رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

138. باب غەيرىي دىندىكىلەرگە ئالدى بىلەن سالام بېرىشنىڭ ھاراملىقى ۋە ئۇلارغا سالامنى قانداق قايتۇرۇش كېرەكلىكى ۋە مۇسۇلمان بىلەن غەيرىي دىندىكىلەر ئارىلاش ئولتۇرغان ســورۇنـدىكى كىـــــشىــــلـــەرگە ســـالام بېـــرىشــــنىڭ ياخشىلىقى توغرىسىدا

866. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لاتَبَدَأوا اليَهُودَ ولا النَّصَارى بالسَّلام، فإذا لَقِيتُم أحَدَهُم في طَرِيق فَاضطّرُّوهُ إلى أضْيَقِهِ » « يەھۇدىي ياكى خرىستىئانلارغا ئالدى بىلەن سالام بەرمەڭلار، ئۇلارنىڭ بىرەرسىگە يولدا ئۇچرىشىپ قالساڭلار، ئۇلارنى بىر چەتتە مېڭىشقا قىستاپ مېڭىڭلار » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

867. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إذَا سَلَّمَ عَلَيكُم أهلُ الكتاب فَقٍُولُوا: وعَلَيْكُمْ » « ئەگەر سىلەرگە ئەھلى كىتاب سالام بەرسە ۋەئەلەيكۇم دەڭلار » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: غەيرىي مۇسۇلمانلارغا « وَعَلَيْكُمْ السَّلآم »، دەپ سالام قايتۇرماستىن، « وَعَلَيْكُمْ »، دەپ سالام قايتۇرۇشنىڭ جائىز ئىكەنلىكى.

868. ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلار بۇتپەرەس مۇشرىكلار، يەھۇدىيلار ئارىلاش ئولتۇرغان بىر سورۇندىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ئۇلارغا سالام قىلدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: سورۇندا غەيرىي مۇسۇلمانلار بولسىمۇ سالام قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ