رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

118. باب كۆينەك كىيىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى توغرىسىدا

789. ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىيىملەر ئىچىدە كۆينەكنى ئەڭ ياخشى كۆرەتتى. ― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تىكىلگەن كىيىملەر ئىچىدە كۆينەك كىيىشنى ياقتۇراتتى. چۈنكى، بۇنداق كىيىم بەدەننى ئىشتان ۋە رىداغا قارىغاندا تېخىمۇ يىپىپ تۇرىدىغانلىقى ھەمدە ئۆزى ئەرزان، بەدەنگە يەڭگىل ئىكەنلىكى، ئۇنى كىيگۈچىنىڭ تېخىمۇ كەمتەر كۆرۈنىدىغانلىقى.

2) كىيىم كىيىشتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۈلگە قىلىش كېرەكلىكى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ