124. باب يولۋاس تېرىسىدىن تۈشەك قىلىش ياكى ئىگەر، توقۇم قىلىپ مىنىشتىن مەنئى قىلىش توغرىسىدا
811. مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لاَ تَرْكَبوا الخَزَّ وَلاَ النَّمارَ » « يولۋاس تېرىسى ۋە يىپەكنى ئۇلاققا توقۇم ئىگەر قىلىپ مىنمەڭلار » . ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: يىپەك ئىشلىتىلگەن ئېگەرگە مىنىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى ۋە يولۋاس تېرىسى ئىشلىتىشنىڭمۇ ھاراملىقى، چۈنكى بۇنىڭ زىننەتلىنىش ۋە ھاكاۋۇرلۇققا كىرىدىغانلىقى، يەنە كېلىپ يولۋاس تېرىسى ئىشلىتىشنىڭ غەيرىي مۇسۇلمانلارنىڭ ئادىتى ئىكەنلىكى.
812. ئەبۇ مەلىھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدە ئولتۇرۇشتىن چەكلىگەن.
― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئۇلاغقا ۋە باشقا جايلارغا يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ تېرىسىنى سېلىشقا بولمايدىغانلىقى. بەيھەقى: «نىجات تاپقۇچىلارنىڭ دەلىلى»، دېگەن كىتابتا شۇنداق ئېيتىدۇ: «يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ تېرىسىنى ئىشلىتىشكە بولماسلىقى ئاشلاشنىڭ تېرىگە تەسىر قىلمايدىغانلىقى ۋە تېرىدە تۈكلەرنىڭ قېپقالىدىغانلىقىدىن بولسا كېرەك»، يەنە باشقا ئالىملار: «يېرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ تېرىسىنى ئىشلىتىشكە بولماسلىقى ئاشلانمىغان تېرىلەرگە قارىتىلغان بولۇشى مۇمكىن ياكى ئۇنىڭ ئىسراپخور ۋە ھاكاۋۇرلارنىڭ سېلىنچىلىرى بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك»، دەپ قارايدۇ.