120. باب كەمتەرلىك يۈزىسىدىن ئېسىل كىيىم كىيىشنى تەرك ئېتىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى توغرىسىدا
يۇقىرىدىكى ئاچلىق ۋە ئاددىي-ساددا ياشاش توغرىسىدىكى بابتىمۇ بۇ بابقا دائىر ھەدىسلەر ئۆتتى.
802. مۇئاز ئىبن ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ تَرَكَ اللِّباس تَواضُعاً للَّه، وَهُوَ يَقْدِرُ علَيْهِ، دعاهُ اللَّهُ يَوْمَ القِيامَةِ عَلى رُؤُوسِ الخَلائِقِ حتى يُخيِّره منْ أَيِّ حُلَلِ الإِيمان شَاءَ يلبَسُها » « ئېسىل كىيىملەرنى كىيىشكە قادىر تۇرۇقلۇق، ئاللاھ تائالا رازىلىقى ئۈچۈن كەمتەر بولۇپ ئېسىل كىيىملەرنى كىيمىگەن كىشىنى ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى بارلىق كىشىلەر ئالدىدا چاقىرىپ مۇئمىنلەر جەننەتتە كىيىدىغان كىيىملەردىن خالىغىنىنى كىيىش ئىختىيارلىقىنى بېرىدۇ » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئاددي-ساددا كىيىنىشنىڭ، باشقىلارغا ھاكاۋۇرلۇق قىلماسلىق ۋە كۆز-كۆزقىلماسلىقىنىڭ پەزىلىتى.