رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

121. باب كىيىم-كېچەكتە ئوتتۇراھال بولۇشنىڭ ياخشىلىقى، شەرئى مەقسەت ياكى زۆرۈرىيەت بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ھۆرمىتىنى چۈشۈرۈۋېتىدىغان ناچار كىيىملەرنى كىيمەسلىك توغرىسىدا

803. ئەمر ئىبن شۇئەيىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِن اللَّه يُحِبُّ أَنْ يُرى أَثَرُ نِعْمَتِهِ عَلى عبْده » « شۈبھىسىزكى ئاللاھ تائالا ئۆز نېئمىتىنىڭ ئەسىرىنى (ئالامەتلىرىنى) بەندىلىرىدە كۆرۈشنى ياقتۇرىدۇ ».

― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: تەكەببۇرلۇق قىلىش ۋە باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ نېئمىتىنى نامايان قىلىش يۈزىسىدىن چىرايلىق كىيىنىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى ۋە خىش-ئەقرىبالىرىغا سىلە-رەھىم قىلىش، مۇھتاجلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇشقا ئوخشاش ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلىش كېرەكلىكى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ