129. باب سورۇن ۋە سورۇنداشلارنىڭ ئەدەپلىرى توغرىسىدا
825. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « لايُقِيِمَنَّ أحَدُكُمْ رَجُلاً مِنْ مَجْلسهِ ثم يَجْلسُ فِيه ولكِنْ تَوسَعُّوا وتَفَسَّحوا » « سىلەردىن ھېچ كىم بىر ئادەمنى ئورنىدىن قوپقۇزۇۋېتىپ ئۇنىڭ ئورنىدا ئولتۇرۇۋالمىسۇن، لېكىن سۈرۈلۈپ ئورۇن بوشىتىپ بېرىڭلار » ، دېگەنىدى.
ئىبن ئۇمەر بىرەرسى ئورنىدىن تۇرۇپ ئورۇن بوشىتىپ بەرسە ئۇ ئورۇندا ئولتۇرمايتتى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) سورۇنغا ئىلگىرى كىرىپ ئولتۇرغان كىشىنى ئورۇن تالىشىپ ئورنىدىن قوپۇرۇۋېتىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى، كېيىن كىرگۈچى ئولتۇرغۇچىدىن ئىلىمدە ئارتۇق، ياش جەھەتتە چوڭ بولغان تەقدىردىمۇ بۇنىڭ توغرا ئەمەسلىكى، بۇ ھۆكۈمنىڭ ئەر-ئاياللارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى.
2) لېكىن فىقھىلەر يۇقىرىقى ھۆكۈمدىن بىرقانچە خىل ھۆكۈمنى بۇنىڭدىن مۇستەسنا قىلىپ ئايرىپ چىقاردى:
A . بىر ئادەم مەسجىدتە مەلۇم بىر ئورۇندا دەرس ئۆتۈدىغان بولۇپ، بۇ ئورۇندا باشقىلار ئولتۇرۇۋالغان بولسىمۇ، يەنىلا دەرس ئۆگەتكۈچى كىشىگە بوشىتىپ بېرىلىدۇ.
B . بىر ئادەم بازاردىن مەلۇم بىر ئورۇننى ئىگىلىگەن بولسا ئۇ ئورۇندا ئولتۇرۇۋالغۇچىلارنى قوپۇرۇۋېتىش ھوقۇقى بار.
C . بۇ بىرەر ئۆلىما ئۆزى ئارزۇ قىلماستىن، تەلەپ قىلماستىن باشقىلار ئۇنىڭغا ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئورۇن بوشىتىپ بېرىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىگە زىت كەلمەيدۇ.
D . لېكىن ئىبن ئۇمەر ئالىملارغا ئۆز ئورنىدىن قوپۇرۇۋېشتىن چەكلىگەنلىك توغرىسىدىكى ھەدىسكە خىلاپ بولۇپ قېلىشىدىن ئىھتىيات قىلىپ تەرك ئەتكەن.
E . سورۇنغا كېيىن كەلگەن كىشىگە سۈرۈلۈپ ئورۇن چىقىرىپ بېرىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.
826. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إذا قاَم أحَدُكُمْ منْ مَجْلسٍ ثُمَّ رَجَعَ إلَيْهِ فَهُوَ أحَقُّ بِه » « قاچانكى بىرىڭلار ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپ ئاندىن ئورنىغا قايتىپ كەلسە، شۇ ئورۇندا ئولتۇرۇشقا ھەقلىقتۇر » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بىر ئادەم مەسجىد ياكى بازاردىكى بىرەر ئورۇنغا باشقىلاردىن بۇرۇن كەلگەن بولسا، شۇ ئورۇنغا ئەڭ لايىقلىقى ۋە ئورۇندىن بىرەر ئۆزرىسى بولۇپ قېلىپ تۇرۇپ كەتسە، ھەققى ساقىت بولۇپ كەتمەيدىغانلىقى. ئۇ يەردە ئولتۇرۇۋالغۇچىلارنى قوپۇرىۋەتسە جائىز ئىكەنلىكى.
827. جابىر ئىبن سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، قاچانكى بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كەلسەك، توغرا كەلگەن يەردە ئولتۇراتتۇق.
― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) سورۇندا ئولتۇرۇشنىڭ ئەدەبلىرى، سورۇندىكىلەر جايلىشىپ بولۇپ ئاشقان يەردە ئولتۇرۇش، سورۇنغا كېيىن كەلگەن كىشىلەر بوش جاي تېپىپ ئولتۇرۇش، ئەگەر باشقا ئورۇن بولمىسا، سورۇنغا بىرەر ئۆزرە بىلەن كېلەلمىگەن كىشىلەرنىڭ ئورنىدا ئولتۇرۇش.
2) ئۆزى ئولتۇرۇش ئۈچۈن باشقىلارنى ئورنىدىن قوپۇرىۋەتمەسلىك.
828. ئەبۇ ئابدۇللاھ سەلمان فارىسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لاَ يَغْتَسِلُ رَجُلٌ يَوْمَ الجُمُعة وَيَتَطهّرُ ما اسْتَطاعَ منْ طُهر وَيدَّهنُ منْ دُهْنِهِ أوْ يَمسُّ مِنْ طيب بَيْته ثُمَّ يَخْرُجُ فَلاَ يُفَرِّقُ بَيْنَ اثْنينْ ثُمَّ يُصَلّي ما كُتِبَ له ُ ثُمَّ يُنْصِتُ إذَا تَكَلَّمَ الإمامُ إلا غُفِرَ لهُ ما بَيْنَهُ وَبَيَْن الجمُعَةِ الأُخْرَى » « قانداق بىر كىشى جۈمە كۈنىدە غۇسلى قىلىپ پاكلىنىپ، ئۆزىنىڭ مايلىرى بىلەن مايلىنىپ ياكى ئۆيدە بار خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ، ئاندىن مەسجىدكە كېلىپ ئىككى ئادەمنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىپ ئولتۇرماي، ئۆزىگە بەلگىلەنگەن نامازنى ئوقۇپ، ئىمام خۇتبە ئوقۇغاندا جىم ئولتۇرسا، ئۇنىڭ ئىككى جۈمە ئارىلىقىدىكى گۇناھى مەغفىرەت قىلىنىدۇ » . ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) جۈمە كۈنى غۇسلى-تاھارەت ئېلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، بەزى ئالىملار جۈمە كۈنى غۇسلى-تاھارەت ئېلىشنى زۆرۈر دەپ قارايدۇ. بۇنىڭ ئەڭ ئوبدان ۋاقتى تاڭ ئاتقاندىن باشلاپ، كۈن ئىگىلگەنگە قەدەر (جۈمە نامىزىدىن ئازراقلا ئىلگىرى) ئىكەنلىكى.
2) خۇش پۇراق نەرسىلەرنى ئىشلىتىش، توغرا كەلگەن يەردە ئولتۇرۇش، كىشىلەرنىڭ بېشىدىن ئاتلىماسلىق، ئولتۇرغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىۋەتمەسلىك.
3) خۇتبىدىن ئىلگىرى نەفلى ناماز ئوقۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، خۇتبىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشنىڭ زۆرۈرلۈكى.
4) جۈمە نامىزىنى يۇقىرىقى ئەدەبلەر بىلەن ئادا قىلىشنىڭ يەنە بىر جۈمەگىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئاللاھ تائالانىڭ ھەقلىرىگە ئالاقىدار كىچىك گۇناھلارغا كەففارەت بولىدىغانلىقى، چوڭ گۇناھلارنىڭ بولسا تەۋبىگە باغلىق ئىكەنلىكى، كىشىلەرنىڭ ھەققىگە ئالاقىدار ئىشلارنىڭ بولسا ئىگىسىنى رازى قىلىش ياكى ھەققىنى ئۇلارغا قايتۇرۇش بىلەن بولىدىغانلىقى.
829. ئەمر ئىبن شۇئەيب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ ئاتىسىدىن، ئاتىسى ئاتىسىدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لايحَلُّ لِرَجُل أن يُفَرِّقَ بَيْنَ اثْنيْنِ إلا بإذْنِهِمَا » « يېقىن ئولتۇرغان ئىككى كىشىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر ئادەمنىڭ كىرىپ ئولتۇرۇشى دۇرۇس ئەمەس » .
― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: يۇقىرىقى ھەدىسلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى غا ئوخشاش، ئىككى كىشىنىڭ ئوتتۇرىسىنى رۇخسەتسىز ئايرىۋېتىش ۋە ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرۇۋېلىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى، مەخپىي سۆزلىشىۋاتقان ئىككى ئادەمنىڭ سۆزىنى ئۇلارنىڭ رۇخسىتىسىز ئاڭلىۋېلىشنىڭمۇ ئوخشاشلا دۇرۇس ئەمەسلىكى.
830. ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەلقە بولۇپ ئولتۇرغانلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغۇچىغا لەنەت قىلدى.
― ئەبۇ دۇۋاد رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئولتۇرغۇچىلاردىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىش ۋە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرۇۋېلىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى.
2) مۇسۇلماننىڭ باشقىلارنىڭ ھېسسىياتىغا ھۆرمەت قىلىشى ۋە سورۇنلىرىغا دەخلى قىلماسلىقى ياكى خۇسۇسىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالماسلىقىنىڭ زۆرۈرلۈكى.
831. ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: « خَيْرُ الْمَجَالِسِ أوْسَعُهَا » « سورۇننىڭ ياخشىسى، ئۇنىڭ ئازادە بولغىنىدۇر » ، دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان. ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) كەڭرەك جايدا سورۇن تۈزەشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، بۇنىڭ ئولتۇرغۇچىلارغا ياخشىلىق، بەرىكەت ۋە راھەت بولىدىغانلىقى.
2) ئۆزئارا ئۆچ-ئاداۋەت، پېتىشماسلىققا ئوخشاش سورۇننىڭ كۆڭۈلسىز بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدىغان ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكى.
832. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ جَلَسَ في مَجْلس فَكثُرَ فيهِ لَغطُهُ فقال قَبْلَ أنْ يَقُومَ منْ مجلْسه ذلك: سبْحانَك اللَّهُمّ وبحَمْدكَ أشْهدُ أنْ لا إله إلا أنْت أسْتغْفِركَ وَأتَوبُ إليْك: إلا غُفِرَ لَهُ ماَ كان َ في مجلسه ذلكَ » « كىمكى بىرەر سورۇندا ئولتۇرۇپ، ئۇ سورۇندا پايدىسىز سۆزنى كۆپ قىلغان بولسا، ئۇ سورۇندىن تۇرۇپ كېتىشتىن بۇرۇن: « ئى ئاللاھ! سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، سېنى مەدھىيىلەيمەن، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن، گۇناھلىرىمنى ئەپۇ قىلىشىڭنى سورايمەن، ساڭا تەۋبە قىلىمەن » ، دېسە، ئۇنىڭ شۇ سورۇندىكى گۇناھى مەغفىرەت قىلىنىدۇ » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ھەر قانداق سورۇن ئاخىرلاشقاندا بۇ دۇئا بىلەن دۇئا قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ۋە بۇ دۇئانى ئوقۇشنىڭ سورۇندا ئۆتۈلۈپ قالغان گۇناھلارغا كەففارەت بولىدىغانلىقى.
2) ئالىملار بۇ يەردە دېيىلگەن گۇناھلارنى باشقا ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىپ ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىگە ئالاقىدار كىچىك گۇناھلارغا قارىتىلغان، دەپ قارىدى.
833. ئەبۇ بەرزە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا قاچانكى بىرەر سورۇندىن تۇرۇپ كەتمەكچى بولسا، سۆزىنىڭ ئاخىرىدا: « سُبْحَانَكَ اللَّهُمَّ وبَحَمْدكَ أشْهدُ أنْ لا إلهَ إلا أنْتَ أَسْتَغْفِرُكَ وأتُوبُ إِلَيْكَ » « ئى ئاللاھ! سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، ساڭا ھەمد ئېيتىمەن، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن، سەندىن مەغفىرەت تىلەيمەن، ساڭا تەۋبە قىلىمەن » ، دەيتتى. بىر ئادەم: « ئى رەسۇلۇللاھ! سەن ئىلگىرى دېمەيدىغان سۆزلەرنى دەۋاتىسەنغۇ؟»، دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: « ذلكَ كفَّارَةٌ لِماَ يَكُونُ في الْمجْلِسِ » « بۇ سۆز سورۇندا ئۆتۈلگەن گۇناھلارغا كەففارەت بولىدۇ » ، دېدى. ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سورۇندا بىرەر خاتالىق سادىر قىلىپ قويغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۈممەتلىرىگە تەلىم بېرىش ۋە كۆپ ساۋابقا ئېرىشىش يۈزىسىدىن بۇ دۇئا بىلەن دۇئا قىلىدىغانلىقى.
834. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھنىڭ بىرەر سورۇندىن بۇ دۇئانى ئوقۇماي تۇرۇپ قالىدىغان ۋاقتى ئاز ئىدى: « الَّلهمَّ اقْسِم لَنَا مِنْ خَشْيَتِكَ ما تحُولُ بِه بَيْنَنَا وبَينَ مَعٌصَِيتِك، ومن طَاعَتِكَ ماتُبَلِّغُنَا بِه جَنَّتَكَ، ومِنَ اْليَقيٍن ماتُهِوِّنُ بِه عَلَيْنا مَصَائِبَ الدُّنيَا. الَّلهُمَّ مَتِّعْنا بأسْمَاعِناَ، وأبْصَارناَ، وِقُوّتِنا ما أحييْتَنَا، واجْعَلْهُ الوَارِثَ منَّا، وِاجعَل ثَأرَنَا عَلى مَنْ ظَلَمَنَا، وانْصُرْنا عَلى مَنْ عادَانَا، وَلا تَجْعلْ مُِصيَبتَنا في دينَنا، وَلا تَجْعلِ الدُّنْيَا أكبَرَ همِّنا ولا مبلغ عِلْمٍنَا، وَلا تُسَلِّط عَلَيَنَا مَنْ لا يْرْحَمُناَ » « ئى ئاللاھ! بىزگە بىزنى سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھكار بولۇشتىن توسىدىغان قورقۇنچ ئاتا قىلغىن، بىزنى جەننىتىڭگە ئېرىشتۈرىدىغان تائەت-ئىبادىتىڭگە مۇيەسسەر قىلغىن، بىزگە دۇنيانىڭ بالايىئاپەتلىرىنى مەنسىتمەيدىغان ئىشەنچ ئاتا قىلغىن. مادامىكى جېنىمىزنى ئېسەن قىلىدىكەنسەن، بىزنى قۇلاقلىرىمىزدىن، كۆزلىرىمىزدىن ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىمىزدىن بەھرىمەن قىلغىن. ئۆمرىمىز بويى بىزنى شۇ ئىشەنچتىن ئايرىمىغىن. بىزگە زۇلۇم قىلغانلاردىن ئۆچىمىزنى ئالىدىغان قىلغىن، دۈشمەنلىرىمىزگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن، بېشىمىزغا كېلىدىغان پېشكەللىكنى دىنى جەھەتتە كەلتۈرمىگىن. دۇنيانى ئەڭ چوڭ غېمىمىز ۋە بىلىمىمىزنىڭ چېكى قىلمىغىن، بىزگە رەھىم قىلمايدىغان ئادەمنى بىزگە مۇسەللەت قىلمىغىن » .
― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) سورۇندىن تۇرغان ۋاقىتتا دۇنيا-ئاخىرەتلىك مەنپەئەت ئۈچۈن دۇئا قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، چۈنكى دۇئا ئىبادەتنىڭ يىلىكى، ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالاغا قۇلچىلىق قىلىشى ئۇنىڭغا ھەر دائىم پەرزلىق خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكى.
2) ئاللاھ تائالا رازى بولىدىغان ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن ئۆمۈر بويى سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ ساغلام بولۇشىغا ھېرىسمەن بولۇش، ئاللاھ تائالادىن زالىم دۈشمەنلەر ئۈستىدىن نۇسرەت ئاتا قىلىشنى تىلەش.
3) دىندىكى پېشكەللىكنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك بەختسىزلىككە سەۋەب بولىدىغان ئەڭ چوڭ پېشكەللىك ئىكەنلىكى.
835. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَا مِنْ قَوْمٍ يَقومونَ منْ مَجْلسٍ لا يَذكُرُون الله تعالى فيه إلا قَاموا عَنْ مِثلِ جيفَةِ حِمَارٍ وكانَ لَهُمْ حَسْرَةً » « قانداقلا بىر قەۋم بىرەر سورۇندىن ئاللاھ تائالانى ياد ئەتمەي تۇرۇپ كەتسە، خۇددى ئېشەكنىڭ ئۆلۈكىنىڭ ئۈستىدىن تۇرۇپ كەتكەندەك بولىدۇ، ئۇ سورۇن ئۇلار ئۈچۈن ھەسرەت بولىدۇ » . ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ھەدىستىكى ئادەمنىڭ تېنى شۈركۈنگۈدەك تەسۋىر ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ زىكرىدىن غەپلەتتە قېلىشتەك يامان قىلمىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش، چۈنكى ئاللاھ تائالادىن غاپىل بولۇش قەلب كېسەللىكلىرىنىڭ ئەڭ چوڭى ھېسابلىنىدىغانلىقى، گۇناھلارنىڭ تولىسى غاپىللىقتىن بولىدىغانلىقى.
836. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَا جَلَسَ قَومٌ مَجْلِساً لم يَذْكرُوا الله تَعَالَى فيه ولَم يُصَُّلوا على نَبِيِّهم فيه إلاَّ كانَ عَلَيّهمْ تِرةٌ، فإِنْ شاءَ عَذَّبَهُم، وإنْ شَاءَ غَفَرَ لَهُم » « قانداق بىر قەۋم بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ ئۇ سورۇندا ئاللاھ تائالانى ياد ئەتمىسە، ماڭا دۇرۇد ئېيتمىسا، ئۇ سورۇن ئۇلار ئۈچۈن ۋابال بولىدۇ. ئاللاھ تائالا خالىسا ئۇلارنى ئازابلايدۇ، خالىسا مەغفىرەت قىلىدۇ » .
― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ھەر قانداق سورۇندا ئاللاھ تائالانى ئەسلەشنىڭ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ئېيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى، بۇنى تەرك ئەتكەنلەر بولسا ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقى، بىر قىسىم ئالىملار ئاللاھ تائالانى ئەسلىمەسلىك ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ئېيتماسلىقنى مەكرۇھ سانىغان. بۇ ھەدىسنىڭ زاھىرى بولسا، ئۇنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىپادىلەيدۇ.
837. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ قعَدَ مَقْعَداً لم يَذْكُرِ الله تعالى فِيهِ كَانَت عليه مِنَ الله ترَة، وَمَن اضطجَعَ مُضْطَجَعاً لايَذْكرُ الله تعالى فيه كَاَنتْ عَليْه مِنَ الله تِرَةٌ » « كىمكى ئولتۇرغان بىرەر سورۇندا ئاللاھ تائالانى ياد ئەتمىسە، ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالادىن ۋاباللىق يېتىپ قالىدۇ، كىمكى بىرەر يەردە يېتىپ ئۇ يەردە ئاللاھ تائالانى ياد ئەتمىسە، ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالادىن ۋاباللىق يېتىپ قالىدۇ » . ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا ئوخشاش، مۇسۇلمان ھەر دائىم ئاللاھ تائالاغا باغلىنىپ تۇرۇشى ئۈچۈن، ھەر قانداق ئورۇن ۋە سورۇندا (ھەتتا ياتقاندىمۇ) ئاللاھ تائالانى ئەسلەشنىڭ زۆرۈرلۈكى.