137. باب ئەرنـىڭ ئۆز ئايالىـــــغا ۋە مەھـــرەم ئايــال تۇغقانلىرىغا، پىتنە بولۇپ قېلىشىدىن قورقمىسا بىر ياكى كۆپ يات ئاياللارغا سالام قىلىشى ۋە شۇ شەرت بىلەن ئاياللارنىڭ يات ئەرلەرگە سالام قىلىشى توغرىسىدا
863. سەھل ئىبن سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىزنىڭ ئىچىمىزدە بىر ئايال (يەنە بىر رىۋايەتتە بىر قېرى موماي دېيىلگەن.) بار ئىدى. ئۇ چامغۇرنى ۋە ئارپىنى تارتىپ قازىنىغا تاشلاپ قوياتتى. بىز جۈمە نامىزىنى ئوقۇپ قايتىپ كېلىپ ئۇنىڭغا سالام بېرەتتۇق، ئۇ موماي تاماقنى ئالدىمىزغا ئېلىپ كېلەتتى. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئەگەر ئەرلەر پىتنىدىن ئەمىن بولالىسا ياش ياكى ياشانغان ئاياللارغا سالام بەرسە جائىز بولىدىغانلىقى.
864. ئۇممۇ ھانىي رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەككە فەتھ بولغان كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلسەم يۇيۇنۇۋېتىپتۇ، فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىر پارچە كىيىم بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى توساپ تۇرۇپتۇ. مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سالام قىلدىم، دەپ ھەدىسنىڭ داۋامىنى سۆزلىدى.
― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئەگەر ئاياللار پىتنىدىن ئەمىن بولالىسا، ئەرلەرگە سالام بەرسە بولىدىغانلىقى.
865. ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىز بىر نەچچە ئايالنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، بىزگە سالام بەردى.
― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: ئەگەر پىتنىدىن ئەمىن بولالىسا ئەر-ئاياللار بىر-بىرىگە سالام بەرسە جائىز بولىدىغانلىقى، يۇقىرىقى سالام قىلغان ۋە سالام بېرىلگەن كىشىلەر توغرىسىدىكى ھەدىسلەر بۇنىڭغا دەلىل بولالايدۇ.
بۇ ھەقتىكى مەسىلىنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە: 1) يالغۇز ياش ئايالنىڭ ئالدى بىلەن ئەرلەرگە سالام بېرىشى ياكى ئۇلارغا سالام قايتۇرۇشىنىڭ ھارام ئىكەنلىكى.
2) بىر توپ ئاياللار ياكى مومايلارنىڭ ئالدى بىلەن ئەرلەرگە سالام بېرىشى ۋە ئۇلارغا سالام قايتۇرۇشىنىڭ جائىز ئىكەنلىكى، بەلكى ئۇنىڭ تەشەببۇس قىلىنغان ئىش ئىكەنلىكى، شۇنىڭدەك ئەرلەرنىڭ ئالدى بىلەن ئاياللارغا سالام بېرىشى ۋە ئۇلارنىڭ سالىمىنى قايتۇرۇشىنىڭ جائىز ئىكەنلىكى.
3) بىر ئەرنىڭ يالغۇز ياش ئايالغا سالام قىلىشى ياكى ئۇنىڭ سالىمىنى قايتۇرۇشىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى.
4) ئەگەر پىتنىدىن ئەمىن بولالىسا، بىر توپ ئەرلەرنىڭ ياش ئايالغا سالام قىلىشىنىڭ جائىز ئىكەنلىكى.
5) بىر ئەرنىڭ بىر توپ ئاياللارغا سالام قىلىشىنىڭ جائىز ئىكەنلىكى، بەلكى بۇنىڭ ياخشى ھېسابلىنىدىغانلىقى.