رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى
136. باب كىچىك بالىلارغا سالام قىلىش توغرىسىدا
862. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ كىچىك بالىلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئۇلارغا سالام بېرىپ: « رەسۇلۇللاھ مۇشۇنداق قىلاتتى » ، دېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: سالام، ئەدەپ ئۆگىتىش، شۇنداقلا دىللىرىغا خۇشاللىق بەخش ئېتىش يۈزىسىدىن كىچىك بالىلارغا سالام قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.