123. باب بەدىنى قىچىشىدىغان ئادەمگە يىپەك كىيىم كىيىشنىڭ دۇرۇسلۇقى توغرىسىدا
810. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، زۇبەير بىلەن ئابدۇراھمان ئىبن ئەۋفنىڭ قىچىشقاق كېسىلى بولغاچقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئىككىسىگە يىپەك كىيىم كىيىشكە رۇخسەت قىلدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) قىچىشقاق كېسىلى بار بالاغەتكە يەتكەن ئەرلەرنىڭ يىپەكتىن كىيىم كىيىشىگە رۇخسەت قىلىنغانلىقى.
2) ئىسسىق ياكى سوغۇقتىن دالدا قىلىش ئۈچۈن يېپەك كىيىمدىن باشقا ھېچقانداق كىيىمى يوق ئەھۋال ئاستىدا يىپەك ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقى.