119. باب كۆيــنەكــنىڭ ۋە كۆيــنەك يېــڭىــنىڭ، ئىشــتانــنىڭ پۇچــقىــقىــنىڭ ۋە سەللىــنىڭ ئۇچىــنىڭ ئۇزۇنــلۇقىــنىڭ قانــداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا
790. يەزىدنىڭ قىزى ئەسما رەزىياللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆينىكىنىڭ يېڭى قولىنىڭ بېغىشىغىچە ئىدى، دېگەن. ― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: كۆينەكنى بېغىشىدىن ئاشۇرماسلىق، كۆينەكتىن باشقا كىيىملەرنى بارماق ئۇچىدىن ئاشۇرماسلىقنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكى.
791. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ جَرَّ ثَوْبَهُ خُيَلاءَ لَمْ يَنْظُر اللَّه إِليهِ يَوْم القِيَامَةِ » « كىمكى كىيىملىرىنى تەكەببۇرلۇق يۈزىسىدىن ئۇزارتىۋالىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئاخىرەت كۈنى ئۇنىڭغا رەھمەت كۆزى بىلەن قارىمايدۇ »، د ېدى.
ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى: ئى رەسۇلۇللاھ، مەن دىققەت قىلمىسام ئىشتىنىم ساڭگىلاپ چۈشۈپ تۇرىدۇ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « إِنَّكَ لَسْتَ مِمَّنْ يَفْعَلُهُ خُيَلاءَ » « سەن تەكەببۇرلۇقتىن كىيىمىنى ئۇزارتىۋالغانلاردىن ئەمەس. » دېدى.
― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ھەرقانداق ئەمەلنىڭ نىيەتكە باغلىق بولىدىغانلىقى شۇڭا ئەھكاملارنىڭمۇ نىيەتنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ پەرقلىق بولىدىغانلىقى ۋە ھاكاۋۇرلۇق يۈزىسىدىن سۆرۈلۈپ تۇرىدىغان كىيىم كىيىدىغان مەنمەنلىك كىشىنى ئاگاھلاندۇرۇش.
792. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا ينْظُرُ اللَّه يَوْم القِيَامة إِلى مَنْ جَرَّ إِزَارَهُ بَطراً » « ئاخىرەت كۈنى، ئاللاھ تائالا ئىشتىنىنى تەكەببۇرلۇقتىن ئۇزۇن قىلىۋالغان كىشىلەرگە قارىمايدۇ » .
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
793. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَا أَسْفَلَ مِنَ الْكَعْبَيْنِ مِنَ الإِزار ففي النَّار » « ئىشتاننىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى ھوشۇقتىن ئېشىپ كەتسە ھوشۇقنىڭ تۆۋىنى دوزاختا ئازابلىنىدۇ » .
― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ھەدىسنىڭ زاھىرىدىن كىيىمنىڭ ئۆزىنىڭ دوزاخقا كىرىدىغانلىقى چىقىدۇ، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىگە ئوخشايدۇ: ﴿إِنَّكُمْ وَمَا تَعْبُدُونَ مِن دُونِ اللَّهِ حَصَبُ جَهَنَّمَ أَنتُمْ لَهَا وَارِدُونَ﴾ (ئى مۇشرىكلەر!) ھەقىقەتەن سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان نەرسەڭلار بىلەن دوزاخقا يىقىلغۇ بولىسىلەر، سىلەر دوزاخقا كىرىسىلەر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەنبىيائ 98- ئايەت) بۇ ئايەت گۇناھ ئۆتكۈزۈشكە قورال بولغان نەرسىنىڭ دوزاخقا كىرىشىدىن گۇناھ ئۆتكۈزگۈچىنىڭ دوزاخقا كىرىشنىڭ تېخىمۇ تىگىشلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. خەتتابى مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە ھوشۇقىنىڭ تۆۋىنىنىڭ ئازابلىنىدىغانلىقىنى دېيىش ئارقىلىق ئۇزۇن ئىشتان كىيگۈچىنىڭ دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى كىنايە قىلغان. نافىئ بۇ توغرۇلۇق سورالغاندا، مۇنداق دېگەن: «كىيىمدە نېمە گۇناھ، بۇ ئىككى پۇتنىڭ دوزاخقا كىرىشىنى كۆرسىتىدۇ».
794. ئەبۇزەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ثلاثةٌ لا يُكَلِّمُهُمُ اللَّهُ يَوْمَ القِيَامةِ، ولا يَنْظُرُ إِلَيْهم، وَلا يُزَكِّيهِمْ، وَلهُمْ عَذَابٌ أَليمٌ » « ئاخىرەت كۈنى ئاللاھ تائالا ئۈچ خىل ئادەملەر بىلەن سۆزلەشمەيدۇ ۋە ئۇلارغا قارىمايدۇ، ھەم ئۇلارنى پاكلىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىغان، رىۋايەت قىلغۇچى: ئۇلار ئۈمىدسىزلىككە چۆمگەن ۋە زىيانكار بولغۇچىلاردۇر، ئى رەسۇلۇللاھ ئۇلار زادى قانداق ئادەملەر؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « المُسبِلُ، والمنَّانُ وَالمُنْفِقُ سِلْعَتَهُ بِالحَلفِ الكاذِبِ » « ئىشتىنىنى ئۇزۇن قىلىۋالغان ئادەم، مىننەت قىلغۇچى ئادەم، ئۆزىنىڭ مېلىنى يالغان قەسەم ئىچىپ ساتقان ئادەم »، د ېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ئىشتاننى ئۇزۇن كىيىشتىن ۋە مىننەت قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇلغان، چۈنكى بۇنداق قىلىش ئازار ھېسابلىنىدىغانلىقى. ئاللاھ تائالا: ﴿لاَ تُبْطِلُواْ صَدَقَاتِكُم بِالْمَنِّ وَالأذَى﴾ سىلەر سەدىقەڭلارنى مىننەت ۋە ئازار بىلەن بىكار قىلىۋەتمەڭلار («قۇرئان كەرىم» سۈرە بەقەرە 264- ئايەتنىڭ بىر قىسمى) دېگەن.
2) مېلىنى سېتىش ئۈچۈن يالغان قەسەم قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرغان، بۇ ھەدىستە سۆزلەنگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى چوڭ گۇناھلار ھېسابلىنىدىغانلىقى.
795. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « الإِسْبَالُ في الإِزارِ، والقَمِيصِ، وَالعِمَامةِ، منْ جَرَّ شَيئا خُيَلاءَ لَم يَنظُرِ اللَّه إليهِ يوْمَ القِيَامةِ » « تەكەببۇرلۇقتىن ئىشتىنىنى، كۆينىكىنى ۋە سەللىسىنى ئۇزۇن قىلىپ كىيگەن ئادەمگە ئاللاھ تائالا ئاخىرەت كۈنى قارىمايدۇ » . ― ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسەئى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ئىشتىنىنى يەرگە سۆرەپ كىيىشنىڭ ھاراملىقى، كىمكى شۇنداق قىلىپ تەۋبە قىلمىسا ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا قىيامەتتە رەھمەت كۆزى بىلەن قارىمايدىغانلىقى.
2) ئىشتاننى ھاكاۋۇرلۇق ۋە تەكەببۇرلۇق قىلماي ئۇزۇن كىيگەندە ئۇنىڭ مەكرۇھ بولىدىغانلىقى.
3) ئەگەر زۆرۈرىيەت ئۈچۈن ئۇزۇن كىيسە مەكرۇھ ئەمەس مۇباھ بولىدىغانلىقى.
796. ئەبۇ جۇرەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن بىر ئادەمنىڭ جامائەت ئىچىدە ۋەز-نەسىھەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، كىشىلەر ئۇنىڭ سۆزىنى زەن قويۇپ ئاڭلايتتى. مەن: بۇ كىشى كىم؟ دەپ سورىدىم. كشىلەر: ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى دېدى. مەن: ئى رەسۇلۇللاھ، ئەلەيكەسسالام (ساڭا ئامانلىق بولسۇن) دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « لا تَقُل علَيكَ السَّلامُ، علَيكَ السلامُ تحِيَّةُ الموْتَى قُلِ: السَّلامُ علَيك » « ئەلەيكەسسالام دېگەن سۆز ئۆلۈكلەرگە قارىتا بېرىلىدىغان سالام. سەن ئەسسالامۇ ئەلەيكە (ساڭا ئامانلىق بولسۇن!) دېگىن »، د ېدى. مەن: سەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسىمۇ؟ دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « أَنَا رسول اللَّه الذي إِذا أَصابَكَ ضَرٌّ فَدعَوْتَهُ كَشَفَهُ عنْكَ، وإِذا أَصَابَكَ عامُ سنَة فَدَعوْتَهُ أَنبتَهَا لك، وإِذَا كُنتَ بِأَرْضٍ قَفْرٍ أَوْ فلاةٍ، فَضَلَّت راحِلَتُكَ، فَدعوْتَه رَدَّهَا علَيكَ » « مەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، ئەگەر سەن بىرەر زىيان زەخمەتكە يولۇققان ۋاقتىڭدا، ئاللاھتىن تىلىسەڭ، ئاللاھ تائالا زىيان زەخمەتنى بېشىڭدىن كۆتۈرۈۋېتىدۇ. ئەگەر سەن قەھەتچىلىككە ئۇچراپ ئاللاھتىن تىلىسەڭ، ئاللاھ تائالا ساڭا مولچىلىق ئاتا قىلىدۇ. ئەگەر سەن دەشتى-باياۋاندا مىنىدىغان ئات-ئۇلاغلىرىڭنى يىتتىرىپ قويساڭ، ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلساڭ، ئاللاھ تائالا ساڭا ئۇنى قايتۇرۇپ ئەكېلىپ بېرىدۇ » ، دېدى. مەن: يەنە ماڭا نەسىھەت قىلساڭ، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « لا تسُبَّنَّ أَحداً » « ھېچ ئادەمنى تىللىمىغىن »، د ېدى. مەن شۇندىن كېيىن، ھېچقانداق بىر ئادەمنى، ھەتتا قۇللارنى ۋە تۆگە، قويلارنىمۇ تىللىمىدىم.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « وَلا تَحقِرنَّ مِنَ المعروفِ شَيْئاً، وأَنْ تُكَلِّمَ أَخَاك وأَنتَ مُنْبسِطٌ إِليهِ وجهُكَ، إِنَّ ذلك مِنَ المعرُوفِ . وارفَع إِزاركَ إِلى نِصْفِ السَّاقِ، فَإِن أبيتَ فإلى الكَعبين، وإِياكَ وإِسْبال الإِزارِ فَإِنَّهَا مِن المخِيلةِ وإِنَّ اللَّه لا يحبُّ المَخِيلة، وإن امْرؤٌ شَتَمك وَعَيَّركَ بمَا يَعْلَمُ فيكَ فلا تُعيِّرهُ بما تَعلَم فيهِ، فإِنَّمَا وبالُ ذلكَ عليهِ » « ھەرقانداق ياخشى ئىشنى كىچىك سانىمىغىن. قېرىندىشىڭغا ئوچۇق چىراي گەپ قىلىشىڭمۇ ياخشى ئىش ھېسابلىنىدۇ. ئىشتىنىڭنىڭ ئۇزۇنلۇقى پاقالچىقىڭنىڭ يېرىمىغىچە بولسۇن. ئەگەر ئۇنىڭغا ئۇنىمىساڭ ئوشۇغىڭچىلىك بولسۇن، ئىشتاننى ئۇزۇن كىيىشتىن ساقلانغىن، چۈنكى بۇ تەكەببۇرلۇققا ياتىدۇ. ئاللاھ تائالا تەكەببۇرلۇقنى ياقتۇرمايدۇ. ئەگەر سېنى بىر ئادەم تىللىسا ۋە سەندە بار ئەيىبلەرنى ئېچىپ سېنى ئوسال قىلسا سەن ئەيىبى بىلەن ئوسال قىلمىغىن، شۇنداق قىلساڭ ئۇ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ »، دېگەن . ― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: تىللاش ۋە ھاقارەتلەشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى، تىللانغان كىشى تىللىغۇچى كىشىنى ئۆزىنى قانداق تىللىسا شۇنداق تىللىماي، يالغان-ياۋداقنى قوشۇپ ئاشۇرۇۋېتىشنىڭ دۇرۇس بولمايدىغانلىقى، ئەگەر تىللانغان كىشى قىساسىنى ئالسىمۇ ئالدى بىلەن تىللىغان كىشىنىڭ ئالدىدا تىللىغانلىق گۇناھى بولىۋېرىدىغانلىقى.
797. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر ئادەم ئۇزۇن ئىشتان كىيگەن ھالدا نامازغا تۇرۇشقا تەمشىلىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: « اذهَب فَتَوضأْ » « بېرىپ تاھارەت ئالغىن »، د ېدى. ئۇ كىشى تاھارەت ئېلىپ بولۇپ يېنىپ كەلگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە ئۇ كىشىگە « اذهَب فَتَوضأْ » « بېرىپ تاھارەت ئالغىن! »، د ېدى. بىر كىشى: ئى رەسۇلۇللاھ! سەن نېمە ئۈچۈن ئۇ كىشىنى تاھارەت ئېلىشقا بۇيرۇدۇڭۇ جىم تۇردۇڭ؟ دەپ سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « إِنه كانَ يُصلِّى وهو مُسْبلٌ إِزارهُ، إِن اللَّه لا يقْبلُ صلاةَ رجُلٍ مُسبِلٍ » « ئۇ ئادەم ئۇزۇن ئىشتان كىيىپ ناماز ئوقۇشقا تۇردى، ئاللاھ تائالا ھوشۇقتىن ئېشىپ كەتكەن ئۇزۇن ئىشتان كىيىپ ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ » ، دېدى.
― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھېلىقى كىشىنى قايتا تاھارەت ئېلىشقا بۇيرۇغانلىقى، قايتا تاھارەت ئېلىش ئۇ كىشىنىڭ تەكەببۇرلۇقتىن ئىشتاننى يەرگە سۆرەپ كىيگەن گۇناھىنىڭ كەففارىتى بولۇشى ئۈچۈندۇر، شۇنداق ھەدىسمۇ كەلگەنكى «تاھارەت دېگەن گۇناھلارغا كەففارەت بولىدۇ». بۇ يەردە تاھارەت ئالغۇچىنىڭ تاھارىتىدە نۇقسان بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى قايتا تاھارەت ئېلىشقا بۇيرۇغان بولۇشى مۇمكىن. ناماز نەفلى ناماز بولغانلىقى ئۈچۈن قايتا ئوقۇشقا بۇيرۇمىغان.
798. قەيىس ئىبن بەشيردىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مېنىڭ دادام بولسا ئەبۇ دەردائنىڭ دوستى ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: دەمەشىقتە ئىبن ھەنزەلىيە ئىسىملىك بىر ساھابە بولۇپ، ئۇ كىشى يالغۇز يۈرەتتى، كىشىلەر بىلەن ئاز ئارىلىشاتتى، ناماز ئوقۇپ بولۇپ ئۆيىگە كەلگۈچىلىك ئاللاھ تائالاغا كۆپ تەسبىھ ۋە تەكبىر ئېيتاتتى. بىر كۈنى بىز ئەبۇ دەردائنىڭ قېشىدا ئىدۇق، ئۇ كىشى بىزنىڭ قېشىمىزدىن ئۆتتى، ئەبۇ دەردائ ئۇنىڭدىن: بىزگە بىر ئېغىز پايدىلىق نەسىھەت قىلىپ قويساڭ، دەپ ئۆتۈندى. ئۇ ساھابە مۇنداق دېدى: بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر جايغا لەشكەر ئەۋەتتى. لەشكەرلەر قايتىپ كەلگەندە ئۇلاردىن بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئولتۇرغان جايدا ئولتۇرۇپ يېنىدىكى كىشىگە: ئەگەر بىز دۈشمەن بىلەن ئۇچراشقان ۋاقتىمىزدا، ئارىمىزدىن بىرسى قېلىچنى دۈشمەنگە تەڭلەپ مېنى كىچىك چاغلىما! مەن غىفارى قەبىلىسىنىڭ يىگىتىمەن، دېسە سەن ئۇ سۆزگە قارىتا قانداق قارايسەن؟ دېدى. ئۇ كىشى: مېنىڭچە ئۇنىڭغا ھېچقانداق ئەجىر بېرىلمەيدۇ، دېدى. ئۇنى ئاڭلىغان يەنە بىر كىشى: مېنىڭ قارىشىمچە ئەجىر بېرىلىدۇ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىسى گەپ تالىشىپ قالدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى ئاڭلاپ مۇنداق دېدى: « سُبْحان اللَّه؟ لا بَأْس أَن يُؤْجَرَ ويُحْمَد » « سۇبھاناللاھ! (ئاللاھ پاكتۇر) ھېچقانداق باك يوق، ئۇ كىشىگە ئەجىر بېرىلىدۇ ۋە ماختاشقا سازاۋەر بولىدۇ » ، دېدى. مەن ئەبۇ دەردائنىڭ بۇ گەپنى ئاڭلاپ خۇشال بولۇپ بېشىنى كۆتۈرۈپ: بۇ سۆزنى سەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغانمۇ؟ دېگەنلىكىنى ساھابىنىڭ: ھەئە، شۇنداق، دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى كۆردۈم. ئەبۇ دەردائ بۇ سۆزنى داۋاملىق تەكرارلاۋەردى ھەتتاكى مەن: ئەبۇ دەردائ (ئۇ ساھابىغا ھۆرمەت يۈزىسىدىن) تىزلىنىپ ئولتۇرامدىكىن دەپ قالدىم. يەنە بىر كۈنى ئۇ ئادەم بىزنىڭ يېنىمىزدىن ئۆتتى، ئەبۇ دەردائ ئۇ ئادەمگە: بىزگە پايدىلىق نەسىھەت قىلىپ قويساڭ؟ دەپ ئۆتۈنۈپ سورىدى، ئۇ ئادەم مۇنداق دېدى: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە: ‹ المُنْفِقُ عَلى الخَيْلِ كالبَاسِطِ يَدَهُ بالصَّدَقة لا يَقْبِضُهَا › ‹جىھاتقا ئات تەييارلىغان ۋە ئۇنىڭغا خىراجەت قىلغان كىشى داۋاملىق سەدىقە قىلىپ تۇرغان كىشىگە ئوخشايدۇ›، دېگەنىدى » . ئاندىن ئۇ ساھابە يەنە بىر كۈنى بىزنىڭ قېشىمىزدىن ئۆتۈۋىدى، ئەبۇ دەردائ يەنە: «بىزگە بىرەر ئېغىز پايدىلىق نەسىھەت قىلىپ قويساڭ»، دەپ ئۆتۈنۈپ سورىدى. ئۇ ساھابە مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « نعْمَ الرَّجُلُ خُرَيْمٌ الأَسَديُّ، لولا طُولُ جُمته وَإِسْبَالُ إِزَارِه » « خۇرەيم ئۇسەيدى چېچىنى مۈرىسىگە چۈشۈرۈۋالمىغان، ئىشتىنىنى يەرگە سۆرىۋالمىغان بولسا، نېمە دېگەن ياخشى ئادەم »، د ېگەنىدى. بۇ گەپ خۇرەيمىگە يېتىپ، ئۇ دەرھال ئۇستۇرا بىلەن چېچىنى قۇلىقىغىچىلىك، ئىشتىنىنى پاچىقىغىچىلىك كىسىۋەتتى. ئاندىن ئۇ ساھابە يەنە بىر كۈنى بىزنىڭ قېشىمىزدىن ئۆتۈۋىدى، ئەبۇ دەردائ يەنە ئۇنىڭدىن: بىزگە بىر ئېغىز پايدىلىق نەسىھەت قىلىپ قويساڭ، دەپ ئۆتۈنۈپ سورىدى. ئۇ ساھابە مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ (ساھابىلەرگە): « إِنَّكُمْ قَادمُونَ عَلى إِخْوانِكُمْ. فَأَصْلِحُوا رِحَالَكمْ، وأَصْلحوا لبَاسَكُمْ حتى تَكُونُوا كَأَنَّكُمْ شَامَة في النَّاسِ، فَإِنَّ اللَّه لاَ يُحبُّ الفُحْشَ وَلاَ التَّفَحُش » « سىلەر قېرىندىشىڭلارنىڭ قېشىغا كېتىۋاتىسىلەر، كۆركەم بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ئۇلاقلىرىڭلارنى ۋە كىيمىڭلارنى چىرايلىق تۈزەشتۈرۈڭلار، چۈنكى ئاللاھ تائالا بىلىپ بىلمەي رەتسىز يۈرگەن ئادەمنى ياخشى كۆرمەيدۇ » ، دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.
― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئەبۇ دەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىلمىنى زىيادە قىلىشقا ھېرىسمەنلىكى ۋە ئىلىم تەلەپ قىلىشتىكى كەمتەرلىكى.
2) ئەگەر بىر كىشى باتۇرلۇق بىلەن خەلق ئارىسىدا تونۇلغان بولسا جەڭ مەيدانىدا دۈشمەنگە ئۆزىنىڭ نام-شەرىپىنى تونۇشتۇرۇشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى، چۈنكى بۇنىڭدا دۈشمەننى قورقۇتۇش مەقسەت قىلىنىپ تەكەببۇرلۇق، مەنمەنچىلىك قىلىش نىسبىتى يوقلۇقى.
3) بەندىنىڭ ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئەيىبلىشىدىن ساقلىنىشى، قېرىنداشلىرىغا پايدىلىق بولغان ئىشنى قىلىپ، ئۇلارنىڭ دوستلۇقى ۋە مۇھەببىتىنى قوزغىتىشى، رەتسىزلىك ۋە مەينەتلىكتىن ساقلىنىش لازىملىقى، چۈنكى ئاللاھ تائالا بەندىسىگە بەرگەن نېئمىتىنىڭ بەلگىلىرىنى شۇ بەندىدە كۆرۈشىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى.
799. ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إزرَةُ المُسلِمِ إِلى نصْفِ السَّاقِ، وَلاَ حَرَجَ أَوْ لا جُنَاحَ فيما بَيْنَهُ وَبَيْنَ الكَعْبَيْنِ، فَمَا كانَ أَسْفَلَ منَ الكعْبَينِ فَهَوُ في النَّارِ، ومَنْ جَرَّ إِزارهُ بَطَراً لَمْ يَنْظرِ اللَّه إِلَيْهِ » « مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشتىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى پاقالچىقىنىڭ يېرىمىغىچە بولسا بولىدۇ، پاقالچاقنىڭ يېرىمىدىن ھوشۇققىچە بولسىمۇ ھېچ گەپ يوق. ھوشۇقىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن ئىشتاننى كىيگەن ئادەم چوقۇم دوزاخقا كىرىدۇ. كىمكى تەكەببۇرلۇقتىن ئىشتىنىنى ئۇزارتىۋالىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە قارىمايدۇ » . ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
800. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۇزۇن ئىشتان كىيىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىن ئۆتتۈم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا قاراپ: « يا عَبْدَ اللَّهِ، ارْفَعْ إِزارَكَ » « ئابدۇللاھ، ئىشتىنىڭنى كۆتۈرۈۋالغىن! »، د ېدى. مەن ئىشتاننى يۇقىرى كۆتۈردۈم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « زِدْ » « يەنە ئازراق كۆتۈرگىن »، د ېدى. شۇ ئىشتىن كېيىن مەن ئىشتاننىڭ ئۇزۇنلىقىغا ناھايىتى دىققەت قىلىدىغان بولدۇم. بەزى ئادەملەر ئىبن ئۇمەردىن: « قانچىلىك ئۇزۇنلۇقتا كىيىش كېرەك؟»، دەپ سورىدى. ئۇ: « پاقالچاقنىڭ ئوتتۇرىغىچىلىك ئۇزۇنلۇقتا بولسا بولىدۇ » ، دېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئابدۇللاھ ئىبن ئۇمەرنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋە سۈننەتكە يېقىندىن ئەگىشىدىغانلىقى.
2) ئىشتاننى پاقالچىقىنىڭ يېرىمىغىچىلىك كىيىشنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكى.
801. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ جَرَّ ثَوبَه خيلاءَ لَمْ يَنْظُرِ اللَّه إِلَيْهِ يَوْمَ القيامِةِ » « تەكەببۇرلۇقتىن كىيىملەرنى ئۇزۇن قىلىۋالغان كىشىگە ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى قارىمايدۇ » .
ئۇممۇ سەلەمە: « ئاياللارنىڭ كىيىملىرى قانداق بولۇشى كېرەك؟»، دەپ سورىدى. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: « يُرْخينَ شِبْراً » « بىر غېرىچ ئۇزۇن بولسۇن » ، دېدى. ئۇممۇ سەلەمە: ئۇنداقتا پۇت ئۇچۇق قالىدىغۇ دېدى. ئىبن ئۇمەر: « فيُرْخِينَهُ ذِراعاً لاَ يَزِدْنَ » « ئۇنداق بولسا بىر گەز ئۇزۇنلۇقتا بولسۇن، بۇنىڭدىنمۇ ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ » ، دېدى.
― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئاياللارنىڭ پۇتىنى يېپىپ تۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يەرگە تەگمىگۈدەك قىلىپ كىيىمنى بىرەر گەز ئۇزۇن كىيىشىنىڭ دۇرۇسلىقى.