131. باب سالام قىلىشنىڭ پەزىلىتى ۋە سالامنى ئومۇملاشتۇرۇشقا بۇيرۇش توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَدْخُلُوا بُيُوتًا غَيْرَ بُيُوتِكُمْ حَتَّى تَسْتَأْنِسُوا وَتُسَلِّمُوا عَلَى أَهْلِهَا﴾ ئى مۇئمىنلەر! باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە (كىرىشكە) ئىجازەت سورىمىغۇچە ۋە ئۆي ئىگىسىگە سالام بەرمىگۈچە كىرمەڭلار . («قۇرئان كەرىم» سۈرە نۇر 27- ئايەت)
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿فَإِذَا دَخَلْتُم بُيُوتًا فَسَلِّمُوا عَلَى أَنفُسِكُمْ تَحِيَّةً مِّنْ عِندِ اللَّهِ مُبَارَكَةً طَيِّبَةً﴾ سىلەر ئۆيلەرگە كىرگەن چېغىڭلاردا ئۆزۈڭلارغا (يەنى ئۆيدىكى كىشىلەرگە) ئاللاھ تائالا بەلگىلىگەن مۇبارەك، پاك سالامنى بېرىڭلار (يەنى، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەڭلار) . («قۇرئان كەرىم»سۈرە نۇر 61- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿وَإِذَا حُيِّيْتُم بِتَحِيَّةٍ فَحَيُّواْ بِأَحْسَنَ مِنْهَا أَوْ رُدُّوهَا﴾ سىلەرگە بىر كىشى سالام بەرسە، ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشى سالام بىلەن جاۋاب قايتۇرۇڭلار، (يەنى بىر كىشى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ سالام بەرسە، ئۇنىڭغا ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ دەڭلار) ياكى ئۇنىڭ سالىمىنى ئەينەن قايتۇرۇڭلار (يەنى ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام دەڭلار) . («قۇرئان كەرىم» سۈرە نىسا 86- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿هَلْ أَتَاكَ حَدِيثُ ضَيْفِ إِبْرَاهِيمَ الْمُكْرَمِينَ﴾ (ئى مۇھەممەد!) ساڭا ئىبراھىمنىڭ ھۆرمەتلىك مېھمانلىرىنىڭ خەۋىرى يەتتىمۇ؟ («قۇرئان كەرىم» سۈرە زارىيات 24- ئايەت)
845. ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر ئىبن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: «ئىسلامدىكى ياخشى خىسلەتلەر قايسى؟»، دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: « تُطْعم الطَّعَامَ ، وَتَقْرأُ السَّلام عَلَىَ مَنْ عَرِفْتَ وَمَنْ لَمْ تَعْرِفْ » «كىشىلەرگە تائام بېرىشىڭ، تونۇغان ۋە تونۇمىغان كىشىلەرگە سالام بېرىشىڭ»، دەپ جاۋاب بەردى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پېقىر-مىسكىنلەرگە تاماق بېرىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، چۈنكى بۇنداق قىلىشنىڭ دىللارنى بىرلەشتۈرۈپ، مۇھەببەتنى زىيادە قىلىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ سېخىلىقنىڭ دەلىلى ئىكەنلىكى.
2) تونۇيدىغان ۋە تونۇمايدىغان كىشىلەرگە سالام قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، يالغۇز بىر ئادەمنىڭ سالام بېرىشىگە توغرا كەلگەندە، سالام بېرىشنىڭ سۈننىتى مۇئەككىدە بولىدىغانلىقى. جامائەتنىڭ سالام بېرىشىگە توغرا كەلگەندە، ئارىدىن بىر ئادەم سالام بەرسە، قالغانلارغا كۇپايە بولىدىغانلىقى، يالغۇز ئادەم سالام قايتۇرۇشقا توغرا كەلگەندە سالام قايتۇرۇشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى، ئالدى بىلەن سالام بېرىشنىڭ سالامنى قايتۇرغانغا قارىغاندا ئەۋزەل، سالام قىلىش بىلەن پېقىر-مىسكىنلەرگە تاماق بېرىش مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئۆزئارا مۇھەببەتكە سەۋەب بولىدىغان ئىشلاردىن بولغانلىقتىن بۇ ئىككىسىنىڭ بىر ئورۇندا تىلغا ئېلىنغانلىقى.
3) «ئەتىگەنلىكىڭىز خەيرلىك بولسۇن، مەرھابا، ياخشىمۇسىز، قانداق ئەھۋالىڭىز» دېگەندەك سۆزلەرنىڭ «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دېگەن سالامنىڭ ئورنىنى باسالمايدىغانلىقى.
846. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لما خَلَقَ الله آدم صَلّى اللهُ عَلَيْهِ وسَلَّم قال: اذْهَبْ فَسَلِّمْ عَلَى أُولئِكَ نَفَرٍ مِنَ الَمَلاَئكة جُلُوسٌ فاسْتمعْ ايُحَيُّونَكَ فَإنَّها تَحيَّتُكَ وَتَحِيَّةُ ذُرِّيَّتِك. فقال: السَّلام عَلَيْكُمْ، فقالوا: السَّلام ُ عَلَيْكَ وَرَحْمةُ الله، فَزادُوهُ: وَرَحْمةُ الله » « ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ياراتقان چاغدا ئادەم ئەلەيھىسسالامغا: ‹ئاۋۇ ئولتۇرغان پەرىشتىلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ سالام بەرگىن، ئاندىن ئۇلارنىڭ ساڭا قايتۇرغان سالامىغا قۇلاق سالغىن، بۇ سېنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىڭنىڭ سالىمى بولۇپ قالىدۇ›، دېدى. ئادەم ئەلەيھىسسالام: ‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم›، دەپ سالام بەردى. پەرىشتىلەر: ‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ›، دەپ ‹رەھمەتۇللاھ›نى قوشۇپ قويدى » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم»، دېگەن سۆز بىلەن سالام قىلىشنى ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ياراتقان ۋاقىتتىن باشلاپلا بەندىلەرگە قىلىشقا تېگىشلىك ئىش قىلىپ بېكىتكەنلىكى، سالامنى ئۆز پېتى ئەمەس، قوشۇپ قايتۇرۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.
847. بەرا ئىبن ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى يەتتە ئىشقا بۇيرۇدى: « بِعَيادَةِ الَمرِيضِ. وَاتِّباع الجَنائز، وَتشْميت العَاطس، ونصرِ الضَّعِيف، وَعَوْن المظلوم، وإفْشاءِ السَّلام، وإبرارِ المقسم » «بىرىنچى، كېسەل يوقلاشقا؛ ئىككىنچى، جىنازىغا ئەگىشىپ قەبرىستانلىققا بېرىشقا؛ ئۈچىنچى، كىشى « اَلْحَمْدُ ِللهِ » (ھەمدۇسانا ئاللاھ ئۈچۈندۇر) دېسە، ئاڭلىغۇچى « يَرْحَمُكَ اللهُ » (ئاللاھ ساڭا رەھىم قىلسۇن) دېيىشكە؛ تۆتىنچى، ئاجىزلارغا يار-يۆلەك بولۇشقا؛ بەشىنچى، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىشكە؛ ئالتىنچى، سالامنى ئۇمۇملاشتۇرۇشقا؛ يەتتىنچى، قەسەم قىلغۇچىنىڭ قەسىمىنى ئورۇنلىشىغا ياردەم بېرىشكە (گۇناھ ئىشلارنى قىلىشقا قەسەم ئىچمىگەنلا بولسا)». ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) بۇ خىل ئىسلامى ئەدەپ-ئەخلاقنى تەرغىب قىلىش. 2) بۇ خىل ئىسلامى ئەدەب-ئەخلاقلارنىڭ مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق رىشتىسىنى كۈچەيتىدىغانلىقى، دىللارنى بىرلەشتۈرۈپ، مېھىر-مۇھەببەتكە ئېرىشتۈرىدىغانلىقى ۋە تىنچلىق-خاتىرجەملىك تارقىتىدىغانلىقى.
848. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا تَدْخُلُوا الجَنَّةَ حَتَّى تُؤْمِنُوا وَلا تُؤمِنوا حَتى تحَابُّوا، أَوَلا أدُلُّكُمْ عَلَى شَئٍ إذا فَعَلْتُمُوهُ تَحاَبَبْتُم؟ أفْشُوا السَّلام بَيْنَكُم » « سىلەر مۇئمىن بولمىغۇچە جەننەتكە كىرەلمەيسىلەر، بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرمىگۈچىلىك مۇئمىن بولالمايسىلەر، سىلەرنى ئۇنى قىلساڭلار بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئىشقا دالالەت قىلايمۇ؟ سىلەر ئاراڭلاردا سالامنى ئومۇملاشتۇرۇڭلار » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: جەننەتكە كىرىشنىڭ پەقەت كامالى ئىمان بىلەن بولىدىغانلىقى، ئىماننىڭ پەقەت مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت بىلەن كامال تاپىدىغانلىقى، مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتنىڭ سالامنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدىغانلىقى.
849. ئەبۇ يۈسۈف ئابدۇللاھ ئىبن سالام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « يَا أيُّهَا النّاسُ أفْشُوا السَّلام، وَأْطعِمُوا الطْعَامَ، وَصِلُوا الأْرحامَ، وَصَلُّوا والنَّاس نيامٌ، تَدْخُلوا الجَنَّة بسلام » « ئى ئىنسانلار! سالامنى ئومۇملاشتۇرۇڭلار، كىشىلەرگە ئاش-نان بېرىڭلار، سىلە-رەھىم قىلىڭلار، كىشىلەر ئۇخلاۋاتقاندا سىلەر ناماز ئوقۇڭلار، شۇنداق قىلساڭلار جەننەتكە ئامان-ئېسەن كىرەلەيسىلەر » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بۇ خىسلەتلەرنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ جەننەتكە كىرىشكە ئېلىپ بارىدىغانلىقى.
850. تۇفەيل ئىبن ئۇبەي ئىبن كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ ئابدۇللاھ ئىبن ئۇمەرنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن ئەتىگەندە بازارغا باراتتى. تۇفەيل مۇنداق دەيدۇ: « بىز بازارغا كەلگەندە ئابدۇللاھ مەيلى كونا ماللارنى ساتقۇچى، مەيلى كەسپى سودىگەر، مەيلى مىسكىن، مەيلى باشقا كىشى بولسۇن، ھەممە ئادەمگە سالام بېرەتتى. بىر كۈنى ئابدۇللاھنىڭ يېنىغا باردىم. ئۇ مەن بىلەن بازارغا ماڭدى. مەن ئۇنىڭغا: « بازاردا نېمە قىلىسەن؟ يا بىرەر سودا قىلمايسەن، يا مال باھاسىنى سورىمايسەن، يا مالغا خېرىدار بولمايسەن، يا بازاردىكى بىرەر سورۇندا ئولتۇرمايسەن، بۇ جايدا ئولتۇرۇپ پاراڭلىشايلى » ، دېدىم. ئۇ: « ھەي يوغان قورساق (تۇفەيل قورساقلىق ئادەم ئىدى.)، شۈبھىسىزكى، بىز بازارغا ئۇچرىغانلىكى كىشى بىلەن سالاملىشىۋېلىش ئۈچۈن بارىمىز » ، دېدى.
― ئىمام مالىك رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئەگەر يولدا بىرەر گۇناھ سادىر قىلىپ قويۇشتىن ئەمىن بولالىسا كىشىلەرگە سالام بېرىش ئۈچۈن ― ھېچقانداق ئېھتىياجى بولمىسىمۇ ― سورۇنلارغا بېرىشنىڭ جائىز ئىكەنلىكى، ئەگەر بىرەر گۇناھ سادىر قىلىپ قويۇشتىن قورقسا، ئۆيدە ئولتۇرغىنى ئەۋزەل بولىدىغانلىقى.
2) ئۇچراشقان كىشىلەر كۆپ بولسىمۇ ھەممىسىگە سالام قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.
3) دوستى رازى بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇنىڭدىكى بەزىبىر ئىشلارنى مەسخىرە قىلىپ كەمسىتىش بىلەن ئەمەس، بەلكى چاقچاق قىلىش مەنىسىدە ئېيتىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى.