رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

130. باب چۈش ۋە چۈشكە ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَمِنْ آيَاتِهِ مَنَامُكُم بِاللَّيْلِ وَالنَّهَارِ﴾ وَابْتِغَاۋُكُمْ مِنْ فَگْلِھِ سىلەرنىڭ كېچىسى ۋە كۈندۈزى ئۇخلىشىڭلار، (كۈندۈزى) ئاللاھ تائالانىڭ مەرھەمىتىدىن (رىزىق) تەلەپ قىلىپ (ھەرىكەتلىنىشىڭلار)، ئاللاھ تائالانىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە روم 23- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

838. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم، دەيدۇ: « لم يَبْقَ مِنَ النُبُوَّة إلا المبُشِّراتُ » « پەيغەمبەرلىكتىن پەقەت بېشارەتلا قالدى » . ساھابىلەر: « ئى رەسۇلۇللاھ! بېشارەت دېگەن نېمە؟»، دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « الُّرؤْيَا الصَّالِحةُ » « ياخشى چۈش » ، دېدى. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) چۈشنىڭ ھەق ئىكەنلىكى، ئاللاھ تائالانىڭ مۇئمىنلەرگە چۈش ئارقىلىق كەلگۈسىدىكى ياخشى-يامان ئىشلاردىن بېشارەت بېرىدىغانلىقى.

2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ھېچقانداق ئادەمگە ۋەھىينىڭ نازىل بولمايدىغانلىقى.

839. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إذَا اقتَربَ الزَّمَانُ لَمْ تَكَدْ رُؤْيَا الُمؤْمن تَكذبُ، وَرُؤْيَا المُؤْمِنِ جُزْءٌ منْ ستَّةٍ وَأرْبَعيَنَ جُزْءًا مِنَ النُبُوةِ » « زامان ئاخىر يېقىنلاشقاندا مۇئمىننىڭ كۆرگەن چۈشى ئاسانلىقچە يالغان چىقمايدۇ. مۇئمىننىڭ چۈشى پەيغەمبەرلىكنىڭ 46 ھەسسىسىدىن بىر ھەسسىدۇر » .

يەنە بىر رىۋايەتتە: « أصْدَقُكُم رُؤْيَا: أصْدُقكُم حَديثاً » « ئاراڭلاردىكى چۈشى راست چىقىدىغانلار سىلەرنىڭ راست سۆزلەيدىغانلىرىڭلاردۇر » ، دېيىلگەن.

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) زامان پىتنە-پاسات بىلەن تولغاندا، ئاللاھ تائالانىڭ مۇئمىنگە بەزى ھەقىقەتلەرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق تەسەللى بېرىپ، كۆڭلىنى تەسكىن تاپقۇزىدىغانلىقى.

2) چۈش كۆرگۈچى راستچىل بولسا، ئۇنىڭ كۆرگەن چۈشىنىڭمۇ راستلىق دەرىجىسى ئاشىدىغانلىقى. مۇھەللەب شۇنداق ئېيتىدۇ: «پەيغەمبەرلەرنىڭ چۈشى ھەق، مۇئمىنلەرنىڭ قەلبىگە شەيتان ئورۇن تۇتالمىغاچقا، ئۇلارنىڭ چۈشى تولا ھاللاردا راست چىقىدۇ. پاسىقلارنىڭ دىللىرىنى شەيتان ئىگىلىۋالغاچقا، ئۇلارنىڭ چۈشلىرى يالغان چىقىدۇ».

840. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ رآني في المنَامِ فَسَيَرَانيِ في الَيَقَظَةِ أوْ كأنَّمَا رآني في اليَقَظَةِ لايَتَمثَّلُ الشَّيْطانُ بي » « مېنى چۈشىدە كۆرگەن ئادەم ئوڭىدا كۆرىدۇ ياكى مېنى گويا ئوڭىدا كۆرگەندەك بولىدۇ، شەيتان مېنىڭ شەكلىمگە كىرەلمەيدۇ » .

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) چۈشىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۆرگەن كىشى قىيامەت كۈنى ئۇنى كۆرىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ چۈش كۆرگۈچىگە خۇش بېشارەت ئىكەنلىكى ياكى چۈشىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۆرگەن كىشىنىڭ خۇددى ئويغاق ھالىتىدە ئۇنى كۆرگەندەك بولىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ چۈش كۆرگۈچىنىڭ ئەزىز ئىكەنلىكىدىن بېشارەت ئىكەنلىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇھەببىتى بار ۋە ئۇنىڭ سۈننەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلىدىغان كىشىلەرنىڭلا چۈشىدە ئايان بولىدىغانلىقى.

2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى چۈشەش، ھەرگىزمۇ مەنىسى يوق قالايمىقان چۈشلەر جۈملىسىدىن ئەمەس ئىكەنلىكى، چۈنكى شەيتاننىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شەكلىگە كىرەلمەيدىغانلىقى، سەھىھ ھەدىسلەرگە ئاساسلانغاندا شەيتاننىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شەكلىگە كىرەلمەيدىغانلىقى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

841. ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « إذا رَأى أَحدُكُم رُؤْيَا يُحبُّهَا فَإنَّما هي من الله تعالى فَليَحْمَدِ الله عَلَيهَا وَلْيُحُدِّثْ بِها » « قاچانكى بىرەرسىڭلار ياخشى چۈش كۆرسە، شەكسىز ئۇ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بولغان بولىدۇ. ئۇ كىشى ئاللاھ تائالاغا ھەمد ئېيتسۇن ھەمدە بىرەرسىگە سۆزلىمەكچى بولسا سۆزلىسۇن » .

يەنە بىر رىۋايەتتە: « فَلا يُحَدِّثْ بَها إلا مَنْ يُحِبُّ وَإذا رأى غَيَر ذَلك مما يَكرَهُ فإنَّمـا هي منَ الشَّيْطانِ فَليَسْتَعِذْ منْ شَرِّهَا وَلا يَذكْرها لأحد فإنها لا تضُُّره » « ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىگە سۆزلىسۇن، قاچانكى يامان چۈش كۆرسە، شەكسىزكى، ئۇ شەيتان تەرىپىدىن بولغان بولىدۇ. ئۇنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلىسۇن، ھېچ كىشىگە ئۇنى سۆزلىمىسۇن، شۇنىڭ بىلەن، ئۇ چۈش ئۇ ئادەمگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ » ، دېيىلگەن. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) كىمكى ياخشى چۈش كۆرسە، ئۇنى ئاللاھ تائالادىن كۆرسۇن ۋە بۇ ياخشى چۈشىگە بىنائەن ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتسۇن. ياخشى چۈشنى باشقىلارغا سۆزلەپ بېرىشنىڭ زىيىنى يوق، چۈنكى ياخشى چۈش كىشىگە ئۈمىد بېغىشلايدۇ. ئۈمىدۋار بولۇش توغرا ئىش.

2) كىمكى يامان چۈش كۆرسە، ئۇنى شەيتاندىن كۆرسۇن، يامان چۈش كۆپىنچە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن بولىدۇ. يامان چۈشنى باشقىلارغا سۆزلەپ بەرمىسۇن، چۈنكى يامان چۈش كىشىدە ئۈمىدسىزلىكنى پەيدا قىلىدۇ. ئۈمىدسىزلىك ياخشى ئەمەس. ئۇ كىشى ئاللاھ تائالاغا تايانسۇن ۋە پاناھ تىلىسۇن. بۇ چاغدا يامان چۈش ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.

842. ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « الرّؤيا الصَّالَحِةُ وفي رواية الرُّؤيَا الحَسَنَةُ منَ الله، والحُلُم مِنَ الشَّيْطَان، فَمَن رَأى شَيْئاً يَكرَهُهُ فَلْيَنْفُثْ عَن شِمَاله ثَلاَثاً، ولْيَتَعَوَّذْ مِنَ الشَْيْطان فَإنَّها لا تَضُرُّهُ » « توغرا چۈش (يەنە بىر رىۋايەتتە ياخشى چۈش) ئاللاھ تائالا تەرىپىدىندۇر. يامان چۈش شەيتاندىندۇر. كىمكى يامان چۈش كۆرسە، سول تەرىپىگە ئۈچ قېتىم سۈف دەۋەتسۇن، شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلىسۇن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ چۈش زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ » .

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: يامان چۈش كۆرگەن ۋاقىتتا سول تەرىپىگە ئۈچ قېتىم سۈف دېيىشنىڭ ۋە شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى. بۇنداق قىلىشنىڭ شەيتاننى قوغلىغانلىق ۋە ئۇنىڭغا ھاقارەت قىلغانلىق بولىدىغانلىقى، يامان چۈشكە پەرۋا قىلماسلىق، يامان چۈشنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئىزنىسىز زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقى.

843. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إذَا رَأى أحَدُكُم الرُّؤيا يَكْرَهُها فلْيبصُقْ عَن يَسَارِهِ ثَلاَثاً، وْليَسْتَعِذْ بالله مِنَ الشَّيَطانِ ثَلاثاَ، وليَتَحوَّل عَنْ جَنْبِهِ الذي كان عليه » « قاچانكى سىلەردىن بىرەرسى يامان چۈش كۆرۈپ قالسا، سول تەرىپىگە ئۈچ قېتىم تۈكۈرسۇن، ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ شەيتاننىڭ يامانلىق قىلىشىدىن ئۈچ قېتىم پاناھلىق تىلىسۇن، بېسىپ ياتقان تەرىپىدىن يەنە بىر تەرىپىگە ئۆرۈلۈۋالسۇن » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: يامان چۈشنىڭ ياخشى چۈشكە ئۆزگىرىشى ئۈچۈن يامان چۈش كۆرگەندە بېسىپ ياتقان تەرىپىدىن ئۆرىلىش، سول تەرىپىگە تۈكۈرۈشكە ۋە «سۈف»، دېۋىتىشكە بۇيرۇش شەيتاننىڭ يۆنىلىشىنى بىلدۈرۈپ قويۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى.

844. ئەبۇ ئەسقەئى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إنَّ من أعظَم الفَرى أن يَدَّعِي الرَّجُلُ إلى غَيْرِ أبِيه، أوْ يُري عَيْنهُ مَالم تَرَ، أوْ يقولَ على رسول الله صَلّى اللهُ عَلَيْهِ وسَلَّم مَا لَمْ يَقُلْ » « ئەڭ چوڭ يالغانچىلىق بىر كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ دادىسىنى قويۇپ باشقا بىرىنى دادام دەپ دەۋا قىلىشى ياكى كۆزى كۆرمىگەننى كۆردۈم دېيىشى (يالغان چۈش بايان قىلىشى) ياكى رەسۇلۇللاھ دېمىگەن سۆزنى رەسۇلۇللاھ دېگەن، دەپ رىۋايەت قىلىشىدۇر » . ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئۆز دادىسىدىن باشقا ئادەمنى دادام دەپ دەۋا قىلىشنىڭ چوڭ گۇناھقا كىرىدىغانلىقى، چۈنكى بۇنداق قىلىشنىڭ نەسەپلەرنى يوققا چىقارغانلىق ۋە ئەسلىدە يوق ئىشلارنى نەسەپكە ئارىلاشتۇرۇپ قويغانلىق بولىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ شەرىئەتتىكى كۆپلىگەن چەكلەنگەن ئىشلارغا سەۋەبچى بولۇپ قالىدىغانلىقى.

2) چۈش توغرۇلۇق يالغان سۆزلەشنىڭمۇ چوڭ گۇناھ ئىكەنلىكى. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە چۈشىدە كۆرسەتمىگەن نەرسىنى «مەن چۈشۈمدە كۆردۈم»، دېيىشنىڭ ئاللاھ تائالا توغرىلىق يالغان ئېيتقانلىق بولىدىغانلىقى. بۇنىڭ ئويغاق ھالەتتە يالغان سۆزلەشكە ئوخشىمايدىغانلىقى، ئويغاق ھالەتتە يالغان ئېيتىش بەندىگە يالغان ئېيتقانلىق بولۇپ، بۇنىڭ ھارام ئىكەنلىكى، لېكىن بۇنىڭ ئاللاھ تائالا توغرىلىق يالغان ئېيتىشتىن (گۇناھ جەھەتتىن) يەڭگىل تۇرىدىغانلىقى.

3) «چۈشۈمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۆردۈم»، دەپ يالغان ئېيتىشنىڭمۇ چوڭ گۇناھ ھېسابلىنىدىغانلىقى ۋە بۇ يالغاننىڭ كىشىلەرنى دىندا قايمۇقتۇرۇشقا سەۋەب بولىدىغانلىقى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ