139. باب سورۇندىن تۇرۇپ كەتكەندە ۋە سورۇنداشلىرى ياكى سۆھبەتداشلىرىدىن ئايرىلغاندا سالام بېرىپ قوپۇشنىڭ ياخشىلىقى توغرىسىدا
869. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إذَا انْتَهَى أحَدُكُم إلى المَجْلسِ فَلْيُسَلِّمْ، فَإذَا أرَادَ أنْ يَقُومَ فَلْيُسَلِّمْ، فَليسْت الأُولى بأَحَقِّ من الآخِرَة » « سىلەردىن بىرەرسىڭلار بىرەر سورۇنغا بارسا سالام قىلسۇن، سورۇندىن تۇرۇپ كەتمەكچى بولسىمۇ سالام قىلسۇن ، كېينكى سالام ئالدىنقى سالامغا قارىغاندا تېخىمۇ تېگىشلىكتۇر» . ― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئۇچراشقان ۋە ئايرىلغان ۋاقىتلاردا سالام قىلىشنىڭ تەشەببۇس قىلىنغان ئىش ئىكەنلىكى.