رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

133. باب سالاملىشىشنىڭ ئەدەپ-قائىدىلىرى توغرىسىدا

857. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « يُسَلِّمُ الرَّاكبُ عَلَى الْمَاشِي، وَالْماشي عَلَي القَاعِدِ، والقليلُ على الكَثِيِرِ » « ئۇلاغلىق ئادەم پىيادە ماڭغۇچى ئادەمگە، ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار ئولتۇرۇۋاتقانلارغا، ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا سالام قىلىشى كېرەك » . (بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە « والصغيرُ على الْكَبِيرِ » « كىچىك چوڭغا »، د ېيىلگەن. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن بويىچە سالام قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭدىكى ھېكمەتنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئىكەنلىكى:

2) مېڭىۋاتقان ئادەم ئۆيگە كىرگەن ئادەمگە ئوخشىتىلىپ، ئۇنىڭ ئاۋۋال سالام قىلىشى ھەقلىق دەپ قارالدى.

3) كىچىكلەر بولسا چوڭلارنى ھۆرمەتلەشكە ۋە ئۇلار ئالدىدا كەمتەر بولۇشقا بۇيرۇلغان.

4) ئۇلاغقا مىنگۈچى بولسا، ئۆزىنىڭ ئۇلاغقا مىنگەنلىكى بىلەن گىدىيىۋالماسلىقى ئۈچۈن، ئاز سانلىق بولسا كۆپ سانلىقنىڭ ھەققىگە ھۆرمەت قىلىش ئۈچۈن ئاۋۋال سالام قىلىدىغانلىقى، چۈنكى كۆپ سانلىقنىڭ ھەققىنىڭ چوڭ بولىدىغانلىقى، ئىسلامدىكى سالام ئەدەبلىرىنىڭ يۇقىرىقىدەك بولىدىغانلىقى.

858. ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إنَّ أوْلىَ النِّاس بالله مَنْ بَدأهم بالسَّلاَم » « كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ تائالاغا ئەڭ يېقىن ئادەم كىشىلەرگە ھەممىدىن ئاۋۋال سالام قىلىدىغان ئادەمدۇر » . ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

تىرمىزىينىڭ ئەبۇ ئۇمامەدىن قىلغان يەنە بىر رىۋايىتىدە مۇنداق دېيىلگەن: « ئى رەسۇلۇللاھ! ئىككى ئادەم ئۇچرىشىپ قالغاندا قايسىسى بۇرۇن سالام قىلىدۇ؟»، دېيىلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ: « أوْلاهُمَا بالله تعالى » « ئۇلاردىن ئاللاھ تائالاغا ئەڭ يېقىن بولغىنى ئالدى بىلەن سالام بېرىدۇ » ، دېدى.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئاللاھ تائالاغا تائەت بىلەن ئەڭ يېقىن تۇرىدىغان كىشى ئۇچراشقان ۋاقىتتا قېرىندىشىغا ئاۋۋال سالام بەرگەن كىشى، چۈنكى ئۇ ئاللاھ تائالانى ئەسلەشتىمۇ ئىلگىرى بولغان ۋە قېرىندىشىنى خۇش قىلىشقىمۇ ئالدىرىغان بولۇپ، ئۆزى ئاللاھنى ئەسلەش بىلەن بىللە قېرىندىشىغىمۇ ئاللاھ تائالانى ئەسلەتكەن كىشى ھېسابلىنىدۇ.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ