132. باب سالام بېرىش رەۋىشى توغرىسىدا
سالام بېرىدىغان كىشى بىر بولسىمۇ، سالام بەرگۈچىنىڭ كۆپلۈك ئىبارىسىنى قوللىنىپ: « ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ » ، دېيىشى ۋە سالام قايتۇرغۇچىنىڭمۇ: « ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ » ، دەپ جاۋاب قايتۇرۇشى ياخشىدۇر.
851. ئىمران ئىبن ھۇسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىپ: « ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم » ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا سالام قايتۇردى. ئاندىن ئۇ ئادەم ئولتۇردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « عَشْرٌ » « ئون ساۋاب » ، دېدى. يەنە بىر كىشى كېلىپ: « ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى » ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇردى. ئاندىن ئۇ ئادەم ئولتۇردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « عِشْرون » « يىگىرمە ساۋاب » ، دېدى. ئاندىن يەنە بىر ئادەم كېلىپ: « ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ » ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سالام قايتۇردى، ئاندىن ئۇ ئادەم ئولتۇردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « ثَلاَثُونَ » « ئوتتۇز ساۋاب » ، دېدى.
― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ساۋابنىڭ سالامنىڭ كۆپ بولۇشى بىلەن ئېشىپ بارىدىغانلىقى، «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم»، دېسە، بىردىن ئون ھەسسىگىچە ساۋاب بولىدىغانلىقى، «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى»، دېسە، ئىككىدىن يىگىرمە ھەسسىگىچە ساۋاب بولىدىغانلىقى، «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ»، دېسە، ئۈچتىن ئوتتۇز ھەسسىگىچە ساۋاب بولىدىغانلىقى.
852. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: « هذا جِبرِيلُ يَقرَأُ عَلَيْكِ السَّلَامَ » « جىبرىئىل ساڭا سالام ئېيتتى » ، دېۋىدى، مەن: « ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ » ، دېدىم.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىش، پەرىشتىلەرنىڭ ئىنسانلارغا سالام بېرىدىغانلىقى، يىراقتىكى ئادەمگە سالام ئېيتىپ قويۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ۋە بۇ خىل سالامنى قايتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى.
853. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىرەر سۆز قىلسا، چۈشىنىشلىك بولسۇن ئۈچۈن سۆزىنى ئۈچ قېتىم تەكرارلايتتى. كىشىلەرنىڭ قېشىغا كېلىپ سالام بەرسە، سالامنى ئۈچ قېتىم تەكرارلايتتى.
― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىغا تولىمۇ مېھرىبان ئىكەنلىكى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چىرايلىق سۆز قىلىدىغانلىقى.
2) گەرچە كۆپچىلىكنىڭ بىر قىسمى ئاڭلىسا سالامدىن ئىبارەت بۇ سۈننەت ئادا بولسىمۇ، كۆپچىلىك بىرىنچى قېتىملىق سالامنى ئاڭلىيالمايدىغان دەرىجىدە كۆپ بولسا، قايتىلاپ سالام قىلىشنىڭ جائىز ئىكەنلىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنىڭ كۆڭلىگە سالامدىن ئىبارەت بۇ سۈننەتنى قايتىدىن سېلىپ قويۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدىغانلىقى.
854. مىقداد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ ئۇزۇن ھەدىسىدە مۇنداق دېگەن: « بىز سۈت ساغقاندا رەسۇلۇللاھنىڭ نېسىۋىسىنى ئېلىپ قوياتتۇق، رەسۇلۇللاھ كېچىلىرى كېلىپ ئۇخلاپ قالغانلار ئويغانمىغۇدەك، ئويغاقلار ئاڭلىغۇدەك ئاۋاز بىلەن سالام قىلاتتى. بۈگۈنمۇ رەسۇلۇللاھ كېلىپ ئىلگىرىكىدەكلا سالام بەردى » .
― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئۇخلاۋاتقان كىشىلەرگە سالام قىلىشنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكى، لېكىن ئاۋازىنى ئۇخلاۋاتقانلارنى ئويغاتقۇدەك دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرمەسلىكى، شۇنداقلا ئويغاقلار ئاڭلىيالمىغۇدەك دەرىجىدە تۆۋەنمۇ قىلماسلىقنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكى.
855. ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسجىدكە كېتىۋېتىپ، ئولتۇرغان ئاياللارغا قولى بىلەن ئىشارەت قىلىپ سالام بەردى (بۇ ئىشارەت چوقۇم ئاغزاكى سالام بىلەن بىللە بولغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، ئەبۇ داۋۇدتىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە ئېشارەت بىلەن ئاغزاكى سالام بېرىلگەنلىكى ئېيتىلغان). ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) يىراق جايدىكى كىشىلەرگە سالام قىلغان ۋاقىتتا سالام سۆزىنى دېيىش بىلەن بىللە قولى بىلەن ئىشارەت قىلىشنىڭ جائىز ئىكەنلىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشارەت بىلەنلا سالام قىلىشتىن نەھيى قىلغانلىق ھەدىسىگە بىنائەن سالامدا ئىشارەت بىلەنلا چەكلىنىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى ۋە ئىشارەت بىلەنلا سالام قىلىشنىڭ غەيرىيي مۇسۇلمانلارنىڭ ئادىتىدىن ئىكەنلىكى.
2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پىتنىدىن ساقلىنالايدىغانلىقى ئۈچۈن ئاياللارغا سالام قىلغانلىقى، باشقا كىشىلەرنىڭ پىتنىدىن ساقلىنالىسا، ئۆزىگە ئىشەنچ قىلالىسا ئاياللارغا سالام قىلسا بولىدىغانلىقى، ئەگەر ئۇنداق قىلالمىسا، سالام قىلماي سۈكۈت قىلىشنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكى.
856. ئەبۇ جۇرەييە ھۇجەيمىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىپ: « ئەلەيكەسسالام ئى رەسۇلۇللاھ » ، دېسەم، رەسۇلۇللاھ: « لاتَقُلْ عَلَيْكَ السَّلامُ، فإن عَلَيْكَ السّلامُ تَحيَّةُ الموتى » « ئەلەيكەسسالام دېمە، ئەلەيكەسسالام دېگەن ئۆلۈكلەرگە قىلىنىدىغان سالام » ، دېدى.
― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.