رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

122. باب ئەرلەرگە يىپەك كىيىم كىيىش، يىپەك كۆرپىدە ئولتۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا يۆلىنىشنىڭ ھاراملىقى، ئاياللارغا ئۇنى كىيىشنىڭ دۇرۇس بولىدىغانلىقى توغرىسىدا

804. ئۇمەر ئىبن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لاَ تَلْبَسُوا الحرير، فَإنَّ مَنْ لَبِسهُ في الدُّنْيَا لَمْ يَلْبَسْهُ في الآخرةِ » « يىپەك كىيىم كىيمەڭلار، دۇنيادا يىپەك كىيىم كىيگەن كىشى ئاخىرەتتە ئۇنى كىيەلمەيدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بالاغەتكە يەتكەن ئەرلەرگە بۇ دۇنيادا يىپەكتىن كىيىم كىيىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭدىكى ھېكمەتنىڭ بولسا پەخىرلىنىش ۋە ھاكاۋۇرلۇقنى، ھەشەمەتچىلىك ۋە زىننەتنى ياكى مۇشرىكلارنى دوراشنى تەرك ئېتىش ئىكەنلىكى.

805. ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « إنَّما يلبَسُ الحريرَ منْ لا خَلاق لَهُ » « شەكسىزكى، يىپەك كىيىمنى ئاخىرەتتە يىپەك كىيىمدىن نېسۋىسى يوق كىشىلەرلا كىيىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ھارام قىلىنغان ئىشلارنى قىلغان ۋە بۇ دۇنيادا يىپەكتىن كىيىم كىيگەن كىشىلەر تەۋبە قىلىپ ئاللاھتىن گۇناھىنى تىلىمىسە دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدىغانلىقى.

806. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « منْ لَبِسَ الحرير في الدُّنْيا لَمْ يَلْبسْهُ في الآخرَةِ » « دۇنيادا يىپەك كىيىم كىيگەن ئادەم ئاخىرەتتە كىيەلمەيدۇ » ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: يىپەكتىن كىيىم كىيىشنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ «ئۇلارنىڭ كىيىملىرى يىپەكتىن بولىدۇ»، دېگەن سۆزىگە ئاساسلانغاندا ئاخىرەتنىڭ نېئمەتلىرىدىن ئىكەنلىكى، ئەرلەرنىڭ بۇ دۇنيادا يىپەكتىن كىيىم كىيىشى ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپ، ئۇ دۇنيادا يىپەك كىيىم كىيىشتىن مەھرۇم قالىدىغانلىقى.

807. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوڭ قولىغا يىپەك، سول قولىغا ئالتۇننى ئېلىپ: « إنَّ هذَيْنِ حرَامٌ عَلى ذُكُورِ أُمَّتي » « ھەقىقەتەن بۇ ئىككىسى ئۇممىتىمنىڭ ئەركەكلىرىگە ھارامدۇر »، د ېگەنلىكىنى كۆردۈم، دېدى. ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

808. ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « حُرِّم لِبَاسُ الحَرِيرِ وَالذَّهَب على ذُكُورِ أُمَّتي، وَأُحلَّ لإنَاثِهِم » « يىپەك كىيىم بىلەن ئالتۇن ئۈممىتىمنىڭ ئەركەكلىرىگە ھارام، ئاياللىرىغا ھالال قىلىندى » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: يىپەكتىن كىيىم كىيىشنىڭ ۋە ئالتۇننىڭ ئاياللارغا ھالال ئىكەنلىكى.

809. ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى ئالتۇن ياكى كۈمۈش قاچىلاردا يېيىش-ئىچىشتىن، ئىنچىكە ۋە كەڭ تالالىق يىپەك كىيىملەرنى كىيىشتىن ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشتىن چەكلىگەن. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) بۇ ھەدىستىكى چەكلەش سۆزى ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

2) يىپەك ئۈستىدە بىۋاسىتە ئولتۇرۇشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى كۆپ سانلىق ئۆلىمالارنىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆز قارىشىدۇر.

3) سائەت ۋە كۆز ئەينەككە ئوخشاش ئالتۇندىن ياسالغان بۇيۇم ۋە ئالتۇن قاچا-قۇچىلارنى ئىشلىتىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى.

4) ھەشەمەتچىلىك قىلىشتىن ۋە كۇففارلارنى دوراشتىن يىراق بولۇش.

5) زىننەت ئۈچۈن ئالتۇن بۇيۇم تاقاشنىڭ ئاياللارغا خۇددى يىپەكتىن كىيىم كىيىشكە رۇخسەت قىلىنغىنىغا ئوخشاشلا رۇخسەت قىلىنغانلىقى.

6) ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان قاچىلارنى ئىشلىتىش ۋە تاۋار-دۇردۇن ئۈستىدە ئولتۇرۇشنىڭ ھەشەمەتخور مۇتەكەببىرلارنىڭ ئالامىتى ئىكەنلىكى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ