رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

125. باب يېڭى كىيىم ۋە يېڭى ئاياغ كىيگەندە ئوقۇيدىغان دۇئا توغرىسىدا

813. ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قاچانكى يېڭى كىيىم كىيسە، مەيلى سەللە بولسۇن مەيلى كۆينەك، مەيلى تون بولسۇن، ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ مۇنداق دەيتتى: « اللَّهُمَّ لكَ الحَمْدُ أَنْتَ كَسَوْتَنِيهِ، أَسْأَلُكَ خَيْرَهُ وَخَيْرَ ما صُنِع لَهُ، وأَعُوذُ بِكَ مِنْ شَرِّهِ وشَرِّ ما صُنِعَ لَهُ » « ئى ئاللاھ! بارلىق مەدھىيە ساڭا خاستۇركى، ئۇ كىيىمنى ماڭا سەن كىيدۈردۈڭ، بۇ كىيىمنىڭ ياخشىلىقىنى ۋە بۇ كىيىمنىڭ ياخشى ئىشلار ئۈچۈن تىكىلگەن بولۇشىنى سورايمەن ۋە بۇ كىيىمنىڭ يامانلىقىدىن ۋە بۇ كىيىمنىڭ يامان ئىشلارغا تىكىلگەن بولۇشىدىن پاناھ تىلەيمەن » . ― تىرمىزىي ۋە ئەبۇداۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: يېڭى كىيىم كىيگەندە ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ۋە يۇقىرىقى دۇئا بىلەن دۇئا قىلىشنىڭ ئەۋزەللىكى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ