135. باب ئۆز ئۆيىگە كىرگەندە سالام قىلىشنىڭ ياخشىلىقى توغرىسىدا
135. باب ئۆز ئۆيىگە كىرگەندە سالام قىلىشنىڭ ياخشىلىقى توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿فَإِذَا دَخَلْتُم بُيُوتًا فَسَلِّمُوا عَلَى أَنفُسِكُمْ تَحِيَّةً مِّنْ عِندِ اللَّهِ مُبَارَكَةً﴾ سىلەر ئۆيگە كىرگەن چېغىڭلاردا ئۆزۈڭلارغا (يەنى ئۆيدىكى كىشىلەرگە) ئاللاھ بەلگىلىگەن پاك سالامنى بېرىڭلار، (يەنى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم) دەڭلار . («قۇرئان كەرىم» سۈرە نۇر 61- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
861. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: « يابُنَّي، إذا دَخَلْتَ عَلى أهْلِكَ فَسَلِّمْ يَكُنْ بَركةً عَلَيْكَ وَعَلَى أهلِ بَيْتِكَ » « ئى ئوغلۇم، قاچانكى، ئۆيۈڭگە كىرسەڭ، سالام قىلىپ كىرگىن، قىلغان سالامىڭ سەن ئۈچۈن ۋە ئائىلەڭ ئۈچۈن بەرىكەت بولىدۇ » ، دېدى. ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئۆز ئوغلى بولمىغان كىشىلەرنى «ئوغلۇم»، دەپ چاقىرىشنىڭ جائىز ئىكەنلىكى. بۇنداق چاقىرىشنىڭ ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق قىلغانلىق ۋە ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەش بولىدىغانلىقى.
2) ئۆز ئۆيىگە كىرگەن كىشىنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە سالام قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى. ئەگەر ئۆيىدە بالا-چاقىلىرى بولمىسا « اَلسَّلام عَلَيْنَا وَعَلَى عِبَادِالله الصّالِحِيْنَ » (سالام بىزگە ۋە ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىگە بولسۇن)، دەپ سالام قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، چۈنكى مۇشۇنداق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇ كىشىگە ۋە ئۇنىڭ ئەھلىگە ئاللاھنى ئەسلىگەنلىكتىن بەرىكەت ياغىدىغانلىقى.