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش، ئىبن ھەجەر ھەيتەمى بۇنىڭغا ئوخشاش قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىشلار چوڭ گۇناھلار قاتارىغا كىرىدۇ، دەپ قارايدۇ. چۈنكى، بۇنداق قىلىش ئىسراپخورلۇق ۋە بۇزۇپ-چېچىشقا كىرىدۇ، ئىسراپخورلۇق بولسا ھاكاۋۇر بايلارنىڭ ئادىتى. بۇنداق قىلىش ئالتۇن-كۈمۈشنىڭ مۇئامىلە ئارقىلىق ئايلىنىپ تۇرۇشىنى ئازايتىپ كىشىلەرگە قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ.