رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

117. باب ئاق كىـيىمــنى كىــيىشــنىڭ ياخـشىلىقى، قىزىل، يېشىل، سېرىق، قارا كىيىملەرنى كىيىشنىڭ دۇرۇسلۇقى، يىپەك رەختلەردىن بولمىسىلا بۇ رەڭلەردە پاختا، تالا، يۇڭ رەختلەردىن تىكىلگەن كىيىمنى كىيىشكە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿يَا بَنِي آدَمَ قَدْ أَنزَلْنَا عَلَيْكُمْ لِبَاسًا يُوَارِي سَوْءَاتِكُمْ وَرِيشًا وَلِبَاسُ التَّقْوَىَ ذَلِكَ خَيْرٌ﴾ ئى ئادەم بالىلىرى! بىز سىلەرگە ئەۋرىتىڭلارنى ياپىدىغان لىباسنى ۋە زىننەتلىنىدىغان لىباسنى چۈشۈردۇق. تەقۋادارلىق لىباسى ئەڭ ياخشىدۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەئراف 26- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَجَعَلَ لَكُمْ سَرَابِيلَ تَقِيكُمُ الْحَرَّ وَسَرَابِيلَ تَقِيكُم بَأْسَكُمْ﴾ سىلەرگە ئىسسىقتىن (ۋە سوغۇقتىن) ساقلىنىدىغان كىيىملەرنى، ئۇرۇشتا سىلەرنى (زىيان-زەخمەتتىن) ساقلايدىغان تۆمۈر كىيىملەرنى تەييار قىلدى . («قۇرئان كەرىم» سۈرە نەھل 81- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

779. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ﴿الْبَسُوا مِنْ ثِيَابِكُمُ البَيَاضَ، فَإِنَّهَا مِن خَيْرِ ثِيابِكُمْ، وَكَفِّنُوا فِيها مَوْتَاكُمْ﴾ » « كىيىملىرىڭلاردىن ئاق رەڭلىكنى كىيىڭلار، ئاق رەڭلىك كىيىم كىيىمىڭلارنىڭ ياخشىسىدۇر. ئۆلۈكلىرىڭلارنى ئاق كىپەن بىلەن كىپەنلەڭلار » .

― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

780. سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « الْبَسُوا البَيَاضَ، فَإِنها أَطْهرُ وأَطَيبُ، وكَفِّنُوا فِيها مَوْتَاكُمْ » « ئاق كىيىم كىيىڭلار، چۈنكى ئاق كىيىم ئەڭ پاكىزدۇر ۋە ئەڭ بەلەندۇر. مىيىتىڭلارنى ھەم ئاق بىلەن كىپەنلەڭلار » . ― نەسەئى، ھاكىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئاق كىيىم كىيىشنىڭ بولۇپمۇ جۈمە ۋە باشقا مۇراسىملاردا ياخشى ئىكەنلىكى. ھېيت ئايەمدە تاپالىسا يېڭى كىيىم كىيىشنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكى، ئەگەر ئاق بولسا تېخىمۇ ئەۋزەل بولىدىغانلىقى.

2) مىيىتلارنى ئاق كېپەندە كېپەنلەشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

781. بەرا ئىبن ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوتتۇرا بوي ئىدى. قىزىل تونلۇق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن چىرايلىقراق ئادەمنى كۆرگىنىم يوق. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

782. ئەبۇ جۇھەيفە ۋەھىب ئىبن ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدىكى جىرادا ماڭا تونۇش بولغان، قىزىل رەڭلىك كۆندە ياسالغان چېدىردا تۇرغانلىقىنى كۆردۇم. بىلال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاھارەت ئېلىپ ئاشقان سۇنى چېدىردىن ئېلىپ چىقتى. ساھابىلەرنىڭ بەزىلىرى ئۇ سۇنى تەۋەررۈك قىلىپ بەدەنلىرىگە چاچتى. بەزىلىرى بولسا قولى بىلەن بەدەنلىرىگە سۈرتەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىزىل تون بىلەن چېدىردىن چىقىپ كەلدى. مەن ھازىرمۇ گويا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى پاچىقىنىڭ ئاقلىقىنى كۆرۈپ تۇرغاندەك بولىۋاتىمەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاھارەت ئالدى، بىلال ئەزان توۋلىدى، مەن بىلالنىڭ ئاغزىغا كۆڭۈل قويۇپ زەن سېلىپ تۇردۇم، ئۇ ئوڭغا ۋە سولغا بۇرۇلۇپ: نامازغا كېلىڭلار، نىجاتلىققا كېلىڭلار، دەيتتى. ئارقىدىن بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدى تەرىپىگە توساق بولسۇن ئۈچۈن تاياقتەك بىر نەرسىنى سانجىپ قويدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدىن ئىت، ئىشەك قاتارلىق ھايۋانلار ئۆتۈپ تۇراتتى، نامازغا دەخلى قىلمىدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئەرلەرنىڭ قىزىل كىيىم كىيىشنىڭ دۇرۇس بولىدىغانلىقى ۋە سالىھلارنىڭ ئىشلەتكەن نەرسىلىرىنى تەۋەررۈك قىلىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى.

2) مۇئەززىننىڭ « حَيّ عَلَى الصَّلاة »، دېگەندە بېشىنى ئوڭغا، « حَىّ عَلَى الْفَلاح »، دېگەندە بولسا، بېشىنى سولغا قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

3) سەھرا-دالادا ناماز ئوقۇغاندا ئالدى تەرەپكە ئۆزىدىن تەخمىنەن بىر يېرىم مېتر ئارىلىق قالدۇرۇپ تاياق تىكلەپ قويۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، ئۇنداق قىلغاندا ئالدىدىن ئۆتكەن نەرسىلەرنىڭ نامازغا دەخلى قىلمايدىغانلىقى.

783. ئەبۇ رىمسە رىفائە تەمىيمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى قۇر يېشىل كىيىم كىيگەنلىكىنى كۆرگەن.

― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: يېشىل كىيىم جەننەت ئەھلىنىڭ كىيىمى بولغانلىقى ئۈچۈن يېشىل رەڭلىك كىيىم كىيىشكە بولىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

784. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەككە فەتھ بولغان كۈنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بېشىغا قارا سەللە يۆگىۋالغان ھالدا مەككىگە كىرگەنىدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

785. ئەبۇ سەئد ئەمر ئىبن ھۇرەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قارا رەڭلىك سەللە يۆگىۋالغانلىقىنى ۋە سەللىنىڭ ئىككى ئۇچى مۆرىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدە تاشلىنىپ تۇرغانلىقىنى ھازىرقىدەك كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: قارا كىيىم كىيىشكە بولىدىغانلىقى، ئۆلىمالار دۈشمەنلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلغاندا قارا سەللە يۆگەش ياخشى دەپ قارايدۇ.

786. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كېپەنلىكى يەمەندە ئىشلەنگەن ئۈچ پارچە ئاق رەڭلىك قېلىن پاختا رەخت ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كۆينەك كىيگۈزۈلمىدى ۋە سەللىمۇ يۆگەلمىدى.

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پاختا رەختتە كىيىم كىيىشنىڭ دۇرۇسلىقى.

2) ئەرلەرنى ئۈچ قەۋەت كىپەنلىسە ياخشى بولىدىغانلىقى، كىپەننىڭ ئاق بولۇشنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكى.

787. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: بىر كۈنى ئەتىگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قارا يۇڭدىن تىكىلگەن، تۆگىنىڭ ئېگىرىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن تون كىيىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: يۇڭدىن توقۇلغان كىيىملەرنى كېيىش، قارا كىيىم كىيىش ۋە جانسىز نەرسىلەرنىڭ سۈرىتىنى سىزىشنىڭ دۇرۇس بولىدىغانلىقى.

788. مۇغىرە ئىبن شۇئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن بىر كېچىسى سەپەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خىزمىتىدە بولغانىدىم، ئۇ مەندىن: « أَمعَكَ مَاء؟ » « سۈيۈڭ بارمۇ؟»، دېدى. مەن: « بار » ، دېدىم. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۆگىدىن چۈشۈپ مېڭىپ كېچە قاراڭغۇلۇقىدا غايىب بولدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قايتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭغا ئىۋرىقتىن سۇ قۇيۇپ بەردىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۈزىنى يۇدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇچىسىدا يىڭى تار يۇڭ چاپان بولۇپ، يىڭى تار بولغانلىقتىن ئىككى بىلىكىنى چىقىرالماي ئاخىرى چاپاننىڭ ئاستىدىن چىقىرىپ يۇدى ۋە ئاندىن بېشىغا مەسىھ قىلدى. مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايىغىنى سالدۇرۇشقا ئىڭىشكەنتىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « دعْهمَا فَإِنى أَدخَلْتُهُما طَاهِرَتَينِ » « بولدى سالدۇرما! تاھارەت بىلەن كىيىۋالغان »، د ېدى ۋە ئىككى ئايىغىغا مەسىھ قىلدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

يەنە بىر رىۋايەتتە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇچىسىدا شام (سۈرىيە)دە تىكىلگەن يۇڭ چاپان بار ئىدى، دېيىلگەن.

يەنە بىر رىۋايەتتە: بۇ ۋەقە تەبۇك غازىتىدا بولغان، دېيىلگەن.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) يۇڭدىن توقۇلغان كيىملەرنى كىيسە بولىدىغانلىقى، تۈزلەڭ يەردە ھاجەتكە چىققان ئادەم كىشىلەر كۆرمەيدىغان، ئاۋاز ۋە پۇراق يەتمەيدىغان يىراق جايغا بېرىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

2) تاھارەت ئالغاندا باشقىلار سۇ قۇيۇپ بەرسە دۇرۇس بولىدىغانلىقى، لېكىن بۇنداق قىلماسلىقنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكى.

3) شەرىئەت كىتابلىرىدا بايان قىلىنغان شەرت ئاستىدا ھوشۇقنى يېپىپ تۇرىدىغان ئىككى ئاياغقا مەسىھ قىلسا بولىدىغانلىقى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ